مېنىڭ ھەج قىلىش شەرتلىرىم ھازىرلاندى، لېكىن ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ھەجنى كېچىكتۈرسەم بولامدۇ؟ ئەگەر بۇ يىل ھەج قىلسام يەنە ئىككى يىلغىچە ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمايدۇ، ھەجنى كېچىكتۇرۇشۇم ياكى ئايالىم ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشۈم كېرەك. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

الحمد للہ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

مۇسۇلمان كىشى ئىمكانىيىتى يەتكەنگە قەدەر ھەج
قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، چۈنكى كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى
بىلمەيدۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ
ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى» ۋە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە:« پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراڭلار،
سىلەرنىڭ بېرىڭلار كېيىن نېمە ئىشلارغا دۈچ كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ» بۇ ھەدىسنى
ئىمام ئەھمەد(1314) رىۋايەت قىلغان. ئەلبانىي ئىرۋائۇل غەلىلدە (990) ھەسەن دېگەن.