مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئولتۇراق ئۆي، ماشىنا قاتارلىق ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان شەخسى نەرسىلىرىگىمۇ زاكات كىلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق
گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى
ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى
بولسۇن.

   
ئۆلىمالار مال-مۈلۈكنى
تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە ئايرىدى:

    بىرىنچى:
ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا
تۇرىدىغان قەغەز پۇللار.

    بۇ
تۈردە نەخپۇل ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا
تۇرىدىغان نەرسىلەر شەرئى ئۆلچەمگە
يىتىپ، بىر يىل ئۆتسە، ئۇنىڭدا 2.5% دىن زاكات
بېرىش پەرز بولىدۇ.

   
ئىككىنچى: مال-دۇنيا، يەنى ئىنسان نەخ پۇلنىڭ
غەيرىدە ئىگە بولغان يەر-زېمىن، ئۆي-جاي،
ماشىنا قاتارلىق كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا
كېرەكلىك بولىدىغان بۇيۇملارنى ئۆز
ئېچىگە ئالىدۇ.

    ئىمام
نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق
دەيدۇ: «لۇغەت ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا (ئەلئەرد)
دېگەن  سۆز (ئەيىننى
زەبەر، رانى ساكىن ئوقۇغاندا) ئالتۇن-كۈمۈش
ۋە ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان
نەخ پۇلدىن باشقا مال-دۇنيانى ئۆز ئېچىگە
ئالىدۇ.

    ئەمما
(ئەيىننى زەبەر ۋە رەنىمۇ
زەبەر ئوقۇغاندا ئالتۇن-كۈمۈش ۋە
باشقا بارلىق مال-دۇنيانى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ».
[ئەلپاز ئەتتەنبىھ ناملىق ئەسەر 114-بەت. ئەلئەزھەرىينىڭ
ئەززاھىر فى غەرىب ئەلفاز ئەششاپىئىي ناملىق
ئەسىرىنىڭ 108-بېتىگە قارالسۇن].

    ئىنسان
ئىگە بولغان يەر-زېمىن، چارۋا ماللار، ئۆي
سايمانلىرى، كىيىم-كېچەك، كىتاپ قاتارلىق
نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەرەب تىلىدا (ئەرد
ياكى ئۇرۇد) دېيىلىدۇ، بۇ تۈردىكى ماللارغا
زاكات كەلمەيدۇ ئەمما ئۇنىڭدا
تىجارەتنى مەقسەت قىلسا زاكات كېلىدۇ.

    مۇسۇلمان
كىشى تىجارەتنى مەقسەت قىلىپ توپلىغان مال-دۇنيالىرى
بولسا يەر-زېمىن بولسۇن ياكى چارۋا ماللار بولسۇن،
كىگىز-گىلەملەر بولسۇن ياكى توك سايمانلىرى، ماشىنا سايمانلىرى،
كىتاب ماتېرىياللىرى، يېمەك-ئىچمەك، ئۇن، ماي،
گۈرۈچ قاتارلىق ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى،
كىيىم-كېچەك، رەخ، توقۇلمىلىرى، قۇرۇلۇش
ماتېرىياللىرى، ماشىنا ئىلىپ سېتىش تىجارىتى قاتارلىق
نەرسىلەردە زاكات پەرز بولىدۇ. بۇ توغرىدا
130487
نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تىجارەت
ماللىرىغا زاكات بېرىش توغرىسىدا تەپسىلى سۆزلەپ
ئۆتتۇق.

    ئەمما
تىجارەتنى مەقسەت قىلمىغان مال-دۇنيالىرى بولسا
يەنى ئۆزى ئىشلىتىدىغان ياكى ئائىلىسىدىكىلەر ئىشلىتىدىغان
كىيىم-كېچەك، زىلچا-گىلەم، ماشىنا، ھارۋا،
تۇرالغۇ ئۆي ياكى ئىجارىسىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن
ئىجارىگە بەرگەن ئۆي-زېمىن، كىراغا
سېلىۋاتقان ماشىنا قاتارلىق نەرسىلەر بولسا
بۇنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولسۇن بارلىق ئۆلىمالارنىڭ
قارىشىدا بۇ تۈردىكى مال-دۇنياغا زاكات
كەلمەيدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: ئەبۇ
ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن
بايان قىلغان ھەدىستە،
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مۇسۇلماننىڭ مىنىدىغان
ئىتى ۋە خىزمەتچىسىنىڭ قىيمىتىگە زاكات
كەلمەيدۇ،»
دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 1463-ھەدىس. مۇسلىم
رىۋايىتى 982-ھەدىس].

    ئىبنى
مۇلەققىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق
دەيدۇ: «بۇ ھەدىس مۇسۇلماننىڭ
تىجارەتنى مەقسەت قىلماستىن ئۆزى پايدىلىنىدىغان بارلىق
نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدىغانلىقىدىكى ئەسلى
قائىدەدۇر». [ئەتتەۋدىھ شەرھى
جامىئۇس سەھىھ ناملىق ئەسەر 10-توم 448-بەت].

    ئىبنى
ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق
دەيدۇ: «بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پىقھى
ھۆكۈمدە: مىنىدىغان ئات ۋە ئىش قىلىدىغان
خىزمەتچىگە زاكات كەلمەيدۇ،
ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا: ئالتۇن-كۈمۈش ياكى ئۇنىڭ
ئورنىدا تۇرىدىغان پۇلدىن باشقا كىيىم-كېچەك،
زىلچا-گىلەم، ئائىلە سايمانلىرى، دىخانچىلىق سايمانلىرى،
ئۇنچە-مارجان، ئۆي-زېمىن، ئېشەك-خىچىر
قاتارلىق نەرسىلەر خىزمەتچى بىلەن ئاتنىڭ ھۆكمىگە
قىياس قىلىنىدۇ. ئۆلىمالارنىڭ كۆزقارىشىدا يۇقىرىقى
نەرسىلەردە تىجارەتنى مەقسەت قىلمىسىلا زاكات
كەلمەيدۇ.» [ئەتتەمھىيد ناملىق
ئەسەر 17-توم 125-بەت].

    ئىمام
نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق
دەيدۇ: «يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس
مۇسۇلماننىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان
نەرسىلىرىگە تىجارەتنى مەقسەت قىلمىسىلا زاكات
كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاساسلىق قائىدىدۇر. ئىلگىرىكى
ۋە كېيىنكى بارلىق ئۆلىمالارمۇ شۇنداق
دېگەن». [مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 7-توم
55-بەت].

    ئىمام
ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق
دەيدۇ: «ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بويىچە
مۇسۇلماننىڭ تىجارەتنى مەقسەت قىلماستىن
ئۆزى ئىشلىتىدىغان: ئۈنچە-مارجان، لەلى-ياقۇت،
قاچا-قۇچا، قازان-قومۇچ، كىيىم-كېچەك،
قوغۇشۇن ياكى تۆمۈر، تۇچ قاچا قاتارلىق مال-دۇنيالىرىغا
زاكات كەلمەيدۇ». [ئەل مۇھەللا بىلئاسار
ناملىق ئەسەر 4-توم 13-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   
سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: «مۇسۇلماننىڭ تىجارەتنى مەقسەت قىلماستىن ئۆزى
مەنپەئەتلىنىدىغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەخ پۇلدىن باشقا
بارلىق مال-دۇنيالىرىغا زاكات كەلمەيدۇ».