ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىر ھەققىدە ئىسلام كۆز قارىشىنى چۈشەندۈرۈپ قويالامسىز ؟ بۇ تىما توغىرسىدا مەن نىمىگە ئىشىنىشىم لازىم؟
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن
بىز ئىسلامنىڭ ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىر ھەققىدىكى قارىشىنى ئۇزۇن سۆزلىمەيمىز .
بىراق بۇ ماۋزۇنى چۈشىنىشكە ئوڭاي بولۇش ئۈچۈن ، بۇ تىمىنىڭ ئومۇمى بايانى بىلەن
باشلايمىز . ئاندىن مۇمكىنقەدەر كۆپ چۈشەنچە بىرىمىز . بۇ ئارقىلىق ئاللاھتىن بىزگە
مەنپەئەت بىرىشىنى ، تىرىشچانلىقلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمىز:
بىلگىنكى ، ئىلاھى خاھىش ھەققىدە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى _ بۇ كائىناتتا يۈز بىرىدىغان
ھەر قانداق ئىش ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن يۈز بىرىدۇ دەپ جەزمەن
ئىشىنىش .
تەقدىر( ئىلاھى ئورۇنلاشتۇرۇش ) ھەققىدە ئىشىنىش : ئۇ بولسا ئىيماننىڭ ئالتىنچى
تۈۋرىكى ھەمدە ئۇنىڭسىز ئىمان مۇكەممەل بولمايدۇ . سەھىيھ مۇسلىمدا(8) ئىبنۇ
ئۇمەردىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەقدىرنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى
ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : » ئەگەر مەن بۇ كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ قالسام
، مەن ئۇلارغا : مىنىڭ ئۇلاردىن ئادا-جۇدالىقىمنى ، ئۇلارنىڭ مىنىڭدىن
ئادا-جۇدالىقىنى دەيمەن . ئابدۇللاھ بىن ئۇمەر قەسەم قىلىدىغان زات بىلەن قەسەمكى ،
ئەگەردە ئۇلارنىڭ بىرىدە ئۇھۇد تېغىغا تەڭ كىلىدىغان ئالتۇنى بولسا ۋە ئۇنى خىراجەت
قىلسا ، ئۇ تەقدىر ھەققىدە ئىشەنگەنگە قەدەر ، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ
. » دىدى . ۋە يەنە شۇنى بىلىش كىرەككى ، سىز تەقدىرنىڭ تۆت تەرىپىگە ئىشەنمىگۈچە ،
سىزنىڭ تەقدىرگە بولغان ئىشىنىشىڭىز توغرا ئەمەس ، ھەمدە ئۇلار تۆۋەندىكىچە :
1- ئاللاھنىڭ ھەممە ئىشلارنى ئەزەلدىن ۋە مەڭگۈ ئومۇميۈزلۈك ، تەپسىلىي
بىلىدىغانلىقىغا ، شۇڭا ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى بىر ئاتوم مىقدارى نەرسىمۇ
ئۇنىڭغا نامەلۇم ئەمەسلىكىگە ئىشىنىش .
2- ئاللاھنىڭ بارلىق ئىشلارنى ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن
لەۋھۇل مەھفۇزدا پۈتكەنلىكىگە ئىشىنىش .
3- ئاللاھنىڭ خاھىشىغا قارشى تۇرغىلى بولمايدىغانلىقى ، ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىنىڭ
ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكى ، شۇڭا كائىناتتىكى ھەرقانداق نەرسە ياخشى ياكى ئەسكى بولسۇن
ئۇنىڭ خاھىشى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش .
4- بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقى ، شۇڭا ئۇنىڭ بارلىق
شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ،ۋە ئىش-ھەركەتلىرىنى ياراتقۇچى
ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش . خۇددى ئاللاھ ئېيىتقاندەك : « ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ
پەرۋەردىگارىڭلار . ئۇنىڭدىن بۆلەك ئىلاھ يوق ، بارلىق شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى . »
[ ئەنئام ( چاھارپايلار) : 102 ]
تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ توغرا بولۇشى مۇنۇ ئىشىنىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
– بەندىنىڭ خاھىشى ۋە ئەركىنلىكى بار بولۇپ ، ئۇ ئارقىلىق ئىش-ھەركەتلىرىنى ئەمەلگە
ئاشۇرىدۇ . خۇددى ئاللاھ دىگەندەك : « سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن توغرا مىڭىشنى
خالايدىغانلارغىلا » [ تەكۋىير : 28 ] ، « ئاللاھ بىرسىگە ئۇنىڭ تاقىتىدىن سىرتىنى
يۈكلىمەيدۇ .» [ بەقەرە( ئىنەك ) : 286]
– بەندىنىڭ خاھىشى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرشىنىڭ
سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدىغانلىقى ، ھەمدە ئۇ بولسا بەندىگە ئۇنى بەرگەن ، ۋە ئۇنى (
ئاق-قارىنى) پەرىقلەندۈرۈشكە قادىر قىلغان ۋە ئىختىيارلىقنى بەرگەن زات . خۇددى
ئاللاھ دىگەندەك : « ھەمدە سىلەر دۇنيالار ( ئاللاھتىن باشقا ، ئىنسانلار دۇنياسى ،
جىنلار دۇنياسى ۋە باشقا دۇنيالار) نىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىمىسا
خالىيالمايسىلەر .»
[ تەكۋىير: 29 ]
– تەقدىرنىڭ ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ھەققىدىكى سىرى ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭدىن بىزگە
ئايان بولغانلىرىنى بىلىمىز ۋە ئىشىنىمىز . بىزگە يۇشۇرۇن بولغانلىرىنى قوبۇل
قىلىمىز ۋە ئىشىنىمىز . بىزنىڭ چەكلىك ئەقلىمىز ۋە ئاجىز چۈشىنىشىمىز بىلەن
ئاللاھنىڭ ھەركەتلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرى توغىرسىدا مۇنازىرلەشمەيمىز . بەلكى
ئاللاھنىڭ مۇكەممەل ئادىللىقى ۋە يۈكسەك ئاقىلانىلىقىغا ئىشىنىمىز . ھەمدە ئۇ
قىلغان ئىشلىرى توغىرسىدا سۇئال-سوراق قىلىنمايدۇ . ئۇ پاك ، مەدھىيە ئۇنىڭغا
بولسۇن .
بۇ بولسا توغرا يوللۇق پىشقەدەملەر( سەلەفەر) نىڭ بۇ مۇھىم تىما ھەققىدىكى
ئىتىقادىنىڭ خۇلاسىسى . بىز تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر قىسمىنى تىخىمۇ تەپسىلىي مۇزاكىرە
قىلىمىز . ھەمدە ئاللاھتىن توغرىسىنى دىيىشكە مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز :
بىرىنچى : ئىلاھى خاھىش( قازا) ۋە تەقدىر( قەدەر) نىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى :
قازا نىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى : نەرسىنى پۇختىلاش ، ئىشنى تاماملاش . قەدەرنىڭ بولسا :
باھالاش ، ئورۇنلاشتۇرۇش .
ئىككىنچى : ئۇلارنىڭ شەرىئەتتىكى مەنىسى :
قەدەر( تەقدىر) بولسا : ئاللاھنىڭ شەيئىلەرنى ئەزەلدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى ، ئۇنىڭ
ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ نەزىرىدىكى مۇئەييەن ۋاقىتلاردا ۋە ئاللاھ خالىغان ۋە پۈتكەن مەخسۇس
سۈپەتلەردە يۈز بىرىدىغانلىقىنى بىلىشى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە
يارىتىلىشى بويىچە يۈز بىرىدىغانلىقى .
ئۈچۈنچى : ئىلاھى خاھىش( قازا) بىلەن تەقدىر ئوتتۇرسىدا پەرىق بارمۇ ؟
بەزى ئالىملار ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا پەرق بار دىدى . بىراق ئەڭ توغرا قاراش ئۇلارنىڭ
ئوتتۇرسىدا مەنە جەھەتتىن پەرق يوق . ھەمدە ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ مەنىسىنى
كۆرسىتىدۇ . ھەمدە كىتاب ۋە سۈننەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەرق بارلىقىنى كۆرستىدىغان
ئىنىق دەلىل يوق . ئالىملار بىرسىنىڭ يەنە بىرسىنىڭ ئورنىدا قوللۇنىلىدىغانلىقىغا
بىرلىككە كەلدى . بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى ، بۇ ئىماننىڭ بۇ تۈۋرىكىگە
ئىشىنىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى كۆرسىتىدىغان قۇرئان ۋە ھەدىيس تېكىستلىرىدە قەدەر( تەقدىر)
سۆزى ئەڭ كۆپ كىلىدۇ . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
تۆتىنچى : تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى :
تەقدىرگە ئىشىنىش ئىماننىڭ ئالتە تۈۋرىكىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ جەبرائىل
پەيغەمبىرىمىزدىن( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئىمان ھەققىدە
سورىغاندا ، ئۇنىڭ سۆزلىرىدە تىلغا ئىلىنغان . ئۇ مۇنداق دىگەن : « ئۇ بولسا
ئاللاھقا ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ، ئەلچىلىرىگە ، كىتاپلىرىغا ، ئاخىرەت كۈنىگە
ھەمدە قەدەر( تەقدىر) نىڭ ياخشىسى ۋە يامىنىغا ئىشىنىشىڭ . » [ ئۇنى مۇسلىم نەقىل
قىلغان ،8 ] قەدەر( تەقدىر) قۇرئاندىمۇ تىلغا ئىلىنغان : « بىز ھەقىقەتەن ھەممە
شەيئىنى قەدەر( بارلىق شەيئىلەرنىڭ يارىتىلىشتىن بۇرۇنقى تەقدىر كىتابى لەۋھۇل
مەھفۇزدا پۈتۈلگەن ئىلاھى ئالدىن بەلگىلەش ) بىلەن ياراتتۇق . »
[ قەمەر( ئاي ) : 49 ] ، « ھەمدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بەلگىلىنىپ بولغان قەدەر(
تەقدىر) بولدى .» [ ئەھزاب( قوشۇنلار) : 38 ]
بەشىنچى : تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ تەرەپلىرى :
بىلىڭكى ، ئاللاھ سىزنى ئۇنىڭ رازىلىقىغا نىسىپ قىلسۇن . تەقدىرگە ئىشىنىش
تۆۋەندىكى تۆت تەرەپكە ئىشەنمىگۈچە تولۇق بولمايدۇ :
ئا- بىلىش : يەنى ئاللاھنىڭ بىلىمى بارلىق شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ،
ئاسمانلاردىكى ۋە ياكى زىمىندىكى بىرەر تال ئاتوممۇ ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ سىرتىدا
ئەمەسلىكىگە ئىشىنىش . ئاللاھ ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرىنى ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن
بىلەتتى ھەمدە ئۇ ئۇلارنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ۋە مەڭگۈلۈك بىلىمى بىلەن
بىلەتتى . بۇنى كۆرسىتىدىغان دەلىلەر كۆپ ، ئۇلاردىن : « ئۇ بولسا ئۇنىڭدىن باشقا
ئىلاھ يوق ئاللاھ . ئۇ كۆرۈنمەس ۋە كۆرۈنىدىغاننى بىلگۈچى .» [ ھەشىر( سۈرگۈن قىلىش
) : 22] ،« ھەمدە ئاللاھ بالىق شەيئىلەرنى بىلىش بىلەن ئوراپ تۇرىدۇ .» [ تالاق :
12]
ئە-پۈتۈش : يەنى ئاللاھ بارلىق يارىتىلمىلارنىڭ مىقدارىنى لەۋھۇل مەھفۇزغا
پۈتكەنلىكىگە ئىشىنىش . بۇنىڭ دەلىلى : « بىلمەمسەنكى ، ئاللاھ ئاسماندىكى ۋە
زىمىندىكى بارلىق نەرسىنى بىلىدۇ . ھەقىقەتەن ئۇلار كىتاپتا بار ، ھەقىقەتەن ئۇلار
ئاللاھقا ئاسان .» [ ھەج: 16 ] ، پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنۇ سۆزى : « ئاللاھ بارلىق يارىتىلمىلارنىڭ مىقدارلىرىنى
ئاسمانلار ۋە زىمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن پۈتكەن .» [ مۇسلىم نەقىل قىلغان
، 2653 ]
ب- ئىرادە قىلىش ۋە خالاش : يەنى بۇ كائىناتتا يۈز بىرىدىغان بارلىق نىمە ئاللاھنىڭ
خاھىشى بىلەن يۈز بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش . شۇڭا ئاللاھ خالىغان نىمە بولىدۇ ، ئۇ
خالىمىغان نىمە بولمايدۇ ، ھەمدە ھىچ نەرسە ئۇنىڭ ئىرادىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ .
ئۇنىڭ دەلىلى : « مەن ئەتە مۇنداق-مۇنداق ئىش قىلماقچى دەپ ھەرگىز بىرنىمە دىمە !
پەقەت ئاللاھ خالىسانى ( قوشۇپ دىگىن) » [ كەھىف( ئۆڭكۈر) : 23-24 ] ، « سىلەر
دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىمىغۇچە خالىيالمايسىلەر .» [ تەكۋىير : 29 ]
پ _ يارىتىش : يەنى ئاللاھنىڭ بارلىق شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى ، ھەمدە ئۇ بەندىلەرنىڭ
ئىش-ھەركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، شۇڭا بۇ كائىناتتا قانداق نەرسە يۈز بەرمىسۇن
، پەقەت ئۇ ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى دەپ ئىشىنىش . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ئاللاھ بولسا
بارلىق شەيئىنىڭ ياراتقۇچىسى .» [ زۇمەر( كىشىلەر توپى ) : 62] ، « ھەمدە ئاللاھ
سىلەرنى ۋە سىلەر قىلىۋاتقان نىمىنى ياراتتى .» [ ساففات( سەپ بولۇپ تۇرغۇچىلار) :
96 ]
ھەمدە پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنۇ سۆزى :
« ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەر بىر ياسىغۇچى ۋە ئۇنىڭ ياسىغىنىنى ياسايدۇ .»
[ ئۇنى بۇخارىي بەندىلەرنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنىڭ يارىتىلىشى بابىدا( 25) ، ھەمدە
ئىبنۇ ئەبۇ ئاسىم « سۈننەت» تە(257، 358) چىقارغان . ھەمدە ئەلبانىي سەھىيھەدە ئۇنى
سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 1637 ]
پېشىۋا ئىبنۇ سەئېدىي مۇنداق دىگەن : ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنى ، يەنى ئىنسانلارنى
ياراتقۇچى بولغىنىدەك ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارلىرى ۋە ئىرادىلىرىدىن ئىبارەت ئۇلار
مۇشۇلار ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان نىمىلەرنمۇ ياراتقۇچى ؛ ئاندىن ئۇلار بولسا
بويسۇنۇش ۋە ئاسىيلىق قىلىشتىن ئىبارەت ھەر خىل ئىش-ھەركەتلەرنى ئاللاھ ياراتقان
ئىقتىدارلىرى ۋە ئىرادىلىرى بىلەن قىلىدۇ .
[ دۇررەتۇل بەھىييە شەرھى قەسىيدەتۇت تائىييە ، 18-ب ]
تەقدىر مەسىلىلىرى توغىرسىدا ئەقىلگە تايىنىپ بەس-مۇنازىرە قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش
:
تەقدىرگە ئىشىنىش بولسا بىر ئادەمنىڭ ئاللاھقا توغرا يۇسۇندا ئىشىنىش دائىرسىدە بىر
ھەقىقى سىناق بولۇپ ، ئۇ ئىنساننىڭ پەرۋەردىگارىنى قانچىلىك بىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ
بىلىمدىن كىلىپ چىقىدىغان ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ ، مۇكەممەل سۈپەتلىرىگە قەتئىي
راست ئىشىنىدىغانلىقىنى كۈچلۈك سىناش . چۈنكى ئۇ چەكلىك ئەقلىنى ئۇنى چۈشىنىشكە
قويۇۋەتكەن كىمگە نۇغۇن سۇئاللارنى تۇغدۇرىدۇ . تەقدىر مەسىلىسىدە نۇرغۇن
ئىختىلاپلار بولدى ھەمدە كىشىلەر بەس-مۇنازىرىگە ، ۋە ئۇنى تلغا ئالغان قۇرئان
ئايەتلىرىنى خاتا چۈشەندۈرۈشكە چۈشۈپ كەتتى . ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ ھەر بىر
دەۋىردىكى دۈشمەنلىرى تەقدىر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا شەك-شۈبھىلەرنى
ئارلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىدە قايمۇقۇشنى قوزغاپ كەلدى . شۇنىڭ
بىلەن ئاللاھنى ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە يۈكسەك سۈپەتلىرى بىلەن تونۇيدىغان ،
كۆڭلى خاتىرجەم ھالدا ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدىغان ۋە پەرۋەردىگارىغا ئىشەنچ
بىلەن قارايدىغان كىشىدىن باشقا ھىچكىمدە توغرا ئىيمان ۋە قەتئىي ئىشىنىشنىڭ
بارلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى . شۇڭا ئاشۇنداق بولغاندىلا
ھىچقانداق شۈبھىلەر ۋە شەكلەر ئۇنىڭ قەلبىگە كىرىشكە يول تاپالمايدۇ ، مانا بۇ
شۈبھىسىزكى تەقدىرگە ئىشىنىشنىڭ ئىماننىڭ باشقا تۈۋرۈكلىرىگە قارىغاندا تىخىمۇ
مۇھىملىقىغا ئەڭ چوڭ دەلىل . ھەمدە ئىنسان ئەقلى مۇستەقىل ھالدا تەقدىرنى
چۈشىنەلمەيدۇ ، چۈنكى تەقدىر ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى توغىرسىدىكى سىرلىرىنىڭ بىرى .
شۇڭا ئاللاھ كىتابىدا ياكى ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا
بولسۇن ) تىلى بىلەن بىزگە ئىچىۋەتكىنىنى بىلىمىز ، ئۇنى قوبۇل قىلىمىز ۋە ئۇنىڭغا
ئىشىنىمىز . ھەمدە پەرۋەردىگارىمىز بىزگە دىمىگەنلىرىگە ئىشىنىمىز ھەمدە ئۇنىڭ
مۇكەممەل ئادىللىقى ۋە ۋايىغا يەتكەن دانالىقىغا ئىشىنىمىز . ھەمدە ئۇ پاك ئاللاھ
قىلغىنىدىن سۇئال-سوراق قىلىنمايدۇ ، بەلكى ئۇلار سوئال-سوراق قىلىنىدۇ . ھەمدە
ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ ، ئاللاھ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەدنى ۋە ئائىلىسىنى ،
ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ( ساھابىلەرنى ) تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .
[ « ئەئېلام سۈننەتۇل مەنشۇرە» 147 ، پېشىۋا د. ئابدۇررەھمان مەھمۇدنىڭ « كىتاب ۋە
سۈننەت يورۇقىدا ئىلاھى خاھىش ۋە تەقدىر » ، پېشىۋا مۇھەممەد ھەمدنىڭ « ئىلاھى
خاھىش ۋە تەقدىرگە ئىشىنىش » كە قاراڭ ]
