مىنىڭ بىر غەلىتە سۇئالىم بار . مىنىڭ ئەقىدەم – ئادەم ئۆلسە ئۇ ئاڭلىمايدۇ ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ جەسىدى ئىشلىتىلمەيدىغان نەرسگە ئايلىنىدۇ . لىكىن ھەدىيسكە ئاساسلانغاندا ، قەبرىدە ئازاپ بار ، بۇ جەسەد يەنىلا ھايات دىگەننى ئۇقتۇرامدۇ ؟ ۋە شۇنىڭدەك ، قۇرئاندا شەھىيدلەرنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقى كەلگەن . ۋە يەنە مۇسلىمنىڭ بىر ھەدىيسىدە پەيغەمبەرنىڭ ئەبۇ جەھىل ، ئۇمەييە ۋە باشقىلارنىڭ جەسىتىنى چاقىرغانلىقى ، ھەمدە ئۇمەرنىڭ ئۇنىڭدىن : » ئۆلۈكلەر سۆزۈڭنى قانداق ئاڭلىيالايدۇ ؟» دەپ سورىغاندا ، پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئاڭلىيالايدۇ ، لىكىن جاۋاپ قايتۇرالمايدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكى قەيىت قىلىنغان . ھۆرمەت بىلەن سۇئالىمغا تەپسىلىي جاۋاپ بەرسەڭلار .
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن
1- سۇئالدا تىلغا ئىلىنغان ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىكلەرنىڭ ھىچقانداق سۆزىنى
ئاڭلىيالمايدىغانلىقى – ھەقىيقەت ۋە راست . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « بىراق سەن
قەبرىلەردىكىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن .» [ فاتىر ( ياراتقۇچى ) : 22 ]
« شۇڭا جەزمەنكى ، سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن .» [ رۇم : 52 ]
2- ئەھلۇ سۈننەت ۋە جامائەتنىڭ ئىتىقادىنىڭ بىرى بولسا قەبرىدە ئازاپ ۋە قيناش بار
ھەمدە بەرزەختە ( ئۆلۈم بىلەن قىيامەت ئارىسىدىكى مەزگىل) ياشاش بار ۋە شۇنىڭدەك
ئۆلگۈچىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن نىئېمەت ۋە راھەت بار . ئۇنىڭ دەلىلى : ئاللاھنىڭ
فىرئەۋىن خەلقى ھەققىدىكى مۇنۇ سۆزى : « ظذلار ظةتعضعنع- ظاخشعمع ظوتقا توغرعلعنعص
تذرعدذ، قعيامةت قايعم بولغان كىندة: «ظع صعرظةؤن جاماظةسع! ظازابنعث ظةث قاتتعقعغا
(دوزاخ ظوتعغا) كعرعثلار!» » [ غافىر( كەچۈرگۈچى) : 46 ]
ئاللاھ بۇ يەردە بايان قىلىدۇكى، پىرئەۋىن خەلقى گەرچە ئۆلۈك بولسىمۇ ، ئەتتىگەن ۋە
كەچتە ئازاپقا تۇتىلىدۇ . بۇ ئايەتتىن ئالىملار قەبرىدىكى ئازاپنىڭ ھەقىقىلىقىنى
مۇقەررەرلەشتۈردى .
ئىبنۇ كەسىير مۇنداق دىگەن :
بۇ ئايەت ئەھلۇ سۈننەتنىڭ قەبرىلەردىكى بەرزەخ ئازابىغا دەلىل قىلىشقا چوڭ ئاساس .
ئۇ بولسا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى : « ئوت، ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئۇلار ئۇنىڭغا تۇتىلىدۇ
.»
[ ئىبنۇ كەسىير تەپسىرى ، 4 82 ]
پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئايالى ئائىشەنىڭ
ھەدىيسىدە ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا
بولسۇن)نامىزىدا مۇنداق دۇئا قىلغانىدى: « ئى ئاللاھ ، سىنىڭدىن قەبرە ئازابىغا
پاناھلىق تىلەيمەن . دەججالنىڭ پىتنىسىگە سىنىڭدىن پاناھلىق تىلەيمەن . ھايات ۋە
ئۆلۈمنىڭ سىناقلىرىغا سىنىڭدىن پاناھلىق تىلەيمەن . ئى ئاللاھ ، گۇناھ ۋە قەرىزگە
سىنىڭدىن پاناھلىق تىلەيمەن . »[ ئۇنى بۇخارىي ( 798) ، مۇسلىم ( 589) نەقىل قىلغان
.]
بۇ ھەدىيستىكى مۇناسىۋەتلىك نۇقتا : پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قەرە ئازابىغا پاناھلىق تىەلەيدىغانلىقى بولۇپ ، بۇ قەبرە
ئازابىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرنىڭ بىرى . مۇئېتەزىلە ۋە باشقا بىر قىسىم
مەزھەپلەردىن باشق اھىچكىم قەبرە ئازابىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئىختىلاپلاشمىدى ،
ئۇلارنىڭ ئىختىلاپى دىققەت قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ .
3- پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بەدرى جىڭى
كۈنىدە مۇشرىكلارنىڭ جەسەدلىرىنى چاقىرغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىيسكە كەلسەك ، بۇ
ئالاھىدە ئەھۋال دەپ چۈشىنىلىدۇ . يەنى ئاللاھ ئۇلارنى پەيغەمبىرىگە ( ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇلارنى رەسۋا قىلىش ، ئۇلارغا خارلىق ۋە
پەسلىكنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈپ بەرگەن :
ئا : ئىبنۇ ئۇمەردىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بەدرى ئازگىلى ئۈستىدە تۇردى ، ۋە : « سىلەر
پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەدىسىنىڭ راستلىقىنى بايقىدىڭلارمۇ ؟ » دىدى . ئاندىن ئۇ : «
ئۇلار ھازىر مىنىڭ دەۋاتقىنىمنى ئاڭلىيالايدۇ .» دىدى .
[ ئۇنى بۇخارىي ( 3980) ، مۇسلىم( 932) نەقىل قىلغان .]
ب : ئەبۇ تەلھەدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇمەر مۇنداق دىگەن : » ئى ئاللاھ ئەلچىسى ،
سەن نىمىشقا جىنى يوق جەسەتلەرگە گەپ قىلىسەن ؟ » ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىدى: « مۇھەممەدنىڭ جىنى ئۇنىڭ
قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم، سىلەر مىنىڭ نىمە دەۋاتقىنىمنى ئۇلاردىن ياخشىراق
ئاڭلىمايسىلەر .» قەتادە مۇنداق دىدى : » ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈردى ، شۇنىڭ بىلەن
ئۇلارنى ئەيىپلەش ، پەس قىلىش ۋە ئۇلارنى پۇشايمان ۋە نۇمۇس ھىس قىلدۇرۇش يۈزسىدىن
ئۇلارغا ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاتتى . »
[ ئۇنى بۇخارىي ( 3976) ، مۇسلىم( 2875) نەقىل قىلغان ]
فەتھۇل بارىي 7 304 كە قاراڭ .
بۇ يەردىكى مۇناسىۋەتلىك نۇقتا : ئاللاھ ئازگال كىشىلىرىگە پەيغەمبىرىنىڭ (
ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) سۆزىنى ئۇلارنى خار قىلىش ۋە
رەسۋا قىلىش ئۈچۈن ئاڭلاتتى . بىراق بۇ ھەدىيسنى ئۆلۈك ھەرقانداق نەرسىنى ئاڭلايدۇ
دىيىشكە دەلىل قىلىش توغرا ئەمەس ، چۈنكى ئۇ ئازگال كىشىلىرىگە خاس . پەقەت بىر
قىسىم ئالىملار ئۆلۈكنىڭ سالامنى ئاڭلايدىغانلىقىنى ئۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلدى ، لىكن
بۇ ئىنىق ، توغرا پاكىتى يىتەرسىز قاراش .
4- ئەڭ توغرا ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا ، قەبرە ئازابى روھ ۋە بەدەننىڭ
ھەر ئىككىلىسىگە بولىدۇ .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە مۇنداق دىگەن :
» بۇ ئۇممەتنىڭ پىشقەدەملىرى ( سەلەفلەر) ۋە ئىماملىرىنىڭ قارىشى بولسا ئازاپ ياكى
راھەت ئۆلۈكنىڭ روھى ۋە بەدىنىگە يۈز بىرىدۇ ، ھەمدە روھ بەدەندىن ئايرىلغاندىن
كىيىن راھەتلىنىش ياكى جازالىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە بەزى-بەزىدە ئۇ بەدەن بىلەن
ئۇچرىشىدۇ . شۇڭلاشقا نىئېمەت ياكى ئازاپ ھەم بەدەنگە ھەم روھقا بولىدۇ . » شۇڭا
بىز ئاللاھ ئېيىتقان نىمىلەرگە ئىشىنىشىمىز لازىم .
[ ئىختىيارات ئەل فىقھىييە ،94 -ب]
ئىبنۇ قەييىم مۇنداق دىگەن :
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە بۇ ھەقتە سورالدى ، بىز ئۇنىڭ جاۋابىنى تولۇق
ئوتتۇرغا قويىمىز :
» ئەھل سۈننەت ۋە جامائەتنىڭ بىردەك پىكىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئازاپ ۋە نىئمەت روھ
ۋە بەدەننىڭ ھەر ئىككىلىسىگە بولىدۇ . روھ بەدەندىن ئايرىم ئازاپلىنىدۇ ياكى
نىئېمەتلىنىدۇ . بەدەن روھقا ئۇلىنىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەھۋالدا ، نىئېمەت ياكى
ئازاپ ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە بولىدۇ . ھەمدە ئۇ بەدەندىن ئايرىم روھقا بولىدۇ.
ئۇممەتنىڭ پىشقەدەملىرى ۋە ئىماملىرىنىڭ مەزھىپى :
بىر ئادەم ئۆلگەندە ،ئۇ نىئېمەتلىنىش ياكى ئازاپلىنىش ھالىتىدە بولىدۇ . ھەمدە ئۇ
ئۇنىڭ روھى ۋە بەدىنىگە بولىدۇ . روھ بەدەندىن ئايرىغان چاغدا ئۇ ئازاپلىنىش ياكى
نىئېمەتلىنىش ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ . ۋە بەزىدە ئۇ بەدەنگە ئۇلىنىدۇ ، شۇنىڭ
بىلەن ئازاپ ياكى راھەت ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە بولىدۇ . ئاندىن قىيامەت بولغاندا
، روھلار بەدەنلىرىگە قايتۇرلىدۇ ھەمدە ئۇلار دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن
ئۇچرىشىشقا قەبرىلىرىدىن قوپىدۇ . بەدەننىڭ قايتا جانلىنىشى بولسا مۇسۇلمانلار ،
يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىئانلارنىڭ ئورتاق قارىشى .
[ « روھ » 51، 52 _ب ]
ئالىملار ئۇنى ئۇيقۇدىكى چۈشكە ئوخشىتىدۇ ، چۈنكى ئادەم مىڭىپ ، سەپەر قىلىپ
چۈشەيدۇ ھەمدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىدا ۋە مۇشۇ دۇنيادا تۇرۇپ ، ئۇيقۇ ھالەتتە خۇشاللىق
، ياكى خاپىلىق ۋە قايغۇرۇش ھىس قىلىدۇ . شۇڭا بەرزەخ ھاياتىدا نەرسىلەرنىڭ ھەرخىل
بولۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق . ھەمدە ئۇ دۇنيا ھاياتى ۋە ئاخىرەت ھاياتىدىن پۈتۈنلەي
پەرىقلىنىدىغان ھايات .
نەۋەۋىي مۇنداق دىگەن :
ئەگەر : » بىز ئۆلۈكنى ۋە ئۇنىڭ قەبرىدىكى ئەھۋالىنى كۆرىمىز ، شۇڭا ئۇ قانداق
سۇئال-سوراق قىلىنىدۇ ، ئولتۇرغۇزىلىدۇ ، ۋەتۆمۈر بازغانلار بىلەن ئۇرىلىدۇ .
ھالبۇكى ، ئۇنىڭدا ھىچقانداق ئىز يوق .؟ جاۋاپ شۇكى ، بۇ مۇمكىنسىز ئىش ئەمەس ،
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار بار ، يەنى
ئۇخلىغۇچى خۇشاللىق ياكى ئاغرىق ھىس قىلىدۇ . لىكىن بىز ھىچنىمىنى تۇيمايمىز .
شۇنداقلا بىر ئويغاق ئادەم ئۇ ئاڭلىغان ياكى ئويلىغان ئىشلار تۈپەيلى خۇشاللىق ياكى
خاپىلىق ھىس قىلىدۇ ، ئۇنىڭ يىنىدا ئولتۇرغان كىشىلەر ھىچ نەرسىنى تۇيمايدۇ .
ئوخشاشلا ، جەبرائىل پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا
بولسۇن) قېشىغا كىلەتتى ۋە ئۇنىڭغا ۋەھىينى سۆزلەيىتتى ، قېشىدىكى كىشىلەر ئۇنى
تۇيمايىتتى . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنىق پاكىت .
[ شەرھى مۇسلىم ، 17201 ]
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە مۇنداق دىگەن :
» ئۇخلىغۇچى ئۇيقىسىدا لەززەت ۋە ئەلەم ھىس قىلىدۇ ھەمدە ئۇ روھ ۋە بەدەننىڭ ھەر
ئىككىلىسىدە بولىدۇ . ھەتتا ئۇ مەلۇم بىرسىنىڭ ئۇنى ئۇرۇۋاتقانلىقىىنى چۈشەيدۇ ۋە
بەدىنىدە ئاغرىق بىلەن ئويغىنىدۇ . ياكى ئۇ ياخشى يىمەكلىكلەر بىلەن بىقىلىپ
چۈشەيدۇ . ئاندىن ئۇ ئېغىزىدا ئۇنىڭ تەمى بار ھالدا ئويغىنىدۇ . بۇ ھەقىقەتەن
مەۋجۇت . ئۇخلىغۇچى ئۇ ئۆزى ھىس قىلىدىغان ، يىنىدىكىلەر ھىس قىلمايدىغان نىئېمەت
ۋە ئازابنى بەدىنى ۋە روھى ھىس قىلسا ھەتتا ئەلەم ياكى قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن
ۋاقىراپ تاشلىسا ، ئويغاق كىشى ئۇنىڭ ۋاقىرغىنىنى ئاڭلايدۇ . ئۇ قۇرئان ، ياكى
زىكرى ، ياكى جاۋاپ بىلەن سۆز قىلىدۇ ، ئويغاق كىشى ئۇنى ئاڭلايدۇ ، گەرچە
ئۇخلىغۇچىنىڭ كۆزى يۇمۇق بولسىمۇ . ئۇلار ئۇنىڭغا سۆز قىلسا ئۇنى ئاڭلىمايدۇ .
ئۇنداقتا بىز قانداقسىگە قەبرىگە كۆمۈلگەن ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى ئىنكار قىلالايمىز ،
پەيغەمبەر : « ئۇ ئۇلارنىڭ كەشىنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلايدۇ .» ، « سىلەر سۆزۈمنى
ئۇلاردىن ياخشىراق ئاڭلىمايسىلەر » دىگەن تۇرسا ؟
يۈرەك قەبرىگە ئوخشايدۇ ، شۇڭا پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن) خەندەك كۈنى ئەسىر نامىزى قازا بولۇپ كەتكەندە ، : « ئاللاھ
ئۇلارنىڭ يۈرەكىلىرى ۋە قەبرىلىرىنى ئوتقا تولدۇرسۇن .» دىگەن ، ھەمدە مۇنۇ ئايەتتە
ئۇ ئىككىسى ئايرىلغان : « قەبرىلەردىكى نەرسىلەر سىرىتقا چىقىرىلغاندا .
يۈرەكلەردىكى نەرسىلەر ئاشكارا قىلىنغاندا .» بۇ پەقەت يۈز بەرگۈسى نەرسىنى بايان
قىلىش خالاس .
بىز ئۆلۈك ئۇچرايدىغان ئازاپ ياكى نىئېمەت ،ئۇخلىغۇچى چۈش كۆرگەندە ئۇچرايدىغان
نەرسىگە ئوخشايدۇ دىيەلمەيمىز . بەلكى ئۇ ئازاپ ياكى نىئېمەت تىخىمۇ تولۇق ۋە
تىخىمۇ ۋايىغا يەتكەن ھەمدە ئۇ ھەقىقىي نىئېمەت ۋە ھەقىقىي ئازاپ . بىراق بۇ مىسال
ئۇنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىرىلىدۇ . ئەگەر بىر كىشى : » ئۆلۈك قەبرىسىدە
ھەركەت قىلمايدۇ ، توپا ئۆزگەرمەيدۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەرنى قىلسا ، بۇ مەسىلە
تىخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرلىشى مۇمكىن . بىراق ئۇنى بۇ يەردە چۈشەندۈرۈشكە بەك ئۇزۇن
گەپ كېتىدۇ . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ. ئاللاھ مۇھەممەدنى ، ئۇنىڭ ئائىلە
كىشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .»
[ فەتىۋالار توپلىمى ، 4275، 276 ]
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد
