تاھارەتسىز ( مەنە تەرجىمىسىنى ياكى ئايەتلەرنىڭ چۆرىسىدىكى ئىلاۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان) قۇرئاننى كۆتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئوقۇش ھاراممۇ ؟ چۈنكى مەن بەزى ھەدىيسلەردە پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : « مۇئىمىن ھەمىشە پاك ، ھەتتا ئۇ جۇنۇپ بولسىمۇ . » دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم .
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
پېشىۋا ئابدۇل ئەزىيز بىن باز دىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۇئال سورۇلۇپ ، مۇنداق دىگەن :
كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن مۇسۇلماننىڭ قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇشى
دۇرۇس ئەمەس . بۇ بولسا تۆت ئىمامنىڭ قارىشى ( ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ،
ھەمدە پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )
ھەمراھلىرىنىڭ بىرىدىغان فەتىۋاسى . ئۇ ھەقتە بىر سەھىيھ ھەدىيس ئەمرۇ بىن ھەزىمدىن
نەقىل قىلىنغان بولۇپ ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن
) يەمەن خەلقىگە : « قۇرئاننى پاك كىشىدىن باشقىسى تۇتمىسۇن . » دەپ خەت يازغان .
بۇ بەلەن ھەدىيس بولۇپ ، ئۇنى كۈچەيتىدىغان بىر قانچە باشقا ئىسنادلار بار . شۇڭا
مەلۇم بولۇدىكى ، قۇرئاننى پەقەت چوڭ ۋە كىچىك ناپاكلىقتىن پاكلانغان ھالەتتىلا
تۇتۇشقا بولىدۇ . بۇ ھەم ناپاك ھالەتتە ئۇنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەشنىمۇ
ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . لىكىن ئۇنى ۋاستە بىلەن تۇتسا ياكى يۆتكىسە ، مەسىلەن ، ئۇنى
بىر نەرسىگە ئوراپ تۇتسا ، ئۇنداقتا ھىچ ۋەقەسى يوق . بىراق ئۇنى ناپاك ھالەتتە
ئۇنى بىۋاستە تۇتسا ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىغا ئاساسەن ، يۇقۇردا تىلغا
ئىلىنغان سەۋەپلەر تۈپەيلى دۇرۇس بولمايدۇ .
ئۇنى تىلاۋەت قىلىشقا نىسبەتەن ، ئەگەر تاھارەتسىز ھالەتتە ئۇنى يادقا ئوقۇسا
بولىدۇ ، ياكى قۇرئاننى تۈزۈتۈپ بىرىشنى ياكى ئۆگۈتۈپ قويۇشنى سوراپ كەلگەن كىشى
تۇتۇپ بىرىپ ئوقۇسا بولىدۇ .
لىكىن جۇنۇپ كىشى قۇرئاننى ئوقۇمايدۇ . چۈنكى پەيغەمبەردىن(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) نەقىل قىلىندىكى ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنى جۇنۇپلۇقتىن
باشقا نەرسە توسۇمايدۇ . ئەھمەد بەلەن ئىسناد بىلەن ئەلىيدىن ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن
رازى بولسۇن) نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا
بولسۇن ) ھاجەتخانىدىن چىققاندا ، قۇرئاندىن مەلۇم نەرسىنى تىلاۋەت قىلدى . ھەمدە
ئۇ مۇنداق دىدى : « بۇ بولسا جۇنۇپ ئەمەس كىشىگىلا بولۇپ ، جۇنۇپ كىشى بۇنى
قىلمايدۇ ، ھەتتا بىرەر ئايەت بولسىمۇ . »
خۇلاسە : جۇنۇپ كىشى قۇرئاننى مۇسھەپتىن( قۇرئان كىتابى) بولسۇن ياكى يادقا بولسۇن
، تاكى يۇيۇنمىغۇچە ئوقۇمايدۇ . بىراق تاھارىتى سۇنغان ، جۇنۇپ ئەمەس كىشى قۇرئاننى
يادقا ئوقۇيدۇ ، لىكىن مۇسھەپنى تۇتمايدۇ .
[ ئىبنۇ باز فەتىۋالىرى ، 10150 ]
مۇئىمىننىڭ پاكلىقى ھەدىيسىگە كەلسەك ، ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ
مۇنداق دىگەن : مەن پەيغەمبەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم ھەمدە مەن جۇنۇپ ئىدىم . ئۇ
مىنىڭ قولۇمنى تۇتتى ھەمدە ئۇ بىرىپ ئولتۇرغۇچە ئۇنىڭ بىلەن ماڭدىم . ئاندىن مەن
غىپپىدە كىتىپ ، يۇيۇندۇم . ئاندىن مەن ئۇ ئولتۇرغان جايغا كەلدىم . ئۇ مۇنداق دىدى
: « ھەي ئەبۇ ھۇرەيرە ، سەن قەيەردە ئىدىڭ ؟ » مەن ئۇنىڭغا ئېيىتتىم . ھەمد ە ئۇ :
« سۇبھانەللاھ ! ھەي ئەبۇ ھۇرەيرە ، مۇئىمىن ناپاك بولمايدۇ . » دىدى . [ بۇخارىي(
غۇسل 276 ) ، مۇسلىم ( ھەيىز ، 556) نەقىل قىلغان ]
نەۋەۋىي ئۆزىنىڭ سەھىيھ مۇسلىمغا قىلغان شەرھىيسىدە مۇنداق دىگەن :
» بۇ ھەدىيس مۇسۇلماننىڭ تىرىك ياكى ئۆلۈك بولسۇن پاكلىقىدىن ئىبارەت چوڭ
پىرىنسىپنى يورۇتۇپ بىرىدۇ . ئەگەر ئۇنىڭ پاكلىقى مۇقىملاشسا ، ئۇنداقتا مەيلى ئۇ
تاھارەتسىز ياكى جۇنۇپ بولسۇن ، ياكى ھەيىزدار ، ياكى نىپاسدار بولسۇن ، ئۇنىڭ تەرى
، شۆلگىيى ۋە يىشى ھەممىسى پاك .
بۇ بىلىنسە ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ پاكلىقىنىڭ مەنىسى ئايدىڭلىشىدۇ . ئۇنىڭ مەنىسى
ھىچقانداق نەرسە ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ماھىيەتتە پاكلىقىنى توسۇپ قالمايدۇ ، گەرچە شۇ
ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ تاھارىتى سۇنغان بولسىمۇ .
چۈنكى تاھارەتسىز بولۇش پەقەت كىشىنى نامازدىن ياكى باشقا پاكلىقنى شەرت قىلىدىغان
ئىشلاردىن توسۇپ قويىدىغان سۈپەت .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد
