مۇئىمىنلەرنىڭ ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىنى كۆرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغانمۇ ؟
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نىئېمەتلىرىنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ . ئاللاھ
بۇدۇنيادا مۇئىمىنلەرگە زىيادە نىئېمەتلەرنى خاس قىلدى . يەنى ، ئۇ ئۇلارغا
ئىسلامنى نىئېمەت قىلىپ بەردى ، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن يىتەكلىنىشكە تاللىدى ھەمدە
ئۇلارغا جەننەتتە ئۇلارغىلا بىرىلىدىغان كاتتا نىئېمەتلەرنى خاس قىلىدۇ . ئۇ
بولسىمۇ ، ئەدىن جەننىتىدە ئاللاھنىڭ مۇقەددەس يۈزىگە قاراش شەرىپى ۋە ھۆرمىتىگە
ئىرىشىش .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « ئۇ كۈندە يۈزلەر نۇرلۇق بولىدۇ . پەرۋەردىگارىغا قاراپ
تۇرىدۇ .» [ قىيامەت : 22-23 ]
يەنى ، مۇئىمىنلەرنىڭ يۈزلىرى پەرۋەردىگارىنىڭ يۈزىگە قاراش بىلەن گۈزەللىشىدۇ
،پارقىرايدۇ ، خۇشال بولىدۇ . ھەسەن( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن ) مۇنداق
دىگەن : » پەرۋەردىگارىغا قارايدۇ-دە ، ئۇنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلىنىدۇ .»
ئىبنۇ ئەبباس مۇنداق دىگەن : » «ئۇ كۈندە بەزى يۈزلەر نۇرلىنىدۇ .» يەنى ،
نىئىمەتلەردىن نۇرلىنىدۇ . « پەرۋەردىگارىغا قارايدۇ .» يەنى ، پەرۋەردىگارىنىڭ
يۈزىگە قارايدۇ . ھەمدە بۇ بولسا سۈننەت ۋە ھەدىيس ئالىملىرىدىن بولغان
تەفسىرشۇناسلارنىڭ سۆزى .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « جةننةتتة ظذلارغا خالعغان نةرسعلةر بار ؤة بعزنعث
هوزذرعمعزدا (ظذلارغا) زعيادة (نئمةت) بار. » [ قاف : 35 ]
بۇ يەردىكى زىيادە نىئېمەت : ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ يۈزىگە قاراش . بۇنى ئەلىي ، ۋە ئەنەس
بىن مالىك شۇنداق تەپسىر قىلغان .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « بەلەن قىلغۇچىلارغا ياخشى نەرسە ۋە زىيادىسى بار . »
[ يۇنۇس : 26 ]
ياخشى نەرسە – جەننەت ، زىيادىسى بولسا ھۆرمەتلىك ئاللاھنىڭ يۈزىگە قاراش . بۇنى
ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) شۇنداق تەپسىر
قىلغان . مۇسلىم سەھىيھىدە(266) سۇھەيىبتىن نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « جەننەت كىشىلىرى جەننەتكە
كىرگەندە ، ئاللاھ دەيدۇ : « يەنە بىر نەرسىنى خالىساڭلار ، زىيادە قىلىپ بىرىمەن .
» ئۇلار : » يۈزلىرىمىزنى يورۇق قىلمىدىڭمۇ ؟ بىزنى جەننەتكە كىرگۈزمىدىڭمۇ ؟
ئوتتىن قۇتقازمىدىڭمۇ ؟ » دەيدۇ . ئاندىن پەردە كۆتۈرلىدۇ ھەمدە ئۇلارغا
پەرۋەردىگارىغا قاراشتىنمۇ سۆيۈملۈك بىر نەرسە بىرىلمىگەن . ئەنە شۇ زىيادە مۇشۇ .
ئاندىن بۇ ئايەتنى : « بەلەن قىلغۇچىلارغا ياخشى نەرسە ۋە زىيادىسى بار . » تىلاۋەت
قىلدى .
شۇڭا ، جەننەت كىشىلىرىگە ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارىنىڭ يۈزىگە قاراشتىنمۇ بەكراق
ئۇلارغا ياقىدىغان نەرسىنىڭ بىرىلمەيدىغانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە ، ئاللاھ مۇنۇ سۆزى:
« ئۇنداق ئەمەس ، جەزمەنكى ئۇلار ئۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن پەردىلىنىدۇ .»
[ مۇتەففىفىين( كەم بەرگۈچىلەر) : 15 ] بىلەن ئاگاھلاندۇرغان گۇناھكارلارنى
كۈتىۋاتقان زىيان ۋە مەھرۇملۇقنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقى سىزگە ئايدىڭ بولىدۇ .
ئاللاھتىن ئامان-ئىسەنلىكنى سورايمىز .
شافىئېينىڭ شاگىرىتلىرىدىن بىرى بولغان رەبىيئې بىن سۇلەيماننىڭ شافىئېيدىن نەقىل
قىلغان سۆزلەر نىمىدىگەن گۈزەل-ھە ! ئۇ مۇنداق دىگەن : » مەن مۇھەممەد بىن ئىدرىيس
شافىئېينىڭ قېشىدا ئىدىم . ئۇ ئۈستۈنكى مىسىردىن بىر خەت تاپشۇرۋالدى . ئۇنىڭدا
مۇنداق دىيىلگەنىدى : » « ئۇنداق ئەمەس ، جەزمەنكى ئۇلار ئۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى
كۆرۈشتىن پەردىلىنىدۇ .» دىگەن ئايەت ھەققىدە نىمە دەيسەن ؟ » شافىئېي مۇنداق دىدى
: » چۈنكى بۇلار غەزەپ ئىچىگە پەردىلىنىدۇ . بۇ بولسا ئاللاھنىڭ يىقىنلىرىنىڭ(
ئەۋلىيالىرى) ئۇنى رازىلىق ئىچىدە كۆرىدىغانلىقىغا دەلىل . »
بۇ بولسا مۇئىمىنلەرنىڭ جەننەتتە پەرۋەردىگارىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان
قۇرئاندىكى دەلىللەرنىڭ بىر قىسمى .
ئەمما سۈننەت دەلىللىرىگە كەلسەك ، ئۇلار ناھايىتى جىق . مەسىلەن :
1- بۇخارىي (6088) ، مۇسلىم ( 267) نەقىل قىلغان ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ ھەدىيسىدە ،
كىشىلەر : » ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، بىز قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرۈمىزمۇ ؟ »
دىدى . ئاللاھ ئەلچىسى : « سىلەر تولۇن ئاي كېچىسى ئاينى كۆرۈشتىن شەكلىنەمسىلەر ؟
» دىدى . ئۇلار : » ياق ! ئى ئاللاھ ئەلچىسى . » دىدى . ئۇ : « سىلەر ھىچقانداق
بۇلۇت يوق چاغدا ، قۇياشنى كۆرۈشتىن شەكلىنەمسىلەر ؟ » دىدى . ئۇلار : » ياق ! »
دىدى . ئۇ : « سىلەر ئۇنى ئاشۇنداق كۆرىسىلەر . » دىدى . يەنە بىر نەقىلدە : «سىلەر
ئۇنى كۆرۈش توغىرسىدا ھىچقانداق شەكلەنمەيسىلەر ياكى تالاشمايسىلەر . ھەمدە ئۇنى
كۆرۈش سىلەرگە ھىچقانداق مۇشەققەت ياكى ھارغىنلىق كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ . ئاللاھ
ياخشى بىلىدۇ . » دىيلىدۇ . مۇسلىمنىڭ شەرھىيسىدىن يىغىنچاقلاپ ئىلىندى .
2- ئىككى سەھىيھتە (بۇخارىي (6883 )،مۇسلىم (1002 )) نەقىل قىلىندىكى ، جەرىير بىن
ئابدۇللاھ بەجەلىي مۇنداق دىگەن : » بىز پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) يىنىدا ئولتۇراتتۇق . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون تۆتىنچى
كېچىدىكى ئايغا قارىدى-دە ئاندىن : « سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنى بۇ ئاينى
كۆرگۈنىڭلاردەك ، ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈسىلەر . ئۇنى كۆرۈۋاتقىنىڭلارغا
شەكلەنمەيسىلەر .» دىدى .
3- بۇخارىي( 4500) ، مۇسلىم( 6890) ئەبۇ مۇسادىن نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر (
ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)مۇنداق دىگەن : « ئىككى كۈمۈش باغ
، ئۇنىڭ قاچا-قۇچىلىرى ھەم بارلىق نەرسىلىرىمۇ ھەم . ئىككى ئالتۇن باغ ، ئۇنىڭ
قاچا-قۇچىلىرى ھەم بارلىق نەرسىلىرىمۇ ھەم . ھەمدە كىشىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ
پەرۋەردىگارىنى كۆرۈش ئوتتۇرسىدا ئەدىن جەننىتىدە ئۇنىڭ يۈزىنى يۇشۇرۇپ تۇرىدىغان
ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش پەردىسىدىن باشقا نەرسە قالمايدۇ . »
ئاللاھنى كۆرۈش توغىرسىدىكى ھەدىيسلەر ئوتتۇزغا يىقىن ساھابە تەرىپىدىن نەقىل
قىلىنغان . ئۇلارنى ئۆگەنگەن كىشى ، پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇنى دىگەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ .
شۇڭلاشقا ، مۇشۇنىڭدىن كىيىن ئاخىرەت كۈنى ھىچكىم ئاللاھنى كۆرمەيدۇ دەپ بىلجىرلىسا
ئۇ قۇرئاننى ، ھەمدە ئاللاھ ئەلچىلىرى بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىنى يالغانغا چىقارغان
بولىدۇ ھەمدە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدە كەلگەن قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ : «
ئۇنداق ئەمەس ، جەزمەنكى ئۇلار ئۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن پەردىلىنىدۇ .» [
مۇتەففىفىين( كەم بەرگۈچىلەر) : 15 ]
ئاللاھتىن ئامان-ئىسەنلىكنى سورايمىز ، ئۇنىڭدىن بىزگە مۇقەددەس يۈزىگە قاراشقا
نىسىپ قىلىشىنى سورايمىز … ئامىين !
[ تەھاۋىييە ئەقىدىسىنىڭ شەرھىسى ، 1209 ۋە ئۇنىڭ كەينى . پېشىۋا ھافىز
ھەكەمىينىڭ« ئەئېلام سۈننەتۇل مەنشۇرە »141ب غا قاراڭ . ]
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد
