بىزگە قىيامەت كۈنىدىكى ئازاپلار ۋە سۇئال-سوراقلار ھەققىدە سۆزلەپ بىرەمسىلەر؟

مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
قۇرئان ۋە ھەدىيستە ئىسپاتلاندىكى ، بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇدۇنيادا قىلغان ياخشى
بولسۇن ياكى ئەسكى بولسۇن بارلىق چوڭ ۋە كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساپ-كىتاپ قىلىنىدۇ
. ياخشى ئىشقا مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىشقا جازالىنىدۇ . ھىساباتنىڭ بىرىنچى
سەھنىسى قەبرىدە بولىدۇ . ئادەمدىن قەبرىدە سوراققا تارتىلىدىغان بىرىنچى نەرسە :
پەرۋەردىگارىڭ كىم؟ دىنىڭ نىمە ؟ سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ كىشى كىم ؟ ، ئەبۇ داۋۇد
سۈنەنىدە( 4753) نەقىل قىلغان بەرا بىن ئازىبنىڭ ھەدىيسىدە كەلگەندەك . ئەلبانىي
سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا (2979) ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان .
ئاندىن گەرچە ئۇ قەبرىدە سوراققا تارتىلغان بولسىمۇ ، قىيامەت كۈنى ھەر بىر چوڭ ۋە
كىچىك ئىش-ئەمەللىرى ئۈچۈن سوراققا تارتىلىدۇ ھەمدە بىرىنچى بولۇپ سوراققا
تارتىلىدىغان نەرسە بولسا ناماز .
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئىش-ئەمەللىرى ئىچىدە
بىرىنچى بولۇپ سوراققا تارتىلىدىغان نەرسە بولسا ناماز . پەرۋەردىگارىمىز گەرچە
ئۆزى ياخشى بىلسىمۇ ، پەرىشتىلەرگە دەيدۇ : « بەندەمنىڭ نامىزىغا قاراڭلار ،
تولۇقمىكەن ياكى كەممىكەن ؟» ئەگەر ئۇ تولۇق بولسا ، تولۇق دەپ خاتىرلىنىدۇ . ئەگەر
ئۇ كەم بولسا ، ئۇ دەيدۇ :« قاراڭلار ! بەندەمنىڭ نەپىلى نامىزى بارمۇ-يوق ؟ »
ئەگەر ئۇنىڭ نەپلى نامىزى بولسا ، ئۇ : « بەندەمنىڭ پەرىز نامىزىنى ئۇنىڭ نەپلە
نامىزىدىن تولۇقلاڭلار ! » دەيدۇ . ئاندىن قالدى ئىش-ئەمەللىرىمۇ شۇ ئۇسۇلدا
تەكشۈرلىدۇ . » [ ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلغان ، 864 . ئەلبانىي سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا
سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 770 ]
قىيامەت كۈنى كىشىلەر باشقا ئىشلار ھەققىدىمۇ سوراققا تارتىلىدۇ :
ئىبنۇ مەسئۇدتىن( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر (
ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « قىيامەت كۈنى
ئادەم بالىسىنىڭ قەدىمى تاكى بەش نەرسە ھەققىدە سوراققا تارتىلماي تۇرۇپ
پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدىن ئايرىلمايدۇ : ئۆمرىنى نىمە بىلەن تۈگەتتى ، ياشلىقىنى
نىمە بىلەن قېرىتتى ، پۇل-مىلىنى قەيەردىن تاپتى ۋە نىمىگە خىراجەت قىلدى ، ھەمدە
ئۇ ئىرىشكەن بىلىمىگە قانداق ئەمەل قىلدى . » [ تىرمىزىي نەقىل قىلغان ، 2422 .
ئەلبانىي ئۇنى سەھىيھ تىرمىزىيدا ياخشى ھەدىيس دەپ تۈرگە ئايرىدى ، 1969 ]
ھەمدە قىيامەت كۈنى ئۇممەتلەر سوراققا تارتىلىدۇ :
« ئەلچىلەرگە نىمە دەپ جاۋاپ بەردىڭلار ؟ » [ قەسەس( ھىكايىلەر) : 65 ]
بۇلار بولسا بەندە قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدىغان بىر قىسىم نەرسىلەر بولۇپ ،
ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھىرىسمەن دانا بەندە بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ تەييارلىشى كىرەك .
ئاللاھتىن بىزنى توغرا يولغا يىتەكلىشىنى سورايمىز .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .