ئالتە كىتاپنىڭ ئاپتورلىرى كىم ، ئۇلارنىڭ كىتاپلىرىدا ئاجىز ھەدىيسلەر بارمۇ ؟
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
ئالتە كىتاپنىڭ ئاپتورلىرى :
1- ئىمام بۇخارىي
2- ئىمام مۇسلىم
3- ئىمام ئەبۇ داۋۇت
4- ئىمام تىرمىزىي
5- ئىمام نەسائىي
6- ئىمام ئىبنۇ ماجەھ
ئۇلارنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى تۆۋەندىكىچە :
1- ئىمام بۇخارىي
2- ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى – ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەت بىن ئىسمائىيل بىن ئىبراھىيم بىن
مۇغىيرەھ بىن بەردىزبەھ جەئىفىي بۇخارىي . ئۇنىڭ بوۋىسى مۇغىيرەھ – بۇخارانىڭ
ۋالىسى يەمان جەئىفىينىڭ ئازاتگەردىسى بولغاچقا ، مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى
ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىپ جەئىفىينى تەخەللۇس قىلغان . ئىمام بۇخارىي ھ 194-يىلى
بۇخارادا تۇغۇلغان . ئۇ يېتىمچىلىكتە چوڭ بولغان ھەمدە ئون يېشىدىن بۇرۇن
ھەدىسلەرنى يادقا ئېلىشقا باشلىغان . ئۇ يېگىت بولغاندا مەككىگە سەپەر قىلغان ھەمدە
ھەج ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان . ئۇ بىر مەزگىل مەككىدە قىلىپ ، فىقھى، دىن ئاساسلىرى
ۋە ھەدىيس ئىماملىرىنىڭ قولىدا ئوقۇغان . ئاندىن ئۇ ساياھەت قىلىشنى ، بىر ئىسلام
رايونىدىن يەنە بىر ئىسلام رايونىغا بېرىشنى تولۇق 16 يىل داۋاملاشتۇرغان . ئۇ
نۇرغۇن بىلىم مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلغان ، ئۇيەردىن پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ھەدىيسلىرىنى توپلىغان ، ئاخىرى ئۇ جەمئىي
600،000 دىن ئارتۇق ھەدىيسنى يېغىپ چىققان . ئۇ بىر مىڭ ھەدىيسشۇناسقا مۇراجىئەت
قىلغان ۋە ئۇنى ئۇلار بىلەن مۇزاكىرە قىلغان . بۇ ئالىملار ئۆزىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى ،
تەقۋالىقى ، ساغلام ئەقىدىسى تونۇلغان كىشىلەردۇر . بۇ زور مىقداردىكى ھەدىيسلەردىن
ئۇ ئۆزىنىڭ كىتابى [سەھىيھۇل بۇخارىي] نى تۈزۈپ چىققان،
ھەمدە تەتقىقاتىدا ھەدىسلەرنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشى ۋە توغرا ھەدىيسلەرنى ئاجىز
ھەدىيسلەردىن ئايرىشتا ، ھەمدە نەقىل قىلغۇچىلارنى سۈرۈشتە قىلىشتا ئەڭ ئىنچىكە
ئىلمىي كۆرسەتمىلەرگە ئەگەشكەن، شۇنداق قىلىپ ئۇ كىتابىغا توغرا ھەدىيسلەرنىڭ
توغرىسىنى خاتىرلىگەن ، لىكىن ئۇ بارلىق توغرا ھەدىيسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان .
كىتاپنىڭ تولۇق ئاتىلىشى – [الجامع الصحيح المسند من حديث رسول الله صلى الله عليه
وسلم وسننه وأيامه ] .
بۇخارانىڭ ۋالىسى بۇخارىينى ئۆيىگە كىلىپ بالىلىرىغا دەرىس ئۆتۈپ بېرىشىنى ۋە
ئۇلارغا ھەدىيسلەرنى ئوقۇپ بېرىشىنى ئويلىغان ، بىراق بۇخارىي ئۇنىماي ئۇنىڭغا خەت
ئەۋەتكەن : « بىلىم ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئىزدىلىشى كىرەك .» مەنىسى ، بىلىم ئاپىرىپ
بېرىلمەيدۇ ، ئەكىتىلىدۇ . ئالىملاردىن بىر نەرسە ئۆگەنمەكچى بولغان ئادەم ئۇلارنىڭ
قېشىغا مەسچىتكە ياكى ئۆيىگە بېرىشى كىرەك . شۇنىڭ بىلەن ۋالىنىڭ ئۇنىڭغا
ئۆچمەنلىكى قوزغۇلۇپ ئۇنى بۇخارادىن چىقىرۋىتىشكە بۇيرىغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ
سەمەرقەند كە يېقىن خەرتەنك يېزىسىغا كەتكەن ، ئۇ يەردە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى بولۇپ ،
ئۇ تاكى ھ 256- يىلى 62 يېشىدا ۋاپات بولغۇچە ئۇ يەردە ياشىغان . ئاللاھ ئۇكىشىگە
رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
2 – ئىمام مۇسلىم
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى مۇسلىم بىن ھەججاج بىن مۇسلىم قۇشەيرىي، نىساپورىي ئەبۇل ھۇسەيىن
. ئۇ ئاساسلىق ھەدىيسشۇناسلارنىڭ بىرى ھەمدە ئەڭ بىلىملىكلەرنىڭ بىرى . ئۇ ئىمام
شافىئىي ۋاپات بولغان كۈندە، ھ 204-يىلى نىساپوردا تۇغۇلغان . ئۇ نىساپوردا ئوقۇغان
، ھەمدە چوڭ بولغاندا ھەدىيس ئۆگىنىش ئۈچۈن ئېراق ۋە ھىجاز سەپەر قىلغان . ئۇ
نۇرغۇن پېشىۋالاردىن ھەدىيسلەر ئاڭلىغان ھەمدە نۇرغۇن ھەدىيشۇناسلار ئۇنىڭدىن
ھەدىيس نەقىل قىلغان . ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق كىتابى – ئۇنىڭ [سەھىيھۇل مۇسلىم ] كىتابى
. بۇ ئىشەنچىلىك ھەدىيس كىتاپلىرىنىڭ بىرى . ئۇ بۇ كىتاپنى تۈزۈشكە 15 يىلغا يېقىن
ۋاقىت سەرىپ قىلغان ، ھەمدە ئۇ سەھىيھۇل بۇخارىيغا قارىغاندا ئورۇن ۋە
ھەدىيسلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . نۇرغۇن ئالىملار ئۇنىڭ
كىتابىغا شەرھىيلەرنى يازغان .
ئۇنىڭ كىتاپلىرى يەنە[ كتاب الطبقات ]، [كتاب الجامع ] ، [كتاب الأسماء ] ۋە باشقا
باسما ۋە قوليازما شەكلىدىكى كىتاپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇ نەسەرئاباد شەھرىدە
، ھ 261- يىلى ، 57 يېشىدا ۋاپات بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
3- ئىمام ئەبۇ داۋۇت
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى – سۇلەيمان بىن ئەشئەس بىن شەدداد بىن ئامىر بىن ئىسھاق بىن
بەشىير ئەزدىي ، سەجىستانىي ، سەجىستانلىق . ئەبۇ داۋۇت ئۆز دەۋرىدىكى ئاساسلىق
ھەدىيسشۇناسلارنىڭ بىرى . ئۇ [سۈنەنى ئەبۇ داۋۇت]نىڭ ئاپتورى ، ئۇ ئالتە ئىشەنچىلىك
ھەدىيس كىتاپلىرىنىڭ بىرى . ئۇ ھ 202-يىلى تۇغۇلغان . ئۇ باغداتقا سەپەر قىلىپ ئۇ
يەردە ئىمام ئەھمەت بىن ھەنبەل بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالغان ؛
ئۇ يەنە ئۇنىڭغا ئوخشايىتتى . ئۇ يەنە ھىجاز ، ئېراق ، خۇراسان ، سۈرىيە ، مىسىر،
ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ چىگرالىرىغىچە بارغان . نەسائىي ، تىرمىزىي ۋە باشقىلار
ئۇنىڭدىن ھەدىيس نەقىل قىلغان . ئۇ تەقۋالىق ۋە توغرا يوللۇق بولۇشتا ئەڭ يۇقۇرى
دەرىجىگە يەتكەن . ئۇنىڭ كىتابى سۇنەن 5300 دىن ئارتۇق ھەدىيسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
.
خەلىفە ئەبۇ ئەھمەت تەلھە ( مۇۋەففەق ئەبباسىي ) ئۇنىڭدىن ئۈچ نەرسىنى سورىغان :
بىرىنچىسى ، ئۇ بەسرەگە كۆچىشى ۋە ئۇيەردە ئولتۇراقلىشىشى كىرەك ، شۇنداق بولغاندا
بىلىم ئىزدىگۈچىلەر ئۇنىڭ قېشىغا كىلەلەيدۇ ، ھەمدە شۇنداق قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ
كۆپ كىشىلەرنى ئۇ يەرگە ئولتۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ . ئىككىنچىسى ، ئۇ [سۇنەن] نى
بالىلىرىغا ئۆگىتىشى كىرەك . ئۈچىنچىسى ، ئۇ بالىلىرىغا مەخسۇس سىنىپ بېرىشى كىرەك
، چۈنكى خەلىفىنىڭ بالىلىرى ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئولتۇرماسلىقى كىرەك . ئەبۇ
داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دىگەن : بىرىنچىسىگە بولىدۇ ؛ ئىككىنچىسىگە بولىدۇ ؛ ئەمما
ئۈچىنچىسىگە بولمايدۇ ، چۈنكى ھەممە ئادەم بىلىمنىڭ ئالدىدا باراۋەر . شۇنىڭ بىلەن
مۇۋەففەق ئەبباسىينىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ دەرىسلىرىگە قاتنىشىدىغان ، ھەمدە ئۇلار
بىلەن باشقا كىشىلەر ئوتتۇرسىدا پەردە تارتىلىپ ئولتۇرىدىغان بولدى . ئۇ تاكى ھ
275-يىلى ۋاپات بولغۇچە بەسرە دە تۇرۇپ قالدى . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن
.
4- ئىمام تىرمىزىي
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى – مۇھەممەت بىن ئېيسا بىن سورەھ بىن مۇسا بىن زەھھاك سەلەمىي ،
تىرمىزىي ، ئەبۇ مۇسا . ئۇ ماۋەرائۇننەھىر شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان تىرمىزلىق
بولغانلىقى ئۈچۈن تىرمىزىي دەپ ئاتالغان . ئۇ ئاساسلىق ھەدىيشۇناسلار ۋە ھەدىيس
يادلىغۇچىلارنىڭ بىرى . ئۇ ھ 209-يىلى تۇغۇلغان ھەمدە بۇخارىينىڭ قولىدا ئوقۇغان ؛
ھەمدە ئۇلار بەزى ئۇستازلاردىن بىرلىكتە دەرىس ئالغان . ئۇ خۇراسان ، ئېراق ۋە
ھىجازغا سەپەر قىلىپ ھەدىيس ئىزدەشنى باشلىغان . ئۇ ھەدىيسلەرنى يادلىشى ،
ئىشەنچىلىكلىكى ۋە بىلىمى بىلەن داڭق قازانغان .ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئەھمەت بىن ھەنبەل
، ئەبۇ داۋۇت سەجىستانىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇ [ جامىئۇت تىرمىزىي] نى تۈزۈپ
چىققان بولۇپ ئالتە ئىشەنچىلىك ھەدىيس كىتاپلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . بۇ كىتاپتا
ئۇ ، ھەدىيسلەرنى تەپسىلىي سۈرۈشتە قىلغان بولۇپ ،فىقھىنى ئۆگەنگۈچىلەرگە پايدىلىق
، چۈنكى ئۇ تىغا ئالغان ھەدىيسلەرنىڭ كۆپىنچىسى فىقھىنىڭ ئەھكاملىرىغا مۇناسىۋەتلىك
. ئۇ ئىسنادلارنى تىلغا ئالىدۇ ، ھەدىيسنى نەقىل قىلغۇچى ساھابىلارنى تىزىملاپ
چىقىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا ھەدىيس دەپ ئىشەنگەنلىرىنى توغرا دەپ يازىدۇ ، ئاجىز
دەپ ئىشەنگەنلىرىنى ئاجىزدەپ يازىدۇ .ئۇ فىقھىشۇناسلارنىڭ ئىچىدە كىمنىڭ بۇ
ھەدىيسنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ،كىمنىڭ قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ . ئۇنىڭ
[جامىئى] سى [سۇنەن] كىتاپلىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ دائىرلىك، ھەمدە ھەدىيسشۇناسلار
ۋەفىقھىشۇناسلار ئۈچۈن ئەڭ ئىشلىتىلىشچان كىتاپتۇر . ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى[ كتاب
الشمائل النبوية ], [العلل في الحديث ] نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .ئۇ شەھەرلەرنى
ئايلىنىپ كۆزگە كۆرۈنگەن ، بىلىمى چوڭقۇر ئالىملاردىن توغرا نەقىللەرنى توپلىغاندىن
كىيىن ، ھاياتىنىڭ كىيىنكى قىسمىدا ئەما ياشىغان . ئۇ ھ 279- يىلى 70 يېشىدا ۋاپات
بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
5- ئىمام نەسائىي
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى – ئەھمەت بىن شۇئەيىب بىن ئەلىي بىن سىنان بىن بەھر بىن دىنار
نەسائىي ، ئەبۇ ئابدۇرراھمان . ئۇ خۇراساننىڭ نەسا شەھرىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن
نەسائىي دەپ ئاتالغان .
ئۇ ھ 215-يىلى تۇغۇلغان ، ھەمدە ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى ئاساسلىق ئالىملار ۋە
ھەدىيسشۇناسلارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ [جرح وتعديل ] ھەققىدىكى شەرھى ئالىملار تەرىپىدىن
يۇقۇرى باھاغا ئېرىشكەن .ھاكىم مۇنداق دىگەن : مەن ئەبۇ ھەسەن دارەقۇتنىينىڭ نەچچە
قىتىم : ئەبۇ ئابدۇرراھمان – بارلىق ھەدىيسشۇناسلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچىسى ، ھەم ئۆز
دەۋرىدە ، نەقىل قىلغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى باھالىغۇچى ،دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم .
ئۇ ئىنتايىن تەقۋا ۋە توغرا يوللۇق ئىدى ، ھەمدە ئۇ ئەڭ ياخشى روزىنى(داۋۇدنىڭ
روزىسى) تۇتۇشقا داۋاملىق ئادەتلەنگەن بولۇپ كۈن ئالماشتۇرۇپ روزا تۇتاتتى . ئۇ
مىسىردا ياشىغان ، ئۇ يەردە ئۇنىڭ كىتابى نام تاپقان ھەمدە كىشىلەر ئۇنىڭدىن
ئۆگەنگەن . ئاندىن ئۇ دەمەشىققە كۆچكەن ، ئۇ يەردە ھ 300-يىلى سەپەرنىڭ 13 ،
دۈشەنبە كۈنى 85 يېشىدا ۋاپات بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
6- ئىمام ئىبنۇ ماجەھ .
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى – مۇھەممەت بىن يەزىد رەبئېىي ، قەزۋەينىي ، ئەبۇ ئابدۇللاھ .
ئۇنىڭ دادىسى يەزىد ماجەھ دەپ تونۇلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇمۇ ئىبنۇ ماجەھ دەپ تونۇلغان
. رەبئېىي دىگەن ئىسىم رەبىيئەنى كۆرسىتىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى رەبىيئەنىڭ
ئازاتگەردىسى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان .
ئۇ بىر داڭلىق ھافىز ھەمدە [سۇنەن] دەپ ئاتالغان ھەدىيس كىتابىنىڭ ئاپتورى . ئۇ ھ
209-يىلى قەزۋەيىندە تۇغۇلغاچقا قەزۋەينىي دەپ ئاتالغان . ئۇ ئېراق ، بەسرە، كۇفە ،
باغداد ، مەككە ، سۈرىيە ، مىسىر ۋە رەيگە ھەدىيس يېزىش ئۈچۈن بارغان . ئۇ ئۆزىنىڭ
بۇ سەپەرلىرىدە ئۈچ كىتاپنى يازغان : تەپسىر ھەققىدە بىر كىتاپ ؛ تارىخ ھەققىدە بىر
كىتاپ ، بۇنىڭدا ساھابىلار دەۋرىدىن ئۆز دەۋرىگىچە بولغان ، سۈننەت ھەققىدىكى
نەقىللەرنى خاتىرلىگۈچى كىشىلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يازغان ؛ ھەمدە ئۇنىڭ [سۇنەن]
ناملىق كىتابى . ئىبنۇ ماجەھ ھ 273- يىلى رامىزاننىڭ 22 ، دۈشەنبە كۈنى 64 يېشىدا
ۋاپات بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
بۇ كىتاپلاردىكى ھەدىيسلەرنىڭ ھۆكمى :
سەھىيھۇل بۇخارىي ۋە سەھىيھۇل مۇسلىمغا كەلسەك ، ئۇممەت بۇ كىتاپلار ئۆز ئىچىگە
ئالغان ھەدىيسلەرنى قوبۇل قىلدى ، ھەمدە ئۇلار بۇ كىتاپلاردىكى ، بۇخارىي ۋە مۇسلىم
ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن توغرا ئەمەسلىكىنى ئىنىق ياكى مۇجمەل ھالدا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن
نەقىل قىلغان ئىنتايىن ئاز ئىبارىلەردىن باشقا ھەممىسىنىڭ توغرا(سەھىيھ)
ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى ، ئالىملار بۇ ئىككى كىتاپقا ئىلاۋىلەرنى يازدى ،
مەسىلەن ، ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىييە ئۇنى چۈشەندۈرگەن .باشقا سۈنەن
كىتاپلىرىغا كەلسەك ، ئۇلار ئاندا-مۇندا ئاجىز ھەدىيسلەردىن خالى ئەمەس . ئۇلارنىڭ
بىرقىسمىنى ئاپتورلارنىڭ ئۆزى شۇنداقلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەن . قالغانلىرى بولسا
باشقا ئالىملار تەرىپىدىن كۆرسۈتۈپ ئۆتۈلگەن . ئۇلار ئاجىز ھەدىيسلەرنىڭ ھەممىسىنى
بايان قىلمىغان ، چۈنكى ئۇلار ھەدىيسلەرنى ئىسنادلىرى بىلەن نەقىل قىلغان ، شۇڭا
ئالىملارغا نەقىل قىلغۇچىلار زەنجىرىنى تەكشۈرۈش ،ھەمدە كىمنىڭ ئىشەنچىلىك ، كىمنىڭ
ئاجىزلىقىنى بىلىش ئارقىلىق توغرا ھەدىيسلەرنى ئاجىزلىرىدىن تونۇش ئاسان .
بۇ ساھەدە داڭلىق ئالىملاردىن ، ئەھمەت ، دارەقۇتنىي ، يەھيا بىن مەئېىين ، ئىبنۇ
ھەجەر ، زەھەبىي ، ۋاقىي ، ۋە شەۋكانىيلار بار . بۇ ساھەدە ھازىرقى زامان
ئالىملىرىدىن ئەلبانىي ، ئەھمەت شاكىر ۋە باشقىلار بار . ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە
رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەت سالىھ مۇنەججىد
