كىشىلەر نىمىشقا پەيغەمبەرلەرگە مۇھتاج بولىدۇ ؟

مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
پەيغەمبەرلەر بولسا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى بولۇپ ، ئۇلار ئۇنىڭ
بۇيرۇقلىرىنى يەتكۈزىدۇ . ھەمدە ئۇلارغا ئاللاھ ۋەدە قىلغان نىئېمەتلەر بىلەن
خۇش-خەۋەر بىرىدۇ ، ناۋادا ئۇلار ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلغان بولسا . ھەمدە
ئۇلارنى دائىملىق ئازاپتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ، ناۋادا ئۇلار ئۇنىڭ توسۇقلىرىغا قارشى
چىققان بولسا . ئۇلار ئۇلارغائىلگىركى مىللەتلەرنىڭ ھىكايىلىرىنى ، ئۇلارنىڭ
پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا كەلگەن ئازاپ ۋە
ئىنتىقاملارنى سۆزلەپ بىرىدۇ .
بۇ ئىلاھى بۇيرۇقلار ۋە چەكلىمىلەرنى نوقۇل پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بىلگىلى
بولمايدۇ . شۇڭلاشقا ئاللاھ ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەش ، ئۇلارنىڭ مەنپەتىنى قوغداش
يۈزسىدىن قانۇنلارنى بىكىتتى ، بۇيرۇق ۋە توسۇقلارنى بەردى . چۈنكى ، كىشىلەر
ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل خاھىشىغا ئەگىشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن چەكلىمىلەردىن ئۆتۈپ كىتىدۇ ،
كىشىلەرگە زوراۋانلىق قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ھەق-ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ . شۇڭا
ئاللاھ ئۆزىنىڭ دانالىقى ۋە ھىكمىتى بىلەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى
ئەسلىتىدىغان ، ئۇلارنى گۇناھقا چۈشمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىدىغان ، ئۇلارغا
ۋەز-نەسىھەت قىلىدىغان ھەمدە ئۇلارغا ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھىكايىلىرىنى
سۆزلەپ بىرىشكە ئۈزۈلدۈرمەي ئۇلارغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ تۇردى . چۈنكى كىشىلەر
ئاجايىپ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا ، ئۇلارنى ھوشيار قىلىدۇ-دە ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار
چۈشىنىدۇ ، بىلىمى ئاشىدۇ ۋە توغرا چۈشىنىدۇ ، چۈنكى قانچە كۆپ ئاڭلىغانسىرى
ئوي-پىكىرلەر شۈنچە كۆپ بولىدۇ . ئوي-پىكىرلەر قانچە كۆپ بولسا ، ئۇلار شۈنچە كۆپ
پىكىر يۈرگۈزىدۇ . ئۇلار قانچە پىكىر يۈرگۈزسە ، ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى شۈنچە كۆپ
بولىدۇ . ھەمدە ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى قانچە كۆپ بولسا ، ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى شۈنچە
كۆپ بولىدۇ . شۇڭا بۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ، ئەلچىلەرنى ئەۋەتىشتىن باشقا
يول يوق .
[ ئەلى بىن مۇھەممەد مەۋدۇدىنىڭ « ئەئېلام نۇبۇۋۋە» دىن ئىلىندى . ]
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) –ئەھمەد بىن
ئابدۇلھەلىيم بىن ئابدۇسسەلام ئىبنۇ تەيمىيە دەپ تونۇلغان . ئۇ ھىجىرىينىڭ 61-يىلى
تۇغۇلۇپ ، 728-يىلى ۋاپات بولغان . ئۇ ئەڭ كاتتا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ ،
نۇرغۇن قىممەتلىك كىتاپلارنى يازغان . ئۇ مۇنداق دىگەن :» ئەلچىلىك بولسا
ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەڭ ياخشى نەرسىگە يىتەكلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر . بىر
ئادەم بۇ ئەلچىلىككە ئەگەشمىسە ، ئاخىرەتتە ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىگە
يىتەكلىنەلمەيدۇ . ۋە شۇنىڭدەك ، بۇ دۇنيادىمۇ ھەم ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىگە
يىتەكلىنەلمەيدۇ . ئىنسان شەرىئەتكە مۇھتاج . چۈنكى ئۇ ئۆزىگە پايدا ئىلىپ
كىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسىدىن ساقلايدىغان ئىككى ھەركەتنى
قىلىدۇ . بۇ شەرىئەت ئاللاھنىڭ زىمىندىكى نۇرى ، بەندىلىرى ئارىسىدىكى ئادىللىقى ،
ھەمدە ئۇنىڭغا كىرىۋالغۇچى ھەرقانداق كىشى بىخەتەر بولىدىغان پاناھگاھ .
شەرىئەت دىگەنلىك پايدا بىلەن زىياننى ھىسسىي جەھەتتىن ئايرىش ئەمەس ، چۈنكى
ھايۋانلارمۇ ئۇنى قىلالايدۇ . ئىشەك بىلەن تۆگە ئارپا بىلەن توپىنى
پەرىقلەندۈرەلەيدۇ . بەلكى ئۇ ئىنسانغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدا يەتكۈزىدىغان
ئىش-ھەركەت بىلەن ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەركەتلەرنى
ئايرىش . مەسىلەن ، ئىمان ، تەۋھىيد ، چىدامچانلىق ، ئادىل بولۇش ، توغرا قىلىقلىق
بولۇش ، ياخشىلىق قىلىش ، ئىشەنچىلىك بولۇش ، ئىپپەتلىك بولۇش ، بىلىش ، ياخشىلىققا
بۇيرۇش ، يامان ئىشتىن توسۇش ، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاش ، ئاتا-ئانىنى
ھۆرمەتلەش ، قوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش ، كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تونۇش ،
ئىشلارنى ساپ ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش ، ئۇنىڭغا ئىشەنچىسىنى قويۇش ، ئۇنىڭدىن ياردەم
سوراش ، ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى قوبۇل قىلىش ، ئۇنىڭ خاھىشىغا بويسۇنۇش ، ئۇنىڭغا
ئىشىنىش ، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى بىزگە ئېيىتقان بارلىق خەۋەرلەرگە ئىشىنىش ، ۋە باشقا
دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىنسانغا نەپ ئەكىلىدىغان ئىش-ھەركەتلەر . ئەگەر ئەلچىلىك
بولمىغان بولسا ، بىزلەرنىڭ كاللىمىز بۇ ھاياتتىكى پايدا بىلەن زىياننى تەپسىلىي
ئايرىشقا كۈچى يەتمىگەن بولاتتى . ئاللاھ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا
نىئېمەتلەرنىڭ بىرى بولسا ئۇلارغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىشى ، كىتاپلارنى چۈشۈرىشى ، ۋە
ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىشى بولۇپ ، ناۋادا ئۇ بولمىغان بولسا ئۇلار
ھايۋانلارنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالغان ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ناچار ھالغا قالغان بولاتتى
. شۇڭا كىمكى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى قوبۇل قىلسا ، ئۇنىڭغا چىڭ ئىسىلسا ، ئۇ
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى . ۋە كىمكى ئۇنى رەت قىلسا ۋە ئۇنىڭغا سەل قارىسا ، ئۇ
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچىرى . ھەتتا ئىت، چوشقىلاردىنمۇ ناچار بولۇپ ، رەزىللەرنىڭ
رەزىلى .
دۇنيا خەلقى پەقەت ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تارالغان ئەلچىلىكنىڭ ئىزلىرى بىلەنلا مەۋجۇت
بولۇپ تۇرالايدۇ . ئەگەر ئەلچىلەرنىڭ بۇ ئىزلىرى زىمىن يۈزىدىن ئۆچۈرۋىتىلسە ،
ئۇلارنىڭ تەلىماتى يوقىتىۋىتىلسە ، ئۇ چاغدا ئاللاھ ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى دۇنيانى
ۋەيران قىلىدۇ ھەمدە قىيامەت باشلىنىدۇ .
يەرشارى كىشىلىرىنىڭ ئەلچىلەرگە بولغان ئىھتىياجى ئۇلارنىڭ قۇياش ، ئاي ، شامال ،
ۋە يامغۇرغا بولغان ئىھتىياجىغا ، بىر ئادەمنى ھاياتلىقىغا بولغان ئىھتىياجىغا ،
ياكى كۆزنىڭ يورۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىغا ، ياكى بەدەننىڭ يىمەك-ئىچمەككە بولغان
ئىھتىياجىغا ئوخشىمايدۇ . بەلكى ئۇنىڭدىن چوڭ ۋە ھەرقانداق سىز ئويلىيالايدىغان ۋە
پەرەز قىلالايدىغان ئىھتىياجدىن چوڭ . ئەلچىلەر بولسا(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇلارغا بولسۇن) ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە توسۇقلىرىنى يەتكۈزىدىغان ئاللاھ
بىلەن ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئوتتۇرسىدىكى ۋاستىلەر .ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرى
ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىچىلار . ئۇلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئاخىرقىسى ، ئاللاھنىڭ
ھوزۇرىدا ئەڭ ھۆرمەتلىكى بولسا مۇھەممەد ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا
ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بولسۇن ) . ئاللاھ ئۇنى دۇنيالارغا رەھىم-شەپقەت سۈپىتىدە ،
ئاللاھقا يىقىنلىشىشنى خالايدىغانلارغا يىتەكچى ، بارلىق كىشىلەرگە بانا قويماسلىق
ئۈچۈن ئىزپات قىلىپ ئەۋەتتى . ئاللاھ كىشىلەرنى ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا ، ئۇنى سۆيۈشكە
، ھۆرمەتلەشكە ، ئۇنى ھىمايە قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئادا قىلىشقا بۇيرىدى .
ئاللاھ بارلىق ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەردىن ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە ۋە ئەگىشىشكە ئەھدە
ئالدى . ھەمدە ئۇلارنى ئۇلارغا ئەگەشكەن مۇئىمىنلەردىنمۇ ئوخشاش ئەھدىنى ئىلىشقا
بۇيرىدى . ئاللاھ ئۇنى قىيامەتتىن بۇرۇن خۇش-خەۋەر ئىلىپ كەلگۈچى ، ئاگاھلاندۇرغۇچى
، كىشىلەرنى ئاللاھ تەرەپكە ئۇنىڭ ئىزنى بىلەن چاقىرغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق قىلىپ
ئەۋەتتى . ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن ئەلچىلەرنىڭ سېپىنى ئاخىرلاشتۇردى ، ئازغۇنلۇقتىن
توغرىغا يىتەكلىدى ، ئۇئارقىلىق نادانلىقتىن بىلىم-مەرىپەتكە يىتەكلىدى ، ئۇنىڭ
ئەلچىلىكى بىلەن قارغۇ كۆزلەرنى ، پاڭ قۇلاقلارنى، قاتقان يۈرەكلەرنى ئاچتى. ئۇنىڭ
ئەلچىلىكى بىلەن قاراڭغۇلاشقان بۇدۇنيانى يورۇتتى ، چىچىلىپ كەتكەن كىشىلەرنى بىر
يەرگە يىغدى . ئىنسانلارنىڭ ئەگرى يولىنى تۈزلەپ بەردى ھەمدە ئۇلارغا توغرا يولنى
كۆرسەتتى . ئۇنىڭ كۆكسى-قارنىنى كەڭ قىلدى ھەمدە يۈكىنى ئىلىۋەتتى ، ئۇنىڭ
ئابرويىنى كۆتۈردى . ئۇنىڭ بۇيرىقىغا قارشى چىققان كىشىلەرگە خارلىق ، رەسۋالىقنى
مۇپتىلا قىلدى . ئۇنى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇلارغا بولسۇن ) ئەلچىلەر
بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان ، كىتاپلار يوقالغان ، سۆزلەر بۇرمىلانغان ، قانۇنلار
ئۆزگەرتىگەن ، بارلىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ ناتوغرا پىكىرلىرىگە تايانغان ، ئاللاھقا ۋە
ئۇنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇزۇق ئىددىيەلىرى ۋە كۆڭۈل خاھىشلىرى بىلەن
ھۆكۈم قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە ئەۋەتتى . ئۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئىنسانلارنى توغرىغا
يىتەكلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا يىقىنلىشىشنىڭ تۈرلۈك يوللىرىنى ئوچۇقلاپ بەردى . ئۇ
ئارقىلىق ، كىشىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقاردى . ئۇ ئارقىلىق ئۇتۇق
قازانغۇچى كىشىلەر بىلەن بەدئەخلاق كىشىلەرنى پەرىقلەندۈرۈپ بەردى . شۇڭا كىمكى
ئۇنىڭ يىتەكلىشىگە ئەگەشسە ، توغرىغا يىتەكلىنىدۇ . كىمكى ئۇنىڭ يولىدىن تىيىپ
كەتسە ،ئازىدۇ ۋە قىيىپ كىتىدۇ . ئاللاھ ئۇنى ۋە بارلىق ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرنى
تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .
[ ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيەنىڭ (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم-شەپقەت قىلسۇن)
«ئەلچىلىككە ئىسىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى ھەققىدە ئاساسى پىرىنسىپ » 19-ج ، 99-102 ب،
فەتىۋالار توپلىمى دىن ئىلىندى ؛ ھەمدە « لەۋامىئې ئەنۋار ئەلبەھىييە » 2-ج ، 216،
236 ب گە قاراڭ . ]
بىز ئىنساننىڭ ئەلچىلەرگە بولغان ئىھتىياجىنى تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلايمىز :
1- ئىنسان بىقىندى مەخلۇق (يارىتىلغۇچى ) ، شۇڭا ئۇ ياراتقۇچىسىنى تونۇشى ،
ئۇنىڭدىن نىمىنى كۈتىدىغىنىنى بىلىشى ، ۋە نىمىشقا يارىتىلغانلىقىنى بىلىشى كىرەك .
ئىنسان بۇنى ئۆزىگە تايىنىپ بىلەلمەيدۇ . ئۇ پەقەت پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنى
بىلىش ۋە ئۇلار ئىلىپ كەلگەن توغرا يول ۋە نۇر ئارقىلىقلا ، ئۇنى بىلىشكە يول
تاپالايدۇ .
2- ئىنسان تەن ۋە روھتىن تۈزۈلگەن . ئۇنىڭ تېنى يىمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ئوزيۇقلىىدۇ
. بىراق ئۇنىڭ روھىنىڭ ئوزۇقى بولسا ياراتقۇچىسى تەرىپىدىن چۈشەندۈرۈلگەن نەرسە ،
يەنى توغرا دىن ، ۋە توغرا ئىش-ھەركەت . پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرتوغرا دىننى ئىلىپ
كەلدى ۋە ئۇلارغا توغرا ئىش-ھەركەتلەرنى ئۆگەتتى .
3- ئىنسان ئۆز تەبىئىتى بىلەن دىندار بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەگىشىدىغان بىر دىنى بولۇشى
كىرەك . ھەمدە بۇ دىن توغرا بولۇشى كىرەك . توغرا دىنغا پەقەت پەيغەمبەرلەر ۋە
ئەلچىلەرگە ئىشىنىش ۋە ئۇلار ئىلىپ كەلگەن نەرسىگە ئىشىنىش ئارقىلىقلا يول تاپقىلى
بولىدۇ .
4- ئىنسان بۇدۇنيادا ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشتۈرىدىغان ، ئاخىرەتتە بولسا ئۇنىڭ
جەننىتىگە ۋە نىئېمىتىگە ئىرىشتۈرىدىغان بىر يولغا مۇھتاج بولىدۇ . ھەمدە
پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەردىن باشقا ھىچكىم بۇ يوللارنى كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ ۋە
ئۇنىڭغا باشلىيالمايدۇ .
5- ئىنسان ئۆز تەبىئىتى بىلەن ئاجىز ھەمدە ئۇنى كۈتۈپ ياتقان نۇرغۇن دۈشمەنلەر بار
. مەسىلەن ، شەيتا ئۇنى ئازدۇرۇشنى ئويلايدۇ ، ئەسكى دوستلار ئۇنىڭغا رەزىل
قىلمىشلارنى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ . ھەمدە كۆڭۈل يامان قىلمىشلارغا مايىل . شۇڭلاشقا
ئۇ دۈشمەنلىرىنىڭ سۇيقەستلىرىدىن ئۇنى قوغدايدىغان بىر نەرسىگە مۇھتاج بولىدۇ . ۋە
پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەر ئۇنى ئاشۇ نەرسىگە باشلايدۇ ھەمدە ئۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ
قويىدۇ .
6- ئىنسان ئۆز تەبىئىتى بىلەن ئارلىشىپ ياشايدۇ . باشقىلاربىلەن يىغىلىش ۋە
باردى-كەلدى قىلىشلاردا كىشىلەرنى ئادىل ، باراۋەر بولۇشقا يىتەكلەيدىغان قانۇنلار
بولۇشى كىرەك . بولمىغاندا قالايمىقان قانۇنلار بىسىۋالىدۇ . بۇ يىتەكلىگۈچى قانۇن
بارلىق ھەق-ھوقۇقى بارلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ھەرقانداق ئۇسۇلدا دەپسەندە قىلماستىن ۋە
ئاشۇرۋەتمەستىن قوغدىشى كىرەك . پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەردىن باشقا ھىچكىم نۇكەممەل
بىر قانۇننى تۈزۈپ چىقالمايدۇ .
7- ئىنسان ئۇنىڭغا بىخەتەرلىك ، روھى خاتىرجەملىك بىرىدىغان ھەمدە ئۇنى ھەقىقى
بەخىتنىڭ سەۋەپلىرىگە يىتەكلەيدىغان بىر نەرسىگە مۇھتاج . بۇ بولسا پەيغەمبەرلەر ۋە
ئەلچىلەر كىشىلەرنى يىتەكلەيدىغان نەرسە .
[ د.مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ بىن سالىھ سەھىيمنىڭ « ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە
مەنبەلىرى » ناملىق كىتابىدىن ]