تۇغقانلىرىمىز قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى توي زىياپىتى بېرىش مەقسىتىدە بىر كالا ئۆلتۈرمەكچى، بىز سۈننەت بولغان قۇربانلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇلارغا شېرىك بولساق، قۇربانلىقىمىز ئادا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاپ:
بارلىق
گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى
بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى
ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە
سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى:
توي
زىياپىتى مېھمانلارغا ھەر قانداق يىمەكلىكنى بېرىش بىلەن
ھاسىل بولىدۇ،
ھەتتا ئارپا بولسىمۇ بولىدۇ.
«پىقھى
توپلاملىرى» 45-توم، 250-بەتتە مۇنداق
دېيىلگەن: ھەنەپى، مالىكى، شافىئى ۋە ھەنبەلى
مەزھىپىدىكى پىقھى ئۆلىمالىرى: توي زىياپىتىنىڭ تۆۋەن
ئۆلچىمى يوق، ھەر
قانداق يىمەكلىك بەرسە سۈننەت ھاسىل بولىدۇ، گەرچە
ئىككى مۇد ئارپا
بولسىمۇ بولىدۇ،- دېگەن قاراشنى تۇتقان، چۈنكى
سەھىھ
ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
بەزى ئاياللىرىنىڭ توي زىياپىتىنى ئىككى مۇد ئارپا بىلەن ئۆتكۈزگەن» دەپ كەلگەن.
قازى
ئىياز رەھىمەھۇللاھمۇ ئۆلىمالارنىڭ: توي زىياپىتىنىڭ
تۆۋەن ئۆلچىمى يوق، قايسى نەرسە بىلەن توي
زىياپىتى بەرسە سۈننەت ھاسىل بولىدۇ،- دېگەن بىرلىك قارىشىنى
نەقىل قىلىدۇ.
ئىمام
شافىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمكانىيىتى بار كىشى ئۈچۈن توي زىياپىتىنىڭ ئەڭ
تۆۋەن ئۆلچىمى
بىر قويدۇر،
ئىمكانىيىتى بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈن كۈچى يەتكەن
نەرسىلەر بىلەن بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇرەھمان
ئىبنى ئەۋىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ توي قىلغان ۋاقىتتا
ئۇنىڭغا :«بىر قوي ئۆلتۈرۈپ بولسىمۇ توي زىياپىتى
بەرگىن» دېگەن.
نىشائى
رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: ئەسكەرتىش سۆزىدىن مەقسەت:
تولۇق زىياپەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن
ئۆلچىمى بىر قوي ئىكەنلىكىدۇر. ئەگەر
زىياپەت بەرگۈچى باي كىشى تۇرۇپمۇ، ھەر قانداق يېمەكلىك
بىلەن توي زىياپىتى بەرسە بولىۋىرىدۇ، بۇ نىكاھ
ئوقۇلغاندا شىكەر ۋە باشقا نەرسىلەردىن ھازىرلىنىدىغان
يىمەكلىك
ۋە
ئىچىملىكلەرنى ئۆز ئېچىگە
ئالىدۇ.
ھەنبەلى
ئۆلىمالىرىدىن بىر
بۆلىكى: توي
زىياپىتىنىڭ
بىر قويدىن ئاز بولماسلىقى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان
قىلغان.
زەركىشى
رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىر قوي بولسىمۇ
زىياپەت بەرگىن» دېگەن
سۆزىدىكى، «قوي»
دېگەن سۆز ئەڭ ئاز ئۆلچەمنى بىلدۈرىدۇ،
يەنى:
قويدەك ئاز نەرسە بىلەن بولسىمۇ،- دېگەنلىك بولىدۇ.
مىرداۋى
رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: يۇقارقىلاردىن توي زىياپىتىنىڭ
قويسىز بولسىمۇ بولىدىغانلىقى بىلىنىدۇ، ھەدىستىن: قويدىن چوڭراق
نەرسە بىلەن زىياپەت بىرىشنىڭ ئەۋلا ئىكەنلىكى
ئىپادىلىنىدۇ، چۈنكى
قوي تۆۋەن ئۆلچەم قىلىندى.
ئىككىنچى:
قۇربانلىققا
تۆگە ياكى كالىنىڭ يەتتىدىن
بىرى يېتىدۇ، بۇنى ئىلگىرى (45757) – نومۇرلۇق سوئالنىڭ
جاۋابىدا بايان قىلدۇق.
ئۈچىنچى:
كالا
ياكى تۆگىدە شېرىك بولغانلارنىڭ بەزىسى قۇربانلىقنى
مەقسەت قىلماستىن،
توي زىياپىتىگە ئىشلىتىش
ياكى يېيىش ياكى سېتىش ياكى باشقا مەقسەتلەر
ئۈچۈن گۆشكە شېرىك بولغان بولسىمۇ توغرا بولىدۇ.
ئىمام
نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ «ئەلمەجمۇئ» 8-توم،
372-بەتتە مۇنداق دېگەن: «قۇربانلىق ئۈچۈن بىر
تۆگە ياكى
بىر كالىدا يەتتە كىشى شېرىك بولسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ
ھەممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى بولسىمۇ، ياكى ئايرىم-ئايرىم كىشىلەر
بولسىمۇ، ياكى
بەزىلەر گۆشنى مەقسەت قىلسىمۇ توغرا بولىدۇ، بۇ شىرىكلىك يەنە ئاللاھقا يىقىنلشىشنى
ئويلاپ قۇربانلىق قىلغۇچىغىمۇ بولىدۇ، قۇربانلىقى نەزىر
ئۈچۈن بولسىمۇ ياكى نەپلە بولسىمۇ بولىدۇ،
بۇ بىزنىڭ قارىشىمىز، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا كۆپچىلىك
ئۆلىمالارمۇ مۇشۇنداق دېگەن».
ئىبنى
قۇدامە رەھىمەھۇللاھ «ئەل مۇغنى» 13-توم،
363-بەتتە: تۆگە
ۋە كالا يەتتە
كىشىگە يىتىدۇ، بۇ
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر،- دېدى. ئۇنىڭدىن
كېيىن بۇنىڭغا
دەلىل بولىدىغان ھەدىسلەرنى بايان قىلىپ: بۇ ھۆكۈم
ئىسپاتلىنىدىكەن، شېرىك بولغۇچىلار بىر ئائىلىدىن بولسىمۇ
ياكى بولمىسىمۇ، پەرھىز
قۇربانلىق قىلغۇچىلار ياكى
نەپلە قۇربانلىق قىلغۇچىلار بولسىمۇ، بەزىلەر
ساۋاپ مەقسەت قىلىپ،
يەنە بەزىلەر گۆشنى مەقسەت
قىلسىمۇ بولىۋىرىدۇ، چۈنكى ھەر
بىر كىشىگە ئۆز نېسىۋىسى كۇپايە قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ
نىيىتىنىڭ قانداق بولىشى ئۇ كىشىگە زېيان يەتكۈزەلمەيدۇ.
شۇنىڭ
ئۈچۈن، سىز
قۇربانلىق نىيىتى بىلەن كالىنىڭ
يەتتىدىن بىرىگە تۇققانلىرىڭىز
بىلەن شېرىك بولسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئاز بولۇپ
قالسا توغرا بولمايدۇ، باشقىلار قالغان گۆشنى ئۆزى خالىغانچە تويغا زىياپىتى ياكى باشقا ئىشلارغا
ئىشلەتسە بولىدۇ.
دىققەت
قىلىنىدىغىنى: قۇربانلىق
قىلىنىدىغان كالا ئىككى ياشتىن كىچىك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، ئۇنىڭدىن
كىچىك بولسا،
گەرچە ئۇ گۆشى كۆپ بولسىمۇ قۇربانلىقتا
يارىمايدۇ.
(41899)- نومۇرلۇق سوئالنىڭ
جاۋابىغا قارالسۇن.
ئاللاھ
تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
