ئۆلگەن ئادەم قەبرىدە ھايات دىيىلسە ، ئۇ ئۇنىڭ ئىلگىركى ھاياتىغا ئوخشامدۇ ؟ ئۇنىڭ قانچە ئەزاسى ئۇنىڭغا قايتىپ كىلىدۇ ؟ ئۇ قەبرىسىدە قانچە ئۇزۇن ھايات تۇرىدۇ ؟ ئەگەر ئۆلگەن ئادەمنىڭ جەسىتى سوراققا تارتىلسا ، ھىندىلار ، ياپونلار ، ۋە باشقىلارغا ئوخشاش جەسىتى كۆيدۈرلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ ؟ ئۇلارنى سوراق قىلىش قەيەردە ئىلىپ بىرىلىدۇ؟ دوختۇر ئوپىراتسىيە ئىلىپ بارغاندا ، ئۇ بىمارنىڭ تۇيغۇسىنى ناركوز دورىلىرى بىلەن يوق قىلىدۇ . ئەمدى بۇ ئۆلۈم توغىرسىدا ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى سورىماقچىمەن ؟

مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن
ھەربىر ئەر ۋە ئايال مۇئىمىننىڭ ئاللاھ كىتابىدا ، ياكى پەيغەمبىرىنىڭ(ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) تىلىدا ئۇلارغا خەۋەر قىلغان ئاخىرەت ،
ھىسابات ، جەننەت ، دوزاخقا مۇناسىۋەتلىك ۋە ئۆلۈم ،قەبرە ، ئۇنىڭدىكى ئازاپ ۋە
نىئىمەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارغا مۇقەددەس قۇرئان ياكى پاك سۈننەتتە
كەلگەن باشقا غەيبى نەرسىلەرگە ئىشەنمىگى لازىم . بىز ئۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز ۋە ئۇنى
قوبۇل قىلىشىمىز لازىم . چۈنكى ، بىز بىلىمىزكى ، پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ئېيىتقان
ۋە خەۋەر قىلغان بارلىق بارلىق نەرسىدە راستچىل . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : «
ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدىن راستراق كىمنىڭ سۆزى بار ؟ » [ نىسا ( ئاياللار ) : 122 ] ، «
ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار ؟» [ نىسا ( ئاياللار ) : 87 ]
بىز بىلىمىزكى ، ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)
كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ راستچىل بولۇپ ، ئۇ ھەرگىز كۆڭۈل خاھىشى بىلەن سۆزلىمەيدۇ ،
ئۇ پەقەت ئۇنىڭغا ئىلھام قىلىنغان ۋەھىي . سەھىيھ ھەدىيستە ئىسپاتلانغان ھەرقانداق
نەرسە مەيلى بىز ئۇنى تولۇق چۈشەنمىسەكمۇ ، ئۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز لازىم . شۇڭلاشقا
بىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىز _ ئاخىرەت ئىشلىرى ، جەننەت ، دوزاخ ، جەننەت
كىشىلىرىنىڭ نازۇ-نىئېمەتلىرى ، دوزاخ كىشىلىرىنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى ھەققىدە
دىيىلگەن نەرسىلەرگە ، ھەمدە قەبرىدىكى كىشىنىڭ ئازاپلىنىشى ياكى نىئېمەتلىنىشى ۋە
ئۇنىڭ روھىنىڭ ئۇنىڭغا قايتىپ كىلىشىدىن ئىبارەت پاكىتقا ئىشىنىش . بۇنىڭ ھەممىسى
راست ۋە قۇرئان ، ھەدىيس تېكىستلىرىدە بايان قىلىنغان . شۇڭا بىز ئۇنىڭغا
بويسۇنىشىمىز ھەمدە بىز قۇرئاندىن ئۆگەنگەن ، ياكى سەھىيھ ھەدىيستە نەقىل قىلىنغان
ياكى ئىسلام ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن ھەر قانداق نەرسىگە ئىشىنىشىمىز لازىم .
ئاندىن ئەگەر ئاللاھ بىر مۇئىمىن ئەر ياكى ئايالغا ئۇنىڭدىكى ھىكمەت ۋە سىرلارنى
بىلدۈرۈش بىلەن مىننەت قىلسا ، ئۇنداقتا بۇ ياخشىلىق ئۈستىگە ياخشىلىق ، نۇر
ئۈستىگە نۇر ، بىلىم ئۈستىگە بىلىم . شۇڭا ئۇ ئاللاھنى مەدھىيلىسۇن ھەمدە ئۇ
ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان بىلىم –مەرىپەت ، ۋە ئەقىل-پاراسەت ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيىتسۇن ،
تاكى ئۇنىڭ بىلىمى ۋە خاتىرجەملىكى ئاشسۇن .
قەبرىدىكى سوراققا تارتىش ۋە ئۆلگۈچىنىڭ ئەھۋالى توغىرسىدا ، بۇ سۇئال-سوراق
ھەقىقىي بولۇپ ، ئۆلگۈچىنىڭ روھى ئۇنىڭغا قايتۇرلىدۇ . ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدىن
(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) نەقىل قىلىنغان خەۋەرلەر سەھىيھ
بولۇپ ، مىيىتنىڭ قەبرىدىكى ھاياتى ئۇنىڭ بۇدۇنيادىكى ھاياتىغا ئوخشىمايدۇ . ئۇ
بەرزەختىكى ئالاھىدە ھايات بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇدۇنيادىكى يىمەك-ئىچمەك ۋە باشقا
نەرسىلەرگە مۇھتاج بولىدىغان ھايات ئەمەس . بەلكى ئۇ سۇئال ۋە جاۋاپلارنى
چۈشىنەلەيدىغان ئالاھىدە ھايات بولۇپ ، ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭدىن : پەرۋەردىگارىڭ
كىم؟ دىنىڭ نىمە؟ پەيغەمبىرىڭ كىم ؟ دەپ سۇئال سورايدۇ .
مۇئىمىن بولسا :»پەرۋەردىگارىم ئاللاھ ، دىنىم ئىسلام ، پەيغەمبىرىم مۇھەممەد»
دەيدۇ ، ھەربىر مۇئمىن مۇشۇنداق جاۋاپ بىرىدۇ . ھەمدە ئۇنىڭغا : «سەن بۇ كىشى
ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسەن ؟ » دىيلىدۇ ، ئۇ : » ئۇ بولسا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ، ئۇ
بىزگە توغرا يولنى ئىلىپ كەلدى . بىز ئۇنىڭغا ئىشەندۇق ۋە ئەگەشتۇق .» ئۇنىڭغا : »
بىز سىنىڭ مۇئىمىن ئىكەنلىكىڭنى بىلەتتۇق .» دىيلىدۇ . ھەمدە ئۇنىڭغا جەننەتكە بىر
ئىشىك ئىچىلىدۇ ھەمدە ئۇ جەننەتنىڭ ئارامىنى ۋە نازۇ-نىئېمەتلىرىنى ھىس قىلىدۇ . ۋە
دىيلىدۇ : » مانا بۇ تاكى ئاللاھ سىنى ئۇنىڭغا تىرىلدۈرگىچە سىنىڭ ئورنۇڭ بولىدۇ .
ھەمدە ئۇنىڭغا دوزاختىكى ئورنى كۆرسىتىلىدۇ . ئۇنىڭغا : » ئەگەر سەن ئاللاھنى
ئىنكار قىلغان بولساڭ ، مۇشۇ سىنىڭ ئورنۇڭ بولاتتى ، بىراق ئاللاھ ئۇنىڭدىن سىنى
ئۆز پاناھىدا ساقلىدى ، سەن ئاخىرى جەننەتتە بولدۇڭ . » دىيلىدۇ .
كاپىرغا نىسبەتەن ، ئۇنىڭدىن پەرۋەردىگارى ، دىنى ۋە پەيغەمبىرى توغىرسىدا سۇئال
سورالسا ، ئۇ : » ھە! ھە! مەن بىلمەيمەن . مەن كىشىلەرنىڭ بىر نەرسە دەۋاتقىنىنى
ئاڭلاپ ، شۇنىڭغا ئوخشاش دىدىم . ئاندىن ئۇ بىر بازغان بىلەن ئۇرىلىدۇ ، شۇنىڭ
بىلەن ئۇ چىرقىرايدۇ . ئۇنى ئىككى يۈك ،يەنى ئىنسان ۋە جىندىن باشقا ھەممە نەرسە
ئاڭلايدۇ ، ئۇنى ھايۋانلارمۇ ئاڭلايدۇ .ئاندىن ئۇنىڭغا دوزاخقا بىر ئىشىك ئىچىلىدۇ
، ھەمدە قەبرىسى تارايتىلىدۇ ، ئاخىرى ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرى بىر-بىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ
ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى دوزاخ ئورەكلىرىدىن بىر ئورەككە ئوخشاش بولىدۇ . ئۇنىڭغا دوزاخقا
بىر ئىشىك ئىچىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ ھارارىتى ۋە ئازابى كىلىپ تۇرىدۇ .
ئۇنىڭغا : » ئاللاھ تاكى سىنى ئۇنىڭغا تىرىلدۈرگىچە مۇشۇ سىنىڭ ئورنۇڭ بولىدۇ .»
دىيلىدۇ . ئاندىن ئۇنىڭغا جەننەتكە بىر ئىشىك ئىچىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا جەننەتتىكى
ئورنى كۆرسىتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا : » ئەگەر ئاللاھ سىنى يىتەكلىگەن بولسا ، مۇشۇ سىنىڭ
ئورنۇڭ بولاتتى .» دىيلىدۇ .
بۇنىڭدىن بىز قەبرىنىڭ يا جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچا ، يا دوزاخ ئورەكلىرىدىن
بىر ئورەكلىكىنى بىلىۋالىمىز .
ئەمدى سۇغا غەرىق بولۇش ، كۆيدۈرلۈش ، ياكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يىيىشى بىلەن
ئۆلگەنلەرگە كەلسەك ، ئۇلارنىڭ روھلىرى ئازاپ ياكى نىئېمەتدىن ئۈلىشى بار . ھەمدە
روھلار ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ، دىڭىزدىكى ياكى ھايۋانلارنىڭ قورسىقىدىكى
جەسەتلىرىگە ئاللاھنىڭ خالىغىنىچە كىلىدۇ . بىراق ئازاپ ياكى نىئېمەتنىڭ كۆپىنچىسى
قىپقالغان روھىغا بولىدۇ ، مەيلى نىېمەت ئىچىدە بولسۇن ، ياكى ئازاپ ئىچىدە بولسۇن
، مۇئىمىننىڭ روھى جەننەتكە كېتىدۇ . پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « مۇئىمىننىڭ روھى بىر قۇش بولۇپ ، جەننەتنىڭ
دەرەخلىرىگە ئىسىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ مىۋىلىرىنى يەيدۇ ، كاپىرنىڭ روھى دوزاخقا كېتىدۇ .
»
ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ۋە ئايال ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) خەۋەر قىلغان نەرسىنى قوبۇل قىلىشى ، ھەمدە ئۇ ھەقتە
ئاللاھ ئىرادە قىلغان رەۋىشتە ئىشىنىشى كىرەك . گەرچە بىر قىسىم مەنىلەر ئۇنىڭغا
يۇشۇرۇن بولسىمۇ . ئاللاھ مۇكەممەل ھىكمەتكە ئىگە . ئاللاھ پاك !
[ يىتۈك ئالىم پېشىۋا ئابدۇل ئەزىيز بىن ئابدۇللاھ بىن باز نىڭ تۈرلۈك ماقالىلەر ۋە
فەتىۋالار توپلىمى كىتابى ، 338-ب ]