خوشنام كاپىر، ئۇنىڭ مەندىن تەلەپ قىلغان ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىشىم توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
بارلىق گۈزەل
مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
بۇ ئىش سىز ياشاۋاتقان
يۇرتنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە مۇناسىۋەتلىك
بولۇپ، ئەگەر ئۇ يەردە خوشنىلار ئۆز-ئارا ھاجەتلىرىنى ئادا
قىلىشىدىغان ئادەت بولسا، مىسالغا ئالساق: بىرسى بازارغا بارماقچى بولسا،
خوشنىسى ئۇنىڭغا: ماڭا بازاردىن مۇنداق-مۇنداق
نەرسە ئالغاچ كېلىڭ دەپ تەلەپ قىلسا، گەرچە خوشنىسى
كاپىر بولغان تەقدىردىمۇ
ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئالغاچ كەلسە
بولىدۇ. چۈنكى ئۇ خوشنىنى ھۆرمەتلەشنىڭ
جۈملىسىدىندۇر.
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام خوشنىدارچىلىق ھەققىدە مۇنداق
دېگەن: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە
ئىمان كەلتۈرگەن كىشى، خوشنىسىنى ھۆرمەت
قىلسۇن. [بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ
بىرقىسمى].
ئەمما مەزكۇر
يۇرتنىڭ ئۆرپ-ئادىتىدە خوشنىلار
ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىدىغان ياكى ياردەملىشىدىغان ئىشلار بولمىسا،
بۇ ۋاقىتتا ئىشنىڭ يۆلىنىشىگە قاراپ
مۇئامىلە قىلىش كېرەك. پەزىلەتلىك شەيخ
ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالىرىدىن
ئىلىندى.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى
بىلگۈچىدۇر.
تەرجىمە قىلغۇچى:
سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
