بىز غەرىپتە بىر شەھەردە تۇرىمىز ، بۇ يەردە بىز ھۆكۈم قىلدۇرىدىغانغا ياكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىدىغانغا بىرە ئىسلامى سوت مەھكىمىسى ياكى ئىسلام مەركىزى تاپالمايمىز .بىزدە بىر ئىسلام دەۋەت مەركىزى بار ، لىكىن ئۇنىڭدا رەئىس ياكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىپ بىرىدىغانغا بىرەسى يوق .بىر ئايالنىڭ كاپىر سوتچى(قازى) ئالدىدا بالىلىرىنى بېقىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە قوشۇلۇشى ئىجرا قىلىنىش لازىم ھىساپلىنامدۇ ؟ كاپىر سوتچىنىڭ ئەگەر بالىلار ئاپىسىنىڭ قېشىدا بولسا دادا بالىلىرىنىڭ خىراجىتىنى قىلىدۇ دىگەن ھۆكۈمى ئىجرا قىلىنىشى لازىم ھىساپلىنامدۇ ؟
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
بىز بۇ سۇئالنى پېشىۋا مۇھەممەت بىن سالىھ ئۇسەيمىين (ئاللاھ ئۇكىشىگە رەھىم قىلسۇن
) گە سۇنغانىدۇق ، ئۇ تۆۋەندىكىچە جاۋاپ بەردى :
بىرىنچى -ئاللاھ سىزنى بەخىتلىك قىلسۇن – ئەگەر دەۋەت مەركىزى بۇ مەسىلىلەرگە ھۆكۈم
قىلىپ قويۇشقا قوشۇلسا ، بۇنىڭدا چاتاق يوق . بۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت ،
چۈنكى بىز مەسىلىلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈم قىلىپ قويۇشىغا سۇنىشىمىز كىرەك .
بىراق بېقىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش مەسىلىسىگە كەلسەك ، ئەگەر ئانا بېقىش ھوقۇقىدىن
ۋاز كەچسە ، بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ، ئەگەر ئۇ بۇنى ئىقرار قىلسا ،
مۇشۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك بولۇپ ئىجرا قىلىنىدۇ .
بالىلارنىڭ خىراجىتىنى قىلىشقا كەلسەك ، ئەگەر ئۇلار ئانا بېقىش ھوقۇقىدىن ۋاز
كەچكەندىن كىيىن دادىلىرىنىڭ قېشىغا بارسا ، ئۇ ئۇلارنىڭ خىراجىتىنى قىلىش كىرەك .
سۇئال :
ئەگەر كاپىر سوتچى بالىلار ئانىلىرىنىڭ قېشىدا تۇرغاندىمۇ دادا ئۇلارنىڭ خىراجىتىنى
قىلىش كىرەك دەپ ھۆكۈم قىلسا ، بۇ ئىجرا قىلىنامدۇ ؟
جاۋاپ :
سوتچى دادا ئۇلارنىڭ خىراجىتىنى قىلىش كىرەك دەپ ھۆكۈم قىلمىغان تەقدىردىمۇ ، بۇ
شەرىئەت بويىچە ئۇنىڭ مەسئۇلىيتى .
سۇئال :
مىقدارىچۇ ؟
جاۋاپ :
مىقدارى ئۇرف(يەرلىك ئادەت) تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ .
سۇئال :
شۇڭا ئەگەر كاپىر سوتچى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مىقدار يەرلىك ئادەتكە ئاساسەن بولسا
، ئۇنى ئىجرا قىلىشى كىرەكمۇ؟
جاۋاپ :
ئۇنى ئىجرا قىلىشى كىرەك ، لىكىن ئۇ سوتچىنىڭ ھۆكۈمى بولماستىن بەلكى يەرلىك ئادەت
.
سۇئال :
ئەگەر ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن بىر مۇسۇلمانغا ھۆكۈم قىلدۇرۇشقا قوشۇلسا ، ئۇنىڭ ھۆكۈمى
ئىجرا قىلىنامدۇ ؟ غەرىپتە ئىماملار دىيانەتسىز كىلىدۇ ، شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا ھۆكۈم
قىلدۇرسا بولامدۇ ؟
جاۋاپ :
ئەگەر ھۆكۈم قىلدۇرىدىغانغا باشقا ئادەم بولمىسا ، ئاندىن بولىدۇ . بىراق
فىقھىشۇناسلار ئۇنىڭ قازىلىق قىلىشقا مۇناسىپ بولۇشىنى يەنى، شەرىئەتتىن بىلىمگە
ئىگە بولۇشىنى شەرت قىلغان . بىراق ئۇنىڭدىن باشقا بىرى بولمىسا ، ئۇلار كۈچىنىڭ
يېتىشىچە ئاللاھتىن قورقسۇن .
سۇئال :
ئەگەر بۇ يەردە ھۆكۈم قىلىشنى بىلىدىغان پەقەت ئادەم بولمىسا ، بىراق بىر دانا
مۇسۇلمان ئەر بولسىچۇ ؟
جاۋاپ :
ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش ئاساسىدا ھۆكۈم قىلىپ
قويۇشىنى سورىسا ، بۇ بولىدۇ .
سۇئال :
بىراق بىز بۇ پەقەت ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن دىسەك ، ئۇنىڭ سۆزى ئىجرا قىلىنىشى
لازىم ئەمەس ، شۇنداقمۇ ؟
جاۋاپ :
ياق ، لىكىن ئۇ ھۆكۈم چىقارسا ھەمدە ئۇلار ئۇنىڭغا قوشۇلسا ، ئۇنداقتا ئۇ ئىجرا
قىلىنىشى كىرەك . ئىككى تەرەپ قوشۇلغان ھەرقانداق ئەپلەشتۈرۈش ئىجرا قىلىنىدۇ ،
چۈنكى ھەدىستە : « ياراشتۇرۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا دۇرۇستۇر » دىيىلگەن . ھەمدە
ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
