كەشكە مەسىھ قىلىشنىڭ شەرتلىرىنى دەلىللىرى بىلەن ئېيتىپ بىرەمسىز ؟

مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن
كەشكە مەسىھ قىلىنىشنىڭ شەرتلىرى تۆت :
بىرىنچى شەرت : بىر جۈپ كەشنى پاك ھالىتىدە كەيگەن بولۇش ، ئۇنىڭ دەلىلى :
پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇغىيرە بىن
شۇئېبەگە دىگەن مۇنۇ سۆزى : « بولدى قوي ، چۈنكى مەن ئۇلارنى مەن پاك ھالىتىمدە
كەيگەن .»
ئىككىنچى شەرت : بىر جۈپ كەش ياكى پايپاق پاكىز بولۇش ، ئەگەر ناپاك بولسا ،
ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىشقا بولمايدۇ ، ئۇنىڭ دەلىلى بولسا : ئاللاھ ئەلچىسى بىر كۈنى
ساھابىلىرىغا ئىمام بولۇپ بىر جۈپ ئايىغى بىلەن ناماز ئوقۇغان، ناماز ئوقۇۋاتقاندا
ئۇلارنى سىلىۋەتكەن . ۋە دىدىكى ، جەبرائىل ئۇلاردا مەلۇم نىجاسەت بارلىقىنى خەۋەر
قىلغان . [ ئەھمەد ئۇنى ئەبۇ سەئېيىد خۇدرىيدىن مەسنىدىدە نەقىل قىلغان .] بۇ بولسا
نىجاسەت بار نىمىدە ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ۋە يەنە نىجىس
نەرسە سۈرتۈلسە ، سۈرتكۈچىنى نىجاسەت بىلەن مەينەت قىلىدۇ ، شۇڭا ئۇ پاك بولدى دەپ
قارالمايدۇ .
ئۈچۈنچى شەرت :
ئۇ جۇنۇپلۇق ياكى غۇسلى ۋاجىپ بولىدىغان نىمىدىن كىيىن ئەمەس ، كىچىك
تاھارەتسىزلىكتىن كىيىن مەسىھ قىلىنىغان بولۇش . ئۇنىڭ دەلىلى بولسا سەفۋان بىن
ئەسسالنىڭ ھەدىيسى، ئۇ مۇنداق دىگەن : » ئاللاھ ئەلچىسى بىز مۇساپىر بولغىنىمىزدا
جۇنۇپلۇقتىن باشقىسىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز كەشىمىزنى سالماسلىققا بۇيرىدى . لىكىن بىز
چوڭ تەرەت ، كىچىك تەرەت ۋە ئۇخلىغان ھالەتتە ئۇلارنى سالمايىتتۇق ۋە مەسىھ
قىلاتتۇق . » [ ئۇنى ئەھمەد مۇسنەدىدە سەفۋان بىن ئەسسالدىن نەقىل قىلغان ] . شۇڭا
مەسىھ قىلىش بىز تىلغا ئالغان بۇ ھەدىيس سەۋەپلىك كىچىك ناپاكلىقتا قىلىش شەرت ،
لىكىن چوڭ ناپاكلىقتا مەسىھ قىلىشقا بولمايدۇ .
تۆتىنچى شەرت : مەسىھ قىلىش شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە بولۇشى ، يەنى
مۇقىم كىشىگە بىر كېچە-كۈندۈز ، مۇساپىر كىشىگە ئۈچ كېچە-كۈندۈز . ئەلىينىڭ مۇنۇ
ھەدىيسىگە ئاساسەن ، ئۇ مۇنداق دىگن : » پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇقىم كىشىگە بىر كېچە-كۈندۈزنى ، مۇساپىر كىشىگە ئۈچ
كېچە-كۈندۈزنى بەلگىلىدى ، يەنى كەشكە مەسىھ قىلىشتا . » [ ئۇنى مۇسلىم نەقىل
قىلغان . ] ھەمدە بۇ مۇددەت تاھارەتسىزلىكتىن كىيىن بىرىنچى قىتىم مەسىھ
قىلىنغاندىن باشلىنىپ ، مۇقىم كىشىگە نىسبەتەن 24 سائەتتە ، مۇساپىر كىشىگە 72
سائەتتە ئاخىرلىشىدۇ . شۇڭا بىز بىر كىشى سەيشەمبە كۈنى بامدات نامىزىغا پاكىزلاندى
، ھەمدە پاكىزلىقىنى( يەنى تاھارىتىنى) ساقلاپ قالدى ، ئاخىرى سەيشەمبە كۈنى كېچە
خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇدى ھەمدە ئۇخلىدى ئاندىن چارشەمبە كۈنى بامدات نامىزىغا قوپتى
ھەمدە زاۋال ۋاقتى سائەت 5 تە پايپىقىغا مەسىھ قىلدى دەپ پەرەز قىلساق ، ئۇنداقتا
مۇددەت چارشەمبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 5 تىن باشلىنىدۇ ھەمدە ئۇ پەيشەمبە كۈنى
ئەتتىگەن سائەت 5 كىچە داۋاملىشىدۇ . ناۋادا بىز ئۇ ئەتتىگەن سائەت 5 تىن بۇرۇن
مەسىھ قىلغان دەپ پەرەز قىلساق ، ئۇنداقتا ئۇ بۇ مەسىھ بىلەن پەيشەمبە كۈنىدىكى
بامداتنى ئوقۇيالايدۇ ھەمدە ئۇ پاكىزلىقنى ساقلاپ قالسىلا ، ئۇ قانچىلىك نامازنى
ئوقۇشنى خالىسا ، ئوقۇيالايدۇ . چۈنكى ئالىملارنىڭ ئەڭ توغرا قارىشىغا
ئاساسلانغاندا ، مەسىھ قىلىش مۇددىتى توشۇش بىلەن تاھارەت سۇنمايدۇ . چۈنكى
پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) پاكىزلىققا ۋاقىت
بەلگىلىمىگەن ، بەلكى مەسىھ قىلىشقا ۋاقىت بەلگىلىگەن . شۇڭا مۇددەت ئاخىرلاشسا ،
مەسىھ قىلىشقا بولمايدۇ . لىكىن ئۇ پاكىزلىقىنى ساقلاپ قالغان بولسا ،ئۇنىڭ
پاكىزلىقى داۋاملىشىدۇ . چۈنكى بۇ شەرئى دەلىللەر كۆرسەتكەن نەرسە ، ھەمدە ھەر
قانداق بىر نەرسە شەرىئى دەلىلەر بىلەن ئىسپاتلىنىدىكەن ، تىخىمۇ كۈچكە ئىگە شەرئى
دەلىل بولمىسىلا ئۇ كۈچتىن قالمايدۇ . ھەمدە مەسىھ قىلىش مۇددىتى توشۇش بىلەن
تاھارەتنىڭ سۇنىدىغانلىقىغا دەلىل يوق ، چۈنكى ئاساسى پىرىنسىپ بولسا ئەسلىدىكى
ھالەت ئۇنىڭ يوقالغانلىقى نامايەن بولمىغىچە ، ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ . بۇ
شەرتلەر بولسا كەشكە مەسىھ قىلىشنىڭ شەرتلىرى . ھەمدە يەنە بىر قىسىم ئالىملار
ئوتتۇرغا قويغان باشقا شەرتلەرمۇ بار . بىراق ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تىخىمۇ مۇنازىرە
تەلەپ قىلىدۇ .
إعلام المسافرين ببعض آداب وأحكام السفر وما يخص الملاحين الجويين لفضيلة الشيخ
محمد بن صالح العثيمين ص 14.