مەن بۇ يىل مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىۋاتىمەن، بەزى كىشىلەر 10-كۈنى بىلەن 9-كۈنى روزا تۇتۇشنى سۈننەت دەيدۇ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بارمۇ؟.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتاتتى ۋە باشقىلارنىمۇ ئاشۇرا كۈنى روزا
تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى(مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى)، بەزىلەر: يا رەسۇلۇللاھ! بۇ يەھۇدىي
-ناسارالارنىڭ چوڭ بىلىدىغان كۈنى، دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
ئەگەر مەن كېلەر يىلغىچە ئۆمۈر كۆرسەم مۇھەررەمنىڭ 9- كۈنىدىمۇ روزا تۇتىمەن».
كېلەر يىلىدىن ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتتى.
ئىمام شاپىئىي ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى، ئىمام ئەھمەد، ئىسھاق ۋە باشقىلار: مۇھەررەمنىڭ
9- 10- كۈنلىرى روزا تۇتۇش ياخشى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ 10- كۈنى روزا
تۇتقان، 9- كۈنى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىپ دۇنيادىن كەتكەن دەيدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەڭ ئاز بولغاندا مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى روزا تۇتۇش، مۇمكىن بولسا
بىر كۈن بۇرۇن ۋە بىر كۈن كېيىن تۇتۇش، بولۇپمۇ مۇھەررەم ئېيىدا روزىنى قانچە كۆپ
تۇتسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
مۇھەررەمنىڭ 9-كۈنى بىلەن 10- كۈنىدە بىللە روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى نېمە؟ دەپ
سورىسىڭىز، بۇنىڭ جاۋابى: ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: شاپىئي مەزھىبىدىكى ۋە باشقا
مەزھەبتىكى ئالىملار مۇھەررەمنىڭ 9-كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىرقانچىنى
سۆزلەيدۇ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
1- يەھۇدىيلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىش، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىنغان ھەدىستە يەھۇدىيلار پەقەت مۇھەررەمنىڭ 10- كۈنىلا روزا تۇتاتتى.
2- جۈمە كۈنىلا روزا تۇتۇشتىن چەكلەنگەنگە ئوخشاش يالغۇز 10- كۈنىلا روزا تۇتماستىن
بىر كۈن قوشۇپ تۇتۇش.
3- ئاينىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولىشى سەۋەبىدىن ئېھتىيات قىلىپ 9-مۇھەررەم كۈنىمۇ روزا
تۇتۇش.
بۇ سۆزلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغىنى يەھۇدىيلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتۇر. شەيخۇل
ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپلىگەن ھەدىسلىرىدە
ئەھلى كىتابقا ئوخشاپ قىلىشتىن چەكلىگەن. مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنىلا روزا تۇتۇشتىمۇ
ئەھلى كىتابقا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن «ئەگەر مەن كېلەر يىلغىچە ئۆمۈر كۆرسەم
مۇھەررەمنىڭ 9- كۈنىدىمۇ روزا تۇتىمەن» دېگەن.
ئىبنى ھەجەر«ئەگەر مەن كېلەر يىلغىچە ئۆمۈر كۆرسەم مۇھەررەمنىڭ 9- كۈنىدىمۇ روزا
تۇتىمەن» دېگەن بۇ ھەدىسكە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
مۇھەررەمنىڭ 9- كۈنىدىمۇ روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلىشى پەقەت 10- كۈنى بىلەن بىرگە
تۇتىمەن دېگەننى مەقسەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئاينىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكىدىن
ئېھتىيات قىلىش ياكى يەھۇدىي -ناسارالارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتۇر. مۇسلىمنىڭ
بەزەن رىۋايەتلىرى بۇ ئاساسنى كۇچلاندۇرىدۇ.
