ھەج قىلىشقا قادىر بولۇشتىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟

الحمد للہ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ھەج قىلىشقا قادىر بولۇشتىن: سالامەتلىكىنىڭ
ياخشى بولىشى، ھەرەمگە بېرىپ – كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەر تۈرلۈك قاتناش
ۋاسىتىلىرىنىڭ كىراسى، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي قاتارلىقلارغا يەتكۈدەك
ئىقتىسادنىڭ بولىشى ۋە ئائىلىسىدە قالغان كىشىلەرنىڭمۇ قىينىلىپ قالماسلىقى مەقسەت
قىلىنىدۇ.

ئەگەر ئايال كىشى بولسا ئىرى ياكى باشقا
مەھرەملىرى بىلەن بىرگە چىقىشى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.