مۇسۇلمان ئىبادەتلەرنى قىلىدىغان چاغدا نىيەتنى ئىغىزى بىلەن دەمدۇ ؟ يەنى ، نىيەت قىلدىم تاھارەت ئىلىشنى ، نىيەت قىلدىم ناماز ئوقۇشنى ، نىيەت قىلدىم روزا تۇتۇشنى . ۋە باشقا مۇشۇنداق دەمدۇ ؟

مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيەدىن :
ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرگە كىرگەندە نىيەت قىلىش ھەققىدە ، تىلنىڭ سۆزلىشى
لازىممۇ ؟ مەسىلەن ، ناماز ئوقۇشنى نىيەت قىلدىم ، روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلدىم دىيىش
لازىممۇ؟ دەپ سورالغاندا ، ئۇ جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دىگەن :
» مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . تاھارەت ، ياكى يۇيۇنۇش ياكى تەيەممۇم قىلىشتىن
ئىبارەت پاكلىنىش نىيىتىنى ، ھەمدە ناماز ، روزا ، زاكات ، كەففارەت بىرىش ۋە باشقا
ئىبادەتلەرنىڭ نىيىتىنى بارلىق ئىسلام ئىماملىرىنىڭ بىردەكلىكى بىلەن تىلنىڭ
سۆزلىشىگە مۇھتاج ئەمەس . بەلكى ئۇلارنىڭ بىردەك قارىشى بىلەن نىيەتنىڭ ئورنى دىل .
ناۋادا كىشى خاتالىشىپ ئۇنى دىلىدىكىگە قارشى سۆزلەپ قالسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ
ئىغىزىدىن چىققىنى ئەمەس ، دىلىدا پۈككىنى ھىساپ.
ھىچكىم ئۇ توغىرسىدا قارشى پىكىر ئوتتۇرغا قويمىدى ، پەقەت بىرقىسىم ئىمام
شافىئىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كىيىنكىلىرى ئۇنى قوللىغان ، بىراق بۇ مەزھەپنىڭ بىر
قىسىم ئىماملىرى بۇنى خاتا دىدى . لىكىن ئالىملارنىڭ تالاش-تارتىشى بولسا ، نىيەتنى
سۆزلەش ياخشى(مۇستەھەپ)مۇ -ئەمەس ؟ دىگەن مەسىلە . بۇ ھەقتە ئىككى خىل سۆز بار :

ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە ، شافىئىي ، ۋە ئەھمەد نىڭ بىر قىسىم ھەمرالىرى : ئۇ نىيەتنى
كۈچەيتىدىغىنى ئۈچۈن ، نىيەتنى سۆزلەش ياخشى دىگەن .
ئىمام مالىك ، ئەھمەد بىر قىسىم ھەمرالىرى ۋە باشقىلار : » ئۇنى ئىغىزدا سۆزلەش
ياخشى ئەمەس . چۈنكى ئۇ پەيغەمبەردىن (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا
بولسۇن) ، يا ساھابىلەردىن نەقىل قىلىنمىغان بىدئەت . ھەمدە پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇممىتىدىن ھىچكىمنى نىيەتنى سۆزلەشكە
بۇيرىمىغان ۋە ياكى ئۇ مۇسۇلمانلاردىن ھىچكىمدىن تونۇلمىغان . ناۋادا بۇ بەلگىلەن
ئىش بولسىدى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ۋە ئۇنىڭ
ھەمرالىرى ئۇممەت ھەر كېچە-كۈندۈزدە ئىبادەتلىرىدە قىلىدىغان بۇ ئىشقا سەل
قارىمايىتتى . » دىگەن .
بۇ سۆز ئەڭ توغرا ، بەلكى نىيەتنى ئىغىزدا دىيىش بولسا ئەقىل ۋە دىن جەھەتتە
كەمتۈكلۈك بولىدۇ : دىن جەھەتتە بولسا ئۇ بىر بىدئەت ، ئەقىل جەھەتتە بولسا بۇ بىر
تاماق يىمەكچى بولۇپ : نىيەت قىلدىم ، قولۇمنى بۇ قاچىغا قويۇشنى ، مەن ئۇنىڭدىن
بىر كاپام ئالىمەن ، ئاندىن ئۇنى ئىغىزىمغا سىلىپ ئۇنى چاينايمەن ، ئاندىن تويۇش
ئۈچۈن ئۇنى يۇتىمەن دىگەن كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ . بۇ ئەقىلسىزلىق ۋە نادانلىق
.
نىيەت بولسا بىلىش بىلەن باغلانغان بولۇپ ، ئەگەر بىر كىشى نىمە قىلىۋاتقىنىنى
بىلسە ، ئۇنداقتا ئۇ ئىنقلا بىر نىيەتنى قىلىپ بولدى . ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە قىلماقچى
ئىكەنلىكىنى بىلىپمۇ ، نىيەت شەكىللەنمىگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ .
بارلىق ئىماملار نىيەتنى ئاۋازلىق سۆزلەش ۋە ئۇنى تەكرارلاشنىڭ دىندا
بەلگىلەنمىگەنلىكىگە بىردەك قوشۇلدى . بەلكى كىمكى ئۇنىڭغا ئادەتلەنسە ، ئۇ
تەربىيلىنىشى ھەمدە بىدئەت بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلماسلىققا ۋە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ
باشقىلارغا دەخلى قىلماسلىققا نەسىھەت قىلىنىشى لازىم . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ
.
[ « چوڭ فەتىۋالار » 1 214، 215 ]