ئىسلامدىكى دىنى تەبرىكلەشلەر ۋە بايراملارنى بىلمەكچىدىم .

مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
بىز مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئىككىلا بايرام بار : رامىزاندىن كىيىنكى روزا ھېيت ، ۋە
چوڭ ھەج كۈنىدىكى قۇربان ھېيت ، بىز بۇ ئىككى بايرامدا ئۆزئارا تەبرىكلىشىمىز ،
خۇشاللىقنى كىڭەيتىمىز ھەمدە بالا-چاقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچىمىز . بىراق ئەڭ مۇھىمى ،
بىز ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىنى تەكبىيرۋە تەھلىيل (لائىلاھە ئللەلاھ دىيىش) بىلەن ياد
ئىتىمىز ، ۋە ئىككى ھېيىت نامىزى ئوقۇيمىز . ھەمدە بىزنىڭ بۇ ئىككى بايرامدىن باشقا
يىلنىڭ مۇئەييەن كۈنلىرىنى تەبرىكلەش كۈنىمىز يوق .
ئەلۋەتتە ، بۇنىڭدىن باشقا ئىسلام شەرىئىتى مۇۋاپىق تەبرىكلەشكە بۇيرىغان خۇشاللىق
مۇناسىۋەتلەر بار ، مەسىلەن ، توي بولغاندا ياكى بىر بالىنىڭ تۇغۇلۇش مۇناسىۋىتى
بىلەن ئالاھىدە تائامغا يىغىلىش . قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ كۈنلەر يىلدىكى مۇئەييەن
كۈنلەرگە خاس قىلىنمىغان ؛ بەلكى ئۇلار مۇسۇلماننىڭ ھايات باسقۇچىدا يۈز بەرگەندە
تەبرىكلىنىدۇ .