مەن ئەزاندىن بۇرۇن ، ئىقامەتتىن بۇرۇن ، ئەزاندىن كىيىن ۋە ئىقامەتتىن كىيىن نىمە دەپ دۇئا قىلىدىغىنىمىزنى بىلمەكچىمەن .

مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
1- ئەزاندىن بۇرۇن قىلىنىدىغان دۇئاغا كەلسەك ، بىلىشىمچە ئەزاندىن بۇرۇن دۇئا يوق
. ئەگەر ئۇنىڭغا شۇ ۋاقىتتا ئالاھىدە ياكى بىئالاھىدە بولغان سۆز خاس قىلىنسا ،
ئۇنداقتا ئۇ ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت . لىكىن ئۇ شۇنداق توغرا كىلىپ قالغان بولسا
، ئۇنداقتا ھىچقىسى يوق .
2- ئىقامەتتىن بۇرۇن ، يەنى مۇئەززىن ئىقامەت قىلماقچى بولغاندا بولسا ، بۇ ھەقتىمۇ
ھەم بىر مەخسۇس سۆزنى بىلمەيمىز . شۇڭا ئۇ ھەقتە ئىسپات دەلىللەنمەي تۇرۇپ ئۇنى
قىلىش ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت .
3- ئەزان بىلەن ئىقامەتنىڭ ئارىسىدا بولسا ، ئۇ چاغدا دۇئاقىلىش رىغبەتلەندۈرۈلگەن
ۋە مۇستەھەپ .
ئەنەستىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « ئەزان بىلەن ئىقامەت ئارىسىدىكى دۇئا رەت
قىلىنمايدۇ ، شۇڭا دۇئا قىلىڭلار .» [ ئۇنى تىرمىزىي(212) ، ئەبۇ داۋۇد (437)، ۋە
ئەھمەد( 12174) (سۆزى ئۇنىڭ ) نەقىل قىلغان . ھەمدە ئەلبانىي سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا
ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 489 ]
ئەزاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئۇلاپ قىلىشتا ، ئۇنىڭ مەخسۇس شەكلى بار :
ئۇنىڭدىن : جابىر بىن ئابدۇللاھتىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « كىمكى چاقىرىقنى( ئەزاننى)
ئاڭلىغاندا : « ئاللاھۇممە رەببى ھازىھىد دەئېۋەتىت تاممەھ ، ۋەسسەلاتىل قائىمەھ
،ئاتى مۇھەممەدەن ئەل ۋەسىيلەتە ۋەل فەزىيلەھ ، ۋەبئەسھۇ مەقامەن مەھمۇدەن ئەللەزىي
ۋەئەدتەھ » دىسە قىيامەت كۈنى شاپائىتىم ئۇنىڭغا ھالال بولىدۇ . »
[ بۇخارىي نەقىل قىلغان ،589 ]
4- ئىقامەتتىن كىيىنكى دۇئاغا كەلسەك ، ئۇنىڭغا ھىچبىر دەلىل بىلمەيمىز . ئەگەر
سەھىيھ دەلىلسىز مەخسۇس دۇئا قىلىنسا ، ئۇ بىدئەت بولىدۇ .
5- ئەزان قىلىنىۋاتقاندا دۇئا قىلىشقا كەلسەك ، سىزنىڭ مۇئەززىننىڭ دىگىنىدەك
دىيىشىڭىز سۈننەت ، لىكىن : ھەييە ئەلەسسەلاھ ، ھەييە ئەلەل فەلاھ سۆزىدە ، لاھەۋلە
ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دەيسىز .
ئۇمەر بىن خەتتابتىن نەقىل قىلىندى ، ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « مۇئەززىن : ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ
ئەكبەر دىگەندە ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار : ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر دىسە ، ئاندىن
ئۇ : ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەلاھ دىگەندە ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەلاھ دىسە
، ئاندىن ئۇ ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەر رەسۇلۇللاھ دىگەندە ، ئەشھەدۇ ئەننە
مۇھەممەدەر رەسۇلۇللاھ دىسە ، ئاندىن ئۇ : ھەييە ئەلەسسەلاھ دىگەندە ، لاھەۋلە ۋەلا
قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دىسە ، ئاندىن ئۇ : ھەييە ئەلەل فەلاھ دىگەندە ، لاھەۋلە ۋەلا
قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دىسە ، ئاندىن ئۇ :ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر دىگەندە
،اللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر دىسە ، ئاندىن ئۇ : لا ئىلاھە ئىللەللاھ دىگەندە ،
لا ئىلاھە ئىللەللاھ دىسە ، چىن قەلبىدىن دىسە جەننەتكە كىرىدۇ . » [ مۇسلىم نەقىل
قىلغان ، 385 ]
6- ئىقامەت قىلىنىۋاتقاندا دۇئا قىلىشقا نىسبەتەن : بەزى ئالىملار ئۇنى ئەزانغا
ئوخشاش ، شۇڭا سۆزلەرنى تەكرارلاش مۇستەھەپ دەپ قارىدى. باشقا ئالىملار بولسا ئۇنى
مۇستەھەپ دەپ قارىمىدى ، چۈنكى ئىقامەت سۆزلىرىنى تەكرارلاش ھەققىدىكى ھەدىيس ئاجىز
بولغاچقا . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا : مۇھەممەد بىن ئىبراھىيىم «فەتىۋالاردا( 2136) «،
ۋە پېشىۋا ئۇسەيمىين» شەرھى مۇمتىئېدا( 284) «.
خاتا ئىشلارنىڭ بىرى : مۇئەززىن : قەد قامەتىس سەلاھ دىگەندە ، ئەقامە ھەللاھ ۋە
ئەدامەھەللاھ دىيىش . چۈنكى ئۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىيس ئاجىز .
ئەبۇ ئۇمامە ياكى پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)
بەزى ساھابىلىرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، : » بىلال ئىقامەت قىلىشنى باشلىدى ، شۇنىڭ
بىلەن ئۇ قەد قامەتىس سەلاھ دىگەندە ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن): « ئەقامە ھەللاھ ۋە ئەدامەھەللاھ » دىدى . ۋە ئىقامەتنىڭ قالدى
يەرلىرىنى ئۇمەرنىڭ ئەزان ھەققىدىكى ھەدىيسىگە ئوخشاش دىدى . [ ئۇنى ئەبۇ داۋۇد
نەقىل قىلغان ، 528 . بۇ ھەدىيس بولسا : ھافىز ئىبنۇ ھەجەر » التلخيص الحبير » ( 1
/ 211 ) .دە ئاجىز دەپ تۈرگە ئايرىغان .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .