مەن ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلەيمەن ( ھەمدە ئۇ مىنىڭ ئانا تىلىم) ھەمدە مەن ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشكە ئۇرىنىۋاتىمەن . مەن فاتىھە سۈرىسىنى مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن ئۆگەنگەن . لىكىن بەزى ھەرىپلەر بار ، ئۇلارنى تەلەپپۇز قىلالمايمەن ۋە بەزىلىرى بار ، ئۇلارنى خاتا تەلەپپۇز قىلىمەن . مەن فىقھى كىتاپلىرىنىڭ بىرىدە فاتىھەنىڭ ھەرىپلىرىدە خاتالىشىش ئۇنىڭ نامىزىنى بىكار قىلىۋىتىدۇ دەپ ئوقۇغان . ھەمدە مەن قىرائىتىمنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر قىسىم لىنتىغا ئىلىنغان قىرائەتلەرنى تىڭشاشقا تىرىشىۋاتىمەن . بىراق يەنىلا خاتالىشىۋاتىمەن ھەمدە قىرائىتىمنىڭ قانچىلىك ناچارلىقى ھەققىدە ئويلىنىمەن . قىرائەت قىلىش جەريانىدا ھەرىپلەرنىڭ تەلەپپۇزنى توغىرلاش ئۈچۈن كۆپ توختايمەن ھەمدە كۆپ ھاللاردا فاتىھەنى بىر قىتىمدىن كۆپ تەكرارلايمەن . شۇڭا مەن نىمە قىلىشىم كىرەك ؟
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
1- ئالىملارنىڭ توغرا سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا ، فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش نامازدىكى
بىر ئەركان بولۇپ ، ئۇنى ئوقۇش ئىمام ، ئەگەشكۈچى ،ۋە يالغۇز ئوقۇغۇچىغا ۋاجىپ .
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن) : « كىمكى بىر ناماز ئۆتەپ ، ئۇنىڭدا قۇرئان ئانىسىنى ئوقۇمىسا ،
ئۇنداقتا ئۇ (ناماز) كەمتۈك » دەپ ئۈچ قىتىم دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ھۇرەيرىگە : »
بىز ئىمامنىڭ كەينىدە بولساقچۇ؟ » دىيىلدى . ئۇ : » ئۇنى ئىچىڭدە ئوقۇغىن . چۈنكى
مەن ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق
دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم : « ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دىدى : « نامازنى مىنىڭ بىلەن
بەندەمنىڭ ئارىسىدا تەڭ ئىككىگە بۆلدۈم . ھەمدە بەندەمگە ئۇ سورىغان نەرسە بار
بولىدۇ . شۇڭا بەندە: الحمد لله رب العالمين ( مەدھىيە دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى
ئاللاھقا بولسۇن ) دىسە ، ئۇلۇغ ئاللاھ : بەندەم مىنى مەدھىيلىدى ، دەيدۇ . ھەمدە
ئۇ : الرحمن الرحيم ( مىھرىبان ، رەھىملىك) دىسە ، ئاللاھ : بەندەم مىنى
تەرىپلىدى ، دەيدۇ . ھەمدە ئۇ : مالك يوم الدين ( قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىدارى )
دىسە ، ئۇ : بەندەم شان-شەرىپىمنى كۆتۈردى ، يەنە بىر قىتىمدا : بەندەم ماڭا ئەل
بولدى ، دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : إياك نعبد وإياك نستعين (ساڭىلا ئىبادەت
قىلىمىز ھەمدە سەندىنلا ياردەم تەلەپ قىلىمىز ) دىسە ، ئۇ : بۇ بولسا مىنىڭ بىلەن
بەندەمنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ ھەمدە بەندەمگە سورىغان نەرسىسى بار بولىدۇ . شۇنىڭ
بىلەن ئۇ : اهدنا الصراط المستقيم . صراط الذين أنعمت عليهم غير المغضوب عليهم
ولا الضالين ( بىزنى تۈز يولغا يىتەكلىگىن . غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ، ياكى
ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس ، سەن نىئېمەت بەرگەنلەرنىڭ يولىغا (يىتەكلىگىن ) .)
دىسە ، ئۇ : بۇ بولسا بەندەم ئۈچۈن ، ھەمدە بەندەمگە سورىغان نەرسىسى بار بولىدۇ ،
دەيدۇ .» » » .
[ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 395 ]
ھەمدە نامازخان ئۇنى ئەرەب تىلى بىلەن توغرا يۇسۇندا ئوقۇشى لازىم ، چۈنكى بىز
قۇرئاننى ئۇنىڭ چۈشكەن ھالىتىدە ئوقۇشقا بۇيرۇلغان .
2- تىلىدا كەمتۈكلۈك بولغانلىقتىن ، ياكى غەيرى ئەرەب بولغانلىقتىن ئۇنى توغرا
تەلەپپۇز قىلالمايدىغان كىشى كۈچىنىڭ يىتىشىچە تەلەپپۇزىنى توغىرلاشنى ئۆگىنىشى
لازىم .
ئەگەر قىلالمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭدىن ساقىت بولىدۇ ، چۈنكى ئاللاھ كىشىلەرگە
ئۇلارنىڭ تاقىتىدىن سىرتىنى بۇيرىمايدۇ .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن :
«ئاللاھ كىشىگە پەقەت ئۇنىڭ تاقىتى دائىرسىدىكىنىلا بۇيرىيدۇ . »
[ بەقەرە( ئىنەك) : 286 ]
3- فاتىھەنى ئوقۇشتىن پۈتۈنلەي ئاجىز كەلگەن ، ياكى ئۇنى ئۆگىنىشتىن ئاجىز كەلگەن
ياكى ئۇ ئەمدى مۇسۇلمان بولغان ھەمدە ناماز ۋاقتى كىرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇنى
ئۆگىنىشكە يىتەرلىك ۋاقىت يوق كىشى بولسا ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى ھەدىيستىكى چىقىش
يولى بار :
نەقىل قىلىندىكى ، ئابدۇللاھ بىن ئەۋفا مۇنداق دىگەن : » بىر كىشى پەيغەمبەرنىڭ
(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قېشىغا كىلىپ : ئى ئاللاھ
ئەلچىسى ، ماڭا قۇرئاندىن ماڭا يىتەرلىك بولىدىغان بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويغىن ،
چۈنكى مەن ئوقۇيالمايمەن . » دىدى . ئۇ : « سەن : » سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ
، ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا
بىللاھ » دىگىن »، دىدى . ئۇ كىشى قولىنى يۇمۇش بىلەن ( كۆپ نەرسىنى
ئۆگىنەلمەيدىغانلىقى كۆرسىتىپ ) ئىشارە قىلدى . ھەمدە : » بۇ بولسا پەرۋەردىگارىم
ئۈچۈن ، مەن ئۈچۈنچۇ ؟ » دىدى . ئۇ : « سەن : » ئاللاھۇممە ئىغفىرلىي ، ۋەرھەمنىي ،
ۋەھدىنىي ، ۋەرزۇقنىي ، ۋە ئافىنىي » دىگىن » دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر
قولىنى يۇمۇش بىلەن ئىشارە قىلدى ھەمدە ئورنىدىن تۇردى .»
[ نەسائىي ( 924) ، ئەبۇ داۋۇد( 832) نەقىل قىلغان. ئۇنىڭ ئىسنادى مۇنزىرىي
تەرىپىدىن » تەرغىيب ۋە تەرھىيب» تا بەلەن دەپ تۈرگە ئايرىلغان ، 2430 . ھافىز بىن
ھەجەر » تەلخىيس ئەل ھەبىير» دە ئۇنى ياخشى ھەدىيس دەپ كۆرسەتكەن ، 1236 ]
ئىبنۇ قۇددامە ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دىگەن :
» ئەگەر بىر كىشى قۇرئاندىن ھىچنىمىنى بىلمىسە ، ھەمدە ناماز ۋاقتى چىقىپ كىتىشتىن
بۇرۇن ئۇنى ئۆگىنەلمىسە ، ئۇنداقتا ئۇ :» سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ ، ۋە لا
ئىلاھە ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ »
دىيىشى كىرەك . چۈنكى ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلدىكى ، بىر كىشى پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ
تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)قېشىغا كىلىپ : » مەن قۇرئاندىن ھىچ نەرسىنى
ئۆگىنەلمەيۋاتىمەن ، شۇڭا ماڭا يىتەرلىك بولىدىغان بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويغىن .»
دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : « سەن : » سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ ، ۋە لا ئىلاھە
ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ » دىگىن »،
دىدى . ئۇ : » بۇ بولسا ئاللاھ ئۈچۈن ، مەن ئۈچۈنچۇ ؟ » دىدى . ئۇ : « سەن : »
ئاللاھۇممە ئىغفىرلىي ، ۋەرھەمنىي ، ۋەھدىنىي ، ۋەرزۇقنىي ، ۋە ئافىنىي » دەيسەن »
دىدى .
ھەمدە ئۇنىڭ بۇ ئالدىنقى بەش ئىبارىدىن ئوشۇق دىيىشى لازىم ئەمەس ، چۈنكى پەيغەمبەر
(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) پەقەت شۇنىلا دىگەن ، ھەمدە ئۇ
ئۇنىدىن كۆپرەكنى سورىغاندا ، ئاندىن ئۇنىڭغا كوپرەك دەپ بەردى .
( ئىبۇ قۇددامەنىڭ سۆزى تۈگىدى .)
بىراق ئەگەر بىر كىشى فاتىھەنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا ئوقۇيالايدىغان بولسا ، ئۇ
ئاشۇ ئوقۇيالايدىغىنىنى ئوقۇشى لازىم . ھەمدە ئۇ ياخشى ئوقۇيالايدىغىنىنى تەكرار
ئوقۇشى ( يەنى ، ئۇنىڭ ئوقۇيالايدىغىنىنىڭ جەمىئي سانى فاتىھەنىڭ ئايەتلىرىنىڭ
سانىغا تەڭ يەتتە ئايەت بولغۇچە ) لازىم .
ئىبنۇ قۇددامە مۇنداق دىگەن :
ئۇنىڭ » سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ ، ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر
، ۋە لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ » دىيىشى يىتەرلىك ، چۈنكى
پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : «
قۇرئاندىن نىمىنى بىلسەڭ ، شۇنى ئوقۇ ، ئۇنداق بولمىسا ، ئاللاھنى مەدھىيلە ، ئۇنىڭ
بىرلىكىنى جاكارلىغىن ھەمدە ئۇنى ئۇلۇغلىغىن . » [ ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلغان .]
» المغني » ( 1 / 289 ، 290 )
سىزنىڭ ئەگەر نامازخان فاتىھەنىڭ بىر ھەرىپىنى خاتا تەلەپپۇز قىلسا ، نامازنىڭ
بىكار بولۇپ كىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئوقۇغىنىڭىز ھەممىگە ئومۇم ئەمەس . فاتىھەدىكى
ھەر قانداق بىر خاتالىق نامازنى بىكار قىلمايدۇ ؛ بەلكى فاتىھەدىن مەلۇم نەرسە
چۈشۈرلۈپ قويۇلمىسىلا ، ياكى تەلەپپۇز مەنىسىنى بۇرىۋىتىدىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىپ
كەتمىسلا ئۇ بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نامزنىڭ بىكار بولۇپ كىتىشى
ھەققىدىكى ھۆكۈم فاتىھەنى توغرا ئوقۇيالايدىغان ياكى ئۇنى ئۆگىنەلەيدىغان لىكىن
قىلمايدىغانلارغا قارىتىلغان .
ئۇنداق قىلالمايدىغانلارغا كەلسەك ، ئۇلار ئۇنى قۇربىنىڭ يىتىشىچە ئوقۇيدۇ ، ھەمدە
ئۇ ئۇلارغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ، چۈنكى ئاللاھ كىشىگە ئۇنىڭ تاقىتىنىڭ سىرتىدىن
بۇيرىمايدۇ . ئالىملار تەرىپىدىن قارار قىلىنغان ئاساسىي پىرىنسىپلارنىڭ بىرى بولسا
ئاجىزلىق بىلەن ۋاجىپ يوق .
المغني (2/154) كە قاراڭ .
ھەمدە بۇ ھالەتتە ئۇ كۈچىنىڭ يىتىشىچە فاتىھەنى ئوقۇشى ئاندىن ئۇنىڭغا قوشۇپ »
سۇبھانەللاھ ، ۋەل ھەمدۇ لىللاھ ، ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھ ، ۋاللاھۇ ئەكبەر ، ۋە لا
ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ » دىيىشى لازىم ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇ فاتىھەدىن كەم
قويغانلىرىنى تولۇقلايدۇ . المجموع (3/375) . كە قاراڭ .
ھەمدە ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيەدىن( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن)
مۇنداق دەپ سورالغان :
» فاتىھەنى خاتا تەلەپپۇز قىلىدىغان بىرسىنىڭ نامىزى بىكار بولامدۇ –يوق ؟ «
ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەن :
» ئەگەر بىر كىشى فاتىھەنى مەنىسىنى بۇرىۋەتمەيدىغان دەرىجىدە خاتا تەلەپپۇز قىلسا
، ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ ، مەيلى ئۇ ئىمام بولسۇن ياكى يالغۇز نامازخان بولسۇن
.
بىراق مەنىسىنى بۇرىۋىتىدىغان خاتا تەلەپپۇز قىلىشقا كەلسەك ، ئەگەر كىشى ئۇنىڭ
مەنىسىنى بىلسە ،مەسىلەن ، ئەگەر ئۇ : صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتُ عَلَيْهِمْ
يەنى ،» ئەنئەمتە» نى » ئەنئەمتۇ دىسە ھەمدە ئۇ بۇ ئالماشنىڭ بىرىنچى شەخىستە
ئىكەنلىكىنى بىلسە ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس . ھەمدە ئەگەر ئۇ ئۇنىڭ مەنەنى
بۇرىۋىتىدىغانلىقىنى بىلمىسە ھەمدە بۇ ئالماش ئىككىنچى شەخىس بىرلىك دەپ ئويلىغان
بولسا ، ئۇنداقتا بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ ھەرخىل قارىشى بار . ھەمدە ئاللاھ ياخشى
بىلىدۇ . »
مجموع الفتاوى (22/443) .
ھەمدە يەنە نامازدا زىبەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدىغان سۆزنى زىر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش
ھەققىدە سورالدى .
ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەردى :
ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلسە ھەمدە ئۇنى قەستەن قىلسا ، ئۇنداقتا
ئۇنىڭ نامىزى بىكار بولىدۇ ، چۈنكى ئۇ نامىزىنى ئويناۋاتىدۇ . لىكىن ئۇ ئۇنى
بىلمىسە ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ نامىزى ئالىملارنىڭ ئىككى قارىشىنىڭ بىرىگە ئاساسلانغاندا
بىكار بولمايدۇ . »
مجموع الفتاوى (22/444) .
شۇڭا ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان سىڭلىم ، سىز قاتتىق تېرىشىشىڭىز ھەمدە ئۇنى داۋاملىق
مەشىق قىلىشىڭىز كىرەك . سىز ئۇنى ئۇنى ياخشى ئوقۇيالايدىغان يەنە بىر مۇسۇلمان
ھەمشىرىگە ئوقۇپ كۆرۈش ، لىنتىلاردىكى ياكى رادىئودىكى ماھىر قارىلار ئوقۇغان
قىرائەتلەرنى تىڭشاش ئارقىلىق ئۇنى قىلالايسىز .
ئۇ ھەقتە ئەنسىرەش ، غەم قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، چۈنكى ئاللاھ كىشىلەرنىڭ
قەلبىدىكىنى بىلىدۇ ، ھەمدە ئۇ كىمنىڭ قاتتىق تېرىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە كۈچ سەرپ
قىلىۋاتقىنىنى ، ۋە كىمنىڭ ھورۇن ، بىخۇدلىقىنى بىلىدۇ .
سىز قۇرئان ئوقۇش جەھەتتە بايقىغان قىيىنچىلىق سىزنىڭ ياخشىلىقلىرىڭىز ۋە
ساۋاپلىرىڭىزنى ئاشۇرىدۇ . نەقىل قىلىندىكى ، ئائىشە ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى
بولسۇن) مۇنداق دىگەن : » ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق
ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىدى : « قۇرئان ئوقۇشتا ماھىر كىشى ئىسىل ۋە ئىتائەتمەن
پۈتۈكچىلەر( يەنى ، پەرىشتىلەر) بىلەن بىللە بولىدۇ . ھەمدە قۇرئاننى ئوقۇيدىغان ،
ھەمدە ئۇ ئۇنىڭغا قىيىن كەلگەنلىكتىن ئۇنى ئوقۇشقا كۈچ سەرىپ قىلىدىغان كىشى ئىككى
ئەجىرگە ئىگە بولىدۇ . » » . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 798 ]
نەۋەۋىي ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دىگەن :
» ئۇنى ئوقۇشقا كۈچ سەرپ قىلىدىغان كىشى بولسا ئۇنى ياخشى يادلىيالمىغانلىقتىن
قىرائىتىدە دۇدۇقلايدىغان كىشى . ئۇ ئىككى ئەجىرگە ئىگە بولىدۇ : ئۇنى
ئوقۇغانلىقىغا ئەجىر ھەمدە ئۇنى ئوقۇشقا كۈچ سەرپ قىلغىنىغا ئەجىر . «
ئايەتلەرنى بىر قىتىمدىن ئوشۇق تەكرارلاشنىڭ ھاجىتى يوق ، چۈنكى بۇ بولسا پەيغەمبەر
( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) قىلغان ياكى ئۆگەتكەن نىمە
ئەمەس . بەلكى ئۇ ۋەسۋەسىگە ئىشىك ئاچىدۇ ، نامازنى كىمەيتىۋىتىدۇ ، دىققىتىنى
چاچىدۇ ، ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئويلاشتىن قويىدۇ ، ھەمدە شەيتاننى خۇش قىلىدۇ .
چۈنكى ئۇ ئۇنىڭدىن نامازخاننىڭ ئاخىرى ناماز ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن ئۇنى
قىيناشقا يول تاپالايدۇ . بىراق ئاللاھ ئەڭ مىھرىبان ۋە رەھىملىك ، ھەمدە ئۇ بىزگە
ئۆزىمىزدىنمۇ بەكرەك رەھىملىك ، ھەمدە ئۇ بىزگە تاقىتىمىز يەتمەيدىغان نىمىنى
ئارتمايدۇ .
