ئەلھەمدۇ لىللاھ ، مەن بىر دىنىمنى ئىسلامغا ئۆزگەرتكۈچى . مىنىڭ ئائىلەم يەنىلا خىرىستىئان . مىنىڭ قېرىندىشىم توي قىلماقچى، ھەمدە بۇ، تاماقتىن كىيىنكى چېركاۋدىكى دىنىي خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مەن ئائىلەمگە بۇ دىنىي خىزمەتلەرگە قاتنىشالمايدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم. مەن ئىسلامنىڭ ئايالىم ۋە بالام بىلەن بۇ تائامغا ئىشتىراك قىلىشىمغا رۇخسەت قىلامدۇ-يوق بىلمەكچىمەن ، چۈنكى ئۇ يەردە بەزى خىرىستىئانلارغا تائام بىلەن ھاراقلار ئەكىلىنىدۇ . ئەگەر رۇخسەت قىلىنمىسا ، ماغا نىمە مەسلەھەتىڭلار بار. دەلىل بىلەن جاۋاپ بەرسەڭلار.
بۇ مەسىلە ئىنتايىن مۇھىم ، چۈنكى مەن دادامدىن[ئۇنىڭ ئىختىيارى بىلەن] 7 يىل ياتلىشىپ يۈردۈم ھەمدە مەن ئۇلارنى ئىسلامغا تەكلىپ قىلماقچى .
جەزاكەللاھۇ خەيرەن .
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
بىز ئاللاھنى سىزنى ئىسلامغا يىتەكلىگەنلىكى ئۈچۈن مەدھىيلەيمىز ھەمدە ئۇنىڭدىن
سىزنىڭ ئىسلامدا چىڭ تۇرىشىڭىزغا ياردەم قىلىش ، ئائىلىڭىزنى ئىسلامغا يىتەكلەش
ئارقىلىق نىئمىتىنى تاماملىشىنى سورايمىز .
2- سىز چىركاۋدىكى دىنى خىزمەتلەرگە قاتناشماي توغرا ئىشنى قىلغىلىۋىتىپسىز ، چۈنكى
غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ، ئاز بولغاندا ئېغىر گۇناھ ،
ھەمدە كاپىرلىققا ئىلىپ بارىدۇ .
3- تاماقلارغا قوشۇلۇپ ھاراق ئەكىلىنىدىغان قېرىندىشىڭىزنىڭ توي زىياپىتىگە
قاتنىشىشىڭىزغا كەلسەك ، بىز ئۆزىڭىز ئېيىتقاندەك قاتناشماسلىققا نەسىھەت قىلىمىز .
ئاللاھ دەيدۇ : «…. ، ﺋﯧﺴﯩﯖﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺯﺍﻟﯩﻢ ﻗﻪﯞﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ
ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﯩﻐﯩﻦ » ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )
مۇنداق دىگەن : « سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كىمدە-كىم بىر ئەسكى ئىشنى كۆرسە ،ئۇنى قولى
بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇ قىلالمىسا ، ئۇنداقتا تىلى بىلەن بولسۇن، ئەگەر ئۇ
قىلالمىسا ، ئۇنداقتا قەلبى بىلەن بولسۇن – ھەمدە ئۇ ئەڭ ئاجىز ئىيمان . » (مۇسلىم
نەقىل قىلغان ، 49 ) .
سىز بۇ ئىشلارغا ئىشتىراك قىلغىنىڭىزدا ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا سىز ئۇ ئەسكى
ئىشلارنى قولىڭىز ياكى تىلىڭىز بىلەن ئۆزگەرتەلمەيسىز-سىزنىڭ قىلالايدىغىنىڭىز
بولسا قەلبىڭىز بىلەن ئۆزگەرتىشلا خالاس ، ھەمدە سىز ئىشتىراك قىلىپ قالسىڭىز
ھەقىقەتەن ئۇنداق قىلالمايسىز.
پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن :
ئاللاھقا ۋە كىيىنكى كۈنگە ئىشىنىدىغان كىشى ھاراق ئىچىلىدىغان شىرەدە ئولتۇرمىسۇن
.» ( ئەھمەت نەقىل قىلغان ، 14241، ھەمدە ئەلبانىي[ إرواء الغليل ]دە ئۇنى توغرا
ھەدىس دەپ تۈرگە ئايرىغان . )
چەكلىنىشنىڭ سەۋەبى ئىنىق تۇرۇپتىكى ، سىزنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرىشىڭىز
-سىزنىڭ بۇ ئەسكى ئىشنى توغرا قارىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ .
4- بۇ چەكلەنگەن ئىشلاردىن باشقا ، ناۋادا قېرىنداش بۇ مۇرەسسەلەرنى قىلسىڭىز، بۇ
سىزنىڭ ئائىلىڭىزنى ئىسلامغا ئۈندەش تىرىشچانلىقىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىدۇ .
ئۈندىگۈچى ئۆزىگە ۋە پەرۋەردىگارىغا قانچە سەمىمىي بولسا ، ئۇنىڭ باشقىلارنى ئۈندەش
تىرىشچانلىقلىرى شۇنچە ئۈنۈملۈك بولىدۇ . بىراق ئۇ مۇرەسسە قىلسا ، مەيدانى
تۇراقسىزلىق قىلسا ، بۇ ئۇنى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىشەنچىسىز كۆرسىتىپ قويىدۇ .
ئاللاھ ياخشى بىلگۈچى.
