مەن بولسام بىر دانىيەلىك يىگىت . مەن ئىسلامغا خېلىدىن بىرى قىزىقىپ كەلدىم . ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ بىر مۇسۇلمان بولۇشنى خالايدىغانلىقىمنى پۈتۈنلەي جەزىملەشتۈرىدىغان بىر باسقۇچقا يىتىپ بولدۇم .مىنىڭ سۇئالىم تۆۋەندىكىچە :
مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن خەتنە قىلدۇرۇشۇم كىرەكمۇ ( بۇنى مەن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن ) ھەمدە ئۇ قانداق ئورۇنلىنىدۇ ؟ ئۇنى دوختۇر ياكى ئىمام ئارقىلىق قىلدۇرىمەنمۇ ياكى ئۆزۈم قىلىمەنمۇ ؟
– مەن مۇسۇلمان بولغىنىمدا ئىسمىمنى ئۆزگەرتىش راستىنلا بىر خۇشاللىق ئىش دەپ ھىس قىلىمەن . بىراق مەن تۆۋەندىكى ئىسىملارنىڭ قايسىسىنى سىلەر مىنىڭ يىڭى بىرىنچى ئىسمىم بولۇشقا ئەڭ مۇناسىپ دەپ قارايدىغانلىقىڭلارنى بىلمەكچىمەن :
– قاسىم ، ئاسىم ، تەيمۇللاھ ياكى سەييىد
خېتىمغا جاۋاپ ئېرىشەلىسەم ھەقىقەتەن تولىمۇ خۇشال بولغان بولاتتىم .

مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن
بارلىق مەدھىيە سىزنى بۇنىڭغا يىتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇن . ناۋادا سىزنى ئاللاھ
يىتەكلىمىگەن بولسا توغرىغا يىتەكلەنمەيىتتىڭىز . سىزنىڭ دىنىمىزغا كىرىشكە بولغان
قىزىقىشىڭىز بىز ئۈچۈن بۇ كېچەئەڭ خۇشاللىق خەۋەر . بىز ئاللاھتىن سىزنىڭ ئىسلامغا
مۇۋەپپىقىيەت بىلەن كىرىشىڭىزنى ھەمدە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرىشىڭىزنى سوراينىز .
سىزنىڭ بىرىنچى سۇئالىڭىزغا كەلسەك ، خەتنە قىلدۇرۇش سىزگە زىيان كەلتۈرمەيدۇ ،
شۇڭا سىز ئۇنى تەجىربىسى ۋە ماھارىتىگە ئىشىنىدىغان دوختۇرغا قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ .ئەگەر
ئۇ سىزگە زىيان پەيدا قىلىدىغان بولسا ، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۇنى قىلىشىڭىز لازىم
ئەمەس ھەمدە ئۇ ئاللاھ خالىسا ، سىزنىڭ ئىسلامىڭىزغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .

ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە كەلسەك، بىلىڭكى ، ئاللاھقا ئەڭ ياقىدىغان ئىسىملار :
ئابدۇللاھ ( ئاللاھنىڭ قۇلى ياكى ئىبادەتچىسى) ھەمدە ئابدۇررەھمان( مىھرىبان
ئاللاھنىڭ قۇلى ياكى ئىبادەتچىسى) . بۇ بىزگە مۇسلىم نەقىل قىلغان پەيغەمبەرنىڭ(
ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئىشەنچىلىك ھەدەيسىدە كەلگەن ،
3975 .
ئەگەر سىز بىزنىڭ سىز كۆرسەتكەن ئىسىملارنىڭ بىرىنى تاللاپ بىرىشىمىزنى ئويلىسىڭىز
، ئۇنداقتا سىز ئاسىمنى قوللىنىڭ ، ئۇنىڭ مەنىسى : قوغدىغۇچى ، ساقلىغۇچى ،مۇھاپىزەتچى
، مۇداپىئەچى .
ئاللاھتىن سىزگە بۈيۈك ئىسلامنىڭ سايىسىدا بەخىتلىك ، ياخشى تۇرمۇشنى سورايمىز .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد