زۇلھەججىنىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى ئالدىراپ، تاش ئاتماي ۋە ۋىدا تاۋاپىمۇ قىلماي قايتىپ كەتكەن كىشىنىڭ ھەججى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  

جاۋاپ:

  

بارلىق
گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى
بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى
ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت
ۋە
سالاملىرى بولسۇن.

  

شەيخ
ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق
دەيدۇ:

«ئۇ
كىشىنىڭ قىلغان ھەججى توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەجنىڭ
پەرىزلىرىنى تەرك قىلمىدى، لېكىن ئۇ ئون ئىككىنچى كېچىسى
مىنادا قونماسلىق بىلەن ھەجنىڭ ۋاجىپلىرىدىن ئۈچنى تەرك
قىلدى.

  

بىرىنچىسى:

ئون ئىككىنچى
كېچىسى مىنادا قونۇش.

 

ئىككىنچىسى:
ئون ئىككىنچى كۈنى شەيتانلارغا تاش ئېتىش.

 

ئۈچىنچى:

ۋىدا تاۋاپى.

  

ئۇ
كىشى تەرك قىلغان ھەر بىر ۋاجىپ ئۈچۈن بىردىن قوي ئۆلتۈرۈپ،

ئۇنى مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە
ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشى كېرەك.
[«ئىسلام
ئاساسلىرى پەتىۋاسى»
566-
بەت].

  
ھەرقانداق كىشى ھەجنىڭ
ۋاجىپلىرىدىن بىرنى تەرك قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە قان ۋاجىپ
بولىدۇ، ئۇنى مەككىدە ئۆلتۈرۈپ شۇ
يەردىكى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ
بېرىدۇ.