سىلەرنىڭ تور بېكىتىڭلاردا ئەرەپات كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ماقالىلارنى ئوقۇدۇم. بۇ توغرىمۇ؟ ئەگەر توغرا بولسا، بىز 9 كۈن روزا تۇتامدۇق ياكى 10 كۈنمۇ؟ چۈنكى زۇلھەججىنىڭ 10- كۈنى ھېيت بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    بارلىق گۈزەل
مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    زۇلھەججە ئېيىدا 9
كۈن روزا تۇتۇش ياخشى. 
بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە،  پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: «كۈنلەر
ئىچىدە ئاللاھ تائالاغا زۇلھەججە ئېيىنىڭ
ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى
ئەمەللەردىنمۇ بەكرەك ياخشى
كۆرۈنىدىغان ئەمەل يوق، دېگەندە،
ساھابە كىراملار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ يولىدا
جىھاد قىلىشمۇ بۇنىڭغا يەتمەمدۇ؟ دېۋىدى،
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ يولىدا جىھاد
قىلىشمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدۇ، ئەمما بىر
كىشى ئۆزىنىڭ جىنى ۋە مىلى بىلەن ئاللاھ يولىدا
جىھادقا چىقىپ قايتمىغان بولسا (يەنى ئۇرۇشتا شېھىت
بولۇپ كەتكەن بولسا) بۇ ھەممىدىن ياخشى،» دېگەن.
[بۇخارى رىۋايىتى 969-ھەدىس].

    ھۈنەيدە
ئىبنى خالىد ئايالىدىن، ئۇ ئايال
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى
ئاياللىرىدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام
زۇلھەججە ئېيىدىكى ئاۋۋالقى 9 كۈن،
ئاشۇرا كۈنى، ھەر ئايدا ئۈچ كۈن يەنى
ئاينىڭ ئاۋۋالقى دۈشەنبە كۈنى
ۋە كىيىنكى ئىككى پەيشەنبە كۈنلىرىدە
روزا تۇتاتتى،» دېيىلگەن. [ئىمام ئەھمەد
21829-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد2437-ھەدىس. ئىمام
زەيلەئى نەسبۇررايە ناملىق ئەسىرى 2-توم
180-بەتتە بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن.
شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ
دېگەن].

     ھېيت
كۈنى روزا تۇتۇش كەسكىن چەكلىنىدۇ، بۇ
توغرىدا ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام
روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرى روزا
تۇتۇشنى چەكلىگەن.» [بۇخارى
1992-ھەدىس. مۇسلىم-رىۋايىتى 827].

      ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى
ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ
چەكلەنگەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن.

     بۇ ئون
كۈن ئىچىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەر باشقا
كۈنلەردە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىن
ئەۋزەل. ئەمما روزا تۇتۇش پەقەت
9- كۈنىگىچە بولۇپ، 10-كۈنى ھېيت
كۈنىدۇر، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش
چەكلىنىدۇ. 

     يۇقىرىدا
بايان قىلىنغان ھەدىسلەرگە ئاساسەن،
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى 10
كۈنىدە روزا تۇتۇش دېمەكتىن 9 كۈن
مەقسەت قىلىنىدۇ، 10 كۈن دەپ بايان قىلىش بولسا
كۆپ قوللىنىش يولىغا ئاساسەن دېيىلگەن.
[نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى
1176-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى
بىلگۈچىدۇر.