دۇرۇد تاج ، دۇرۇد لاخىي ۋە دۇرۇد تۇناجىينا قاتارلىقلارغا ئوخشاش دۇرۇدلارنى ئوقۇش بىدئەتمۇ ؟

مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
بۇ دۇرۇدلاردىكى نەرسىلەر ھەققىدە بىر نەرسە بىلمەيمىز ، بىراق بىز سىزگە نىمىنىڭ
ئىسلامدا بەلگىلەنگەن نەرسە ۋە نىمىنىڭ بىدئەتلىكىنى بىلىشىڭىز ئۈچۈن سىز
ئەگىشىدىغان بىر قىسىم كۆرسەتمىلەرنى سىزگە ئېيتىپ بىرەلەيمىز :
1- ئەڭ ياخشى ۋىردلار بولسا پەيغەمبەردىن نەقىل قىلىنغان سۆزلەر ، چۈنكى ئاللاھ
ئۇنىڭغا پەقەت ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ياخشىسىنى تاللىغان ، ھەمدە پەيغەمبەرمۇ
ئۇممىتىگە پەقەت شۇنى تاللىغان .
2- كىشى پەيغەمبەرگە شەرىئەتتە نەقىل قىلىنمىغان سۆزلەر ئارقىلىق ، ئەگەر ئۇ سۆزلەر
پەيغەمبەر ھەققىدە ئاشۇرۋىتىش ، ياكى پەيغەمبەرنى شىپى قىلىپ ئاللاھقا دۇئا قىلىش ،
ياكى ئاللاھنى قويۇپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش قاتارلىق چەكلەنگەن ھەرقانداق بىر نەرسىنى
ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلا بولسا ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ تەرىپلىشىنى سورىسا بولىدۇ .
3- ئاللاھنى ياد ئەتكۈچى(زىكرى قىلغۇچى) سەھىيھ دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغانلىرىدىن
سىرىت ، زىكرى قىلىشقا مۇئەييەن ۋاقىت ، سان ياكى شەكىل بەلگىلىمەسلىكى كىرەك ،
چۈنكى ئاللاھقا ، ئۇ كىتابىدا ياكى پەيغەمبىرىنىڭ تىلىدا بەلگىلىگەن شەكىلدىن
باشقىسىدا ئىبادەت قىلىنمايدۇ .
4- ئىبادەت چوقۇم ئىبادەتنىڭ ئۆزى ، شەكلى ، ۋاقتى ۋە مىقدارى جەھەتتە شەرىئەتتە
بەلگىلەنگەن بولۇشى كىرەك . كىمكى تېكىستى پەيغەمبەردىن نەقىل قىلىنمىغان ۋىردنى
قوللىنىدىكەن ھەمدە ئۇنىڭغا مۇئەييەن سان بىكىتىدىكەن، ياكى ئۇنى قىلىشقا مۇئەييەن
ۋاقىت بىكىتىدىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ بىدئەتنى سادىر قىلغان بولىدۇ .
ئالىملار بۇ بىدئەتنى بىدئەتۇ ئىزافە( قوشۇلما بىدئەت) دەپ ئاتىدى ، چۈنكى بۇ
ئىبادەتنىڭ ئۆزى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭغا شەكىل ، قىتىم سانى
ياكى قاچان قىلىنىشى جەھەتتە بىر قىسىم يىڭى نەرسىلەر قېتىلغان بولىدۇ .
سىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىز كىرەككى ، بارلىق ياخشىلىق پەيغەمبەردىن نەقىل
قىلىنغان نەرسىگە ئەگىشىشتە بولىدۇ . كىمكى بۇ سۈنئىي ۋىردلارنى ئوقۇيدىغانلارنى
تەتقىق قىلسا ئۇلارنىڭ ئادەتتە پەيغەمبەردىن نەقىل قىلىنغان ئەتتىگەن ۋە كەچلىك
زىكرىلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ۋىردلارنى قىلىشقا توغرا كەلگەندە سەل قارايدىغانلىقىنى
بايقايدۇ ، بۇ بەزى پىشقەدەملەردىن(سەلەفلەردىن) نەقىل قىلىنغان نەرسىنى ، يەنى
كىشى بىر بىدئەتنى پەيدا قىلسىلا ، شۇنىڭغا ئوخشاش بىر سۈننەتنى تاشلايدۇ .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .