ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ،
بۇ ،جۈمە كېچىلىرى ياسىين سۈرىسىنى توپ بولۇپ ئوقۇش ھەققىدىكى 2237 -سۇئالغا قارىتىلغان . ئەمەلىيەتتە، مەن سىز تىلغا ئالغان ھەدىيسنى ، يەنى ، پەيغەمبەر (ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن : « كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرىپنى ئوقۇسا ، بىر ياخشىلىققا(مۇكاپاتقا) ئىگە بولىدۇ ، ھەمدە ھەر بىر ياخشىلىق 10 ھەسسىلىنىدۇ . مەن ، [ئەلىيف لام مىيم] نى بىر ھەرىپ دىمەيمەن ، بەلكى ئەلىيف بىر ھەرىپ ، لام بىر ھەرىپ ، مىيم بىر ھەرىپ .» نى دىمەكچىمەن . مەن بىلمەكچىمەنكى، بۇ ھەدىيس ، ئۆزىنىڭ ئوقۇۋاتقىنىنى ھەقىقى چۈشىنىش ئۈچۈن باشقا بىر تىلدىكى قۇرئاننى ( يەنى، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى) ئوقۇغۇچىغىمۇ راستمۇ ؟ رەھمەت !
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
بىز ئاللاھتىن قېزىقىشىڭىزغا سىزنى مۇكاپاتلىشىنى سورايمىز . سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا
كەلسەك ، ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئەجىر قۇرئان مەنىلىرىنىڭ باشقا تىللاردىكى
تەرجىمىسىنى ئوقۇغۇچىغا ئەمەس ، پەقەت قۇرئاننى ئەرەپ تىلى ھالىتىدە ئوقۇغۇچىغىلا
ئېيتىلغان . شۇنداقتىمۇ بىر ئادەم قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ھەمدە ئايەت دەۋاتقان
نەرسىلەردىن مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەنە تەرجىمىسىنى ئوقۇسا ، ئۇنداقتا ئۇمۇ
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىدۇ . چۈنكى مۇسۇلمان
يەشمىنى(تەفسىر)نى ئوقۇش بىلەن ئەجىرگە ئېرىشىدۇ ، تەرجىمە – تەفسىردۇر . لىكىن
تەرجىمىنى ئوقۇغۇچى ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان ئەجىرگە ئېرىشىدۇ دەيدىغانغا دەلىل يوق
. ئاللاھنىڭ سېخىيلىقى( پەزلى) كاتتىدۇر . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەت سالىھ مۇنەججىد
