بىز قانداق قىلغىنىمىزدا ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن بىر ئىشقا يولۇقماستىن كاپىرلاردىكى نەرسىدىن پايدىلىنالايمىز ؟ ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى [مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەر ] دىگەن ئۇقۇم بۇ ماۋزۇنى دائىرسىگە كىرگۈزەمدۇ ؟
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
پېشىۋا[ شەيىخ] مۇھەممەد ئۇسەيمىين ئوغلى [ ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن ] مۇنداق
دىگەن : ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز ، كاپىرلارنىڭ ئىشلىرى
تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ :
1- ئىبادەت ئىشلىرى
2- قائىدە-يۇسۇنلىرى
3- ھۈنەر-سەنئەتلىرى
ئىبادەت ئىشلىرىغا كەلسەك ، ئۇ ھەممىگە ئايانكى ،ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ
ئۇلارنىڭ ئىبادەت ئىشلىرىنى دوراشقا بولمايدۇ . كىمكى ئۇلارنىڭ ئىبادەت ئىشلىرىنى
دورايدىكەن ، ئۆزىنى چوڭ خەتەرگە سالغان بولىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنى كاپىرلىققا ۋە
ئسلامدىن چىقىپ كېتىشكە باشلاپ بارىدۇ .
قائىدە-يۇسۇنلارغا كەلسەك ، مەسىلەن ، كىيىم-كىچەك قاتارلىقلار، بۇ جەھەتتە ئۇلارنى
دوراش ھارام، چۈنكى پەيغەمبەر [ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ]
مۇنداق دىگەن :«بىر خەلقنى دورىغۇچى كىشى – شۇلارنىڭ بىرىدۇر. »
ھۈنەر-سەنئەتلەرگە كەلسەك ، ئەگەر ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەر
بولسا ، ئۇلار قىلغان نەرسىنى ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمىزنىڭ ھىچقانداق
خاتا يېرى يوق . بۇ ئۇلارنى دوراش دائىرسىگە كىرمەيدۇ ، بەلكى ئۇ پايدىلىق
ئىشلاردىن بەھرىمان بولۇشنىڭ بىرى ھەمدە ئۇنى قىلغۇچى ئۇلارنى دورىغۇچى دەپ
قارالمايدىغان ئىش.
ئەمما سۇئال سورىغۇچىنىڭ [ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى [مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتى
ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان نەرسىلەر ] دىگەن ئۇقۇم بۇ ماۋزۇنى دائىرسىگە كىرگۈزەمدۇ ؟]
دىگەن سۇئالىغا كەلسەك ، بىز دەيمىزكى، ئومۇمى مەنپەئەت ئۇقۇمىنى مۇستەقىل دەلىل
قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ ، بەلكى بىز دەيمىز ، ئەگەر بىز مەلۇم بىر ئىشنىڭ
مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان بۇ نەرسىلەرنىڭ ماۋزۇسى
دائىرسىگە كىرىدۇ دەپ جەزىملەشتۈرسەك ،ئاندىن ئۇنىڭغا بىر شەرئىي دەلىل بولسا ،
ئۇنداقتا ئۇ شەرىئەتنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ .
بىراق شەرىئەت بۇ ئىشنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىسا ، ئۇنداقتا ئۇ
ئومۇمى مەنپەئەت دائىرسىگە كىرمەيدۇ ، گەرچە ئۇنى قىلغۇچى ئۇنى كىرىدۇ دىگەن
تەقدىردىمۇ .
ئەگەر ئۇ بۇمۇ ئەمەس ، ئاۋۇمۇ ئەمەس بولسا ،ئۇنداقتا بىز ئاساسى پىرىنسىپقا
مۇراجىئەت قىلىمىز . ئەگەر ئۇ ئىبادەت ئىشى بولسا ئۇنداقتا ئاساسى پىرىنسىپ –
ئىبادەت ئىشى چەكلىنىدۇ ؛ ئەگەر ئۇلار ئىبادەت ئىشى بولمىسا ، ئۇنداقتا ئاساسى
پىرىنسىپ – ئۇلار رۇخسەت . شۇنىڭ بىلەن ، شۇ ئىنىق بولدىكى ، ئومۇمى مەنپەئەت
ئۇقۇمىنى مۇستەقىل دەلىل قىلىنمايدۇ .
ئۇسەيمىين ئوغلى [ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن] جورىمىلىرى[فەتىۋالىرى] توپلىمىدىن
ئىلىندى [340] .
