بىر مۇسۇلمان ئەر مۇنداق دەيدۇ : مەن بىر كاپىرغا قۇرئان مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسىنىڭ بىر نۇسخىسىنى بەرمەكچى بولدۇم ، لىكىن ئۇ : ئەگەر سەن ئەرەپچە ئىنجىلنىڭ بىر نۇسخىسىنى مىنىڭدىن ئالمىساڭ ، ئۇنى سېنىڭدىن ئالمايمەن ، ھەمدە سەن ئىنجىلنى ئوقۇمىغىچە ئۇنى ئوقۇمايمەن ، دىدى . ئۇنى قىلىمەنمۇ-يوق ؟

مەدھىيە
ئالللاھقا بولسۇن .
بىز بۇ سۇئالنى پېشىۋا مۇھەممەت بىن سالىھ ئۇسەيمىينگە سۇنغانىدۇق ، ئاللاھ ئۇنى
ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ، ئۇ تۆۋەندىكىچە جاۋاپ بەردى :
ئۇ ئۇنى قىلماسلىقى كىرەك ، چۈكى ئىنجىل مۇسۇلمانغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ،، لىكىن بۇ ئۇ
رەزىل ئادەمگە ھىچ قانداق تەسىر قىلمايدۇ ، چۈنكى ئۇ ، مۇسۇلماننىڭ ئىنجىلنىڭ
نۇسخىسىنى ئىلىشىنى مەقسەت قىلغان . شۇڭلاشقا ئۇ ئۇنىڭغا قوشۇلماسلىقى كىرەك .ئەگەر
ئۇ توغرىغا ماڭسا ، ئۆزىنىڭ پايدىسىغا بولىدۇ ، ھەمدە ئۇ ئازسا ، ئۆزىنىڭ زىينىغا
بولىدۇ .
سۇئال :
ئۇنى ئوقۇشقا كۆڭلىدە ئەمەس ، ئېغىزىدا يالغاندىن قوشۇلسىچۇ ؟
جاۋاپ :
ئۇ ھىچقانداق نەرسىگە قوشۇلمايدۇ ، چۈنكى بۇ ھىلىقى ئادەمنى پەخىرلەندۈرىدۇ .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
مۇھەممەت بىن سالىھ ئۇسەيمىين