كىتاپلار ھەققىدە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى نىمە ؟
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
كىتاپلار ھەققىدە ئىشىنىش تۆۋەندىكى تۆت ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
بىرىنچى : ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن چۈشكەنلىكى، ھەمدە ئاللاھنىڭ
ئۇلار ئارقىلىق سۆز قىلغانلىقى ھەققىدە قەتئىي ئىشىنىش . بەزىلىرى پەرىشتە ئەلچىنىڭ
ۋاستىسىسىز پەردە ئارقىسىدىن ئاڭلانغان ، ۋە بەزىلىرىنى پەرىشتە ئەلچى ئادەم
ئەلچىگە يەتكۈزگەن ، ۋە بەزىلىرىنى ئاللاھ ئۆز قولى بىلەن يازغان . خۇددى ئاللاھ
ئېيىتقاندەك : « اللة هةر قانداق ظادةمضة صةقةت ؤةهيع ظارقعلعق ياكع صةردة
ظارقعسعدعنلا ياكع بعر ئەلچىنى ظةؤةتعص ظأز ظعزنع بعلةن ظذنعثغا خالعغان ؤةهيعنع
قعلعش ظارقعلعقلا سأز قعلغان. اللة هةقعقةتةن (مةخلذقلارنعث سىصةتلعرعدعن)
ظىستىندذر، دانادۇر . » [ شۇرا( كىڭىشىش ) : 51 ] ، « ھەمدە ئاللاھ مۇساغا سۆز
قىلدى .» [ نىسا( ئاياللار) : 164 ]
ئاللاھ تەۋرات ھەققىدە مۇنداق دىگەن : « بعز ظذنعث ظىحىن(تةؤرات)تاختعلعرعغا
ؤةز-نةسعهةت،(دعنعي)ظةهكاملارنعث هةممعسعنع تةصسعلعي يازدذق .» [ ئەئېراف( ئىگىزلىك)
: 145 ]
ئىككىنچى : ئاللاھ ئىسمى بىلەن تىلغا ئالغان كىتاپلارنى ئىسمى بويىچە ئىشىنىشىمىز
لازىم. ئاللاھ قۇرئاندا ئاتىغان كىتاپلار بولسا : قۇرئان ، تەۋرات ، ئىنجىل ، زەبۇر
ھەمدە ئىبراھىم ۋە مۇسا سەھىيپىلىرى .
ئاللاھ ئومۇمى ئاتالغۇ بويىچە تىلغا ئالغانلىرىنى ، ئومۇمى ئاتالغۇ بويىچە
ئىشىنىشىمىز لازىم . شۇڭا بىز ئۇلار ھەققىدە ئاللاھ ئەلچىسىگە دىيىشكە بۇيرىغاننى
دەيمىز : « ھەمدە ئېيىتقىنكى ، ئاللاھ چۈشۈرگەن كىتاپلار ھەققىدە ئىشەندىم .» [
شۇرا( كىڭىشىش): 15 ]
ئۈچۈنچى : ئۇ كىتاپلارنىڭ توغرا خەۋەرلىرىگە ، مەسىلەن : قۇرئان خەۋەرلىرى ،ۋە
بۇرۇنقى كىتاپلاردىكى بۇرمىلانمىغان ياكى ئۆزگەرتىلمىگەن خەۋەرلەرگە ئىشىنىش .
تۆتىنچى : ئاللاھنىڭ قۇرئاننى بۇ كىتاپلارغا گۇۋاھچى سۈپىتىدە ھەمدە ئۇلارنى
تەستىقلىغان ھالدا چۈشۈرگەنلىكى ھەققىدە ئىشىنىش .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن :
« بعز ساثا ظأزعدعن ظعلضعركع (ساماؤع)كعتابلارنع ظئتعراص قعلغذحع ؤة ظذلارغا شاهعت
بولغذحع هةق كعتابنع (يةنع قذرظاننع)نازعل قعلدذق .»
[ مائىدە(داستىخان) : 48 ]
تەپسىرشۇناسلار دەيدۇكى ، شاھىت بولغۇچى(مۇھەيمىنەن) : ئۆزىدىن ئىلگىركى كىتاپلارغا
گۇۋاھچى دىگەنلىك . ئىتراپ قىلغۇچى( مۇسەددىقەن لەھا) : ئۇلاردىكى توغرا بايانلارنى
ئىتراپ قىلىدۇ . ئۇلاردا سادىر بولغان ھەر قانداق ئۆزگەرتىلىش ، بۇرمىلىنىش ۋە
ئالماشتۇرلۇشنى ئىنكار قىلىدۇ ، ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇن –ئەھكاملىرىنى بىكار قىلىدۇ ،
يەنى ئەمدى يۈرگۈزۈلمەيدۇ ھەمدە يىڭى قانۇن- ئەھكاملار جاكارلاندى دىگەنلىك .
شۇڭلاشقا ئىلگىركى كىتاپلار ئىسىلغۇچى ھەمدە كەينىگە داجىپ كەتمىگەن ھەر قانداق
كىشى ئۇنىڭغا ئىگىلىدۇ . ئاللاھ ئېيىتقاندەك :
« قذرظاندعن ظعلضعرع بعز كعتاب)يةنع ظعنجعل،تةؤرات)نازعل قعلغانلار)يةنع ناسارا ؤة
يةهذدعيلارنعث مأمعنلعرع)قذرظانغا ظعشعنعدذ﴿52﴾.ظذلارغا قذرظان تعلاؤةت قعلعنغان
حاغدا،ظذلار:« بعز قذرظانغا ظعشةندذق.شىبهعسعزكع،ظذ صةرؤةردعضارعمعز تةرعصعدعن
نازعل بولغان هةقعقةتتذر.بعز هةقعقةتةن بذنعثدعن بذرذن مذسذلمان ظعدذق » دةيدذ .»
[ قەسەس(ھىكايىلەر) : 52-53 ]
بارلىق ئۇممەت قۇرئانغا ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ئەگىشىشى ، ئۇنى چىڭ تۇتۇشى ھەمدە
ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشى ۋاجىپ . ئاللاھ مۇنداق دىگەن :
« بذ بعز نازعل قعلغان (قذرظان)مذبارةك كعتابتذر، ظذنعثغا ظةضعشعثلار،(ظذنعثغا
مذخالعصةتحعلعك قعلعشتعن) ساقلعنعثلار .»
[ ئەنئام ( چاھارپايلار ) : 155 ]
كىتاپنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشنىڭ مەنىسى : ئۇنىڭدىكى ھالالنى
ھالال دەپ قاراش ، ھارامنى ھارام دەپ بىلىش ، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ،
توسۇقلىرىدىن ساقلىنىش ، ۋەز-نەسىھەتلەرگە دىققىتىنى بىرىش ، ئۇنىڭ ھىكايىلىرىدىن
ئىبرەت ئىلىش ، ئۇنىڭ مەنىسى ئوچۇق ئايەتلىرىنى چۈشۈنۈش ، مەنىسى ئىنىق بولمىغان
ئايەتلىرىنى ئاللاھقا قويۇش ، ئۇنىڭ چەكلىمىلىرىدە توختاش ،ئۇنى يادلاش ، تىلاۋەت
قىلىش ، ئۇنىڭ ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى مۇلاھىزە قىلىش ، كېچە-كۈندۈز نامازلاردا ئۇنى
ئوقۇش ، ئۇنىڭ بارلىق مەنىلىرىگە سەمىمى بولۇش ، شۇنداقلا ئۇنى چۈشەنگەن ھالدا
باشقىلارنى ئۇنىڭغا چاقىرىش .
بۇ ئىشىنىش بەندىگە كاتتا مىۋىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ . مۇھىملىرى :
1- ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشىنىش . چۈنكى ئۇ ھەر بىر خەلقكە
ئۇلارنىڭ توغرىغا يىتەكلىنىشى ئۈچۈن كىتاپ چۈشۈردى .
2- ئاللاھنىڭ قانۇن- شەرىئەت تۈزۈشتە دانالىقىنى بىلىش . چۈنكى ئۇ ھەر بىر خەلقكە
تۈزۈپ بەرگەن قانۇن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا ماس كىلىدۇ . ئاللاھ دىگەندەك : « سىلەرنىڭ
ھەر بىرىڭلارغا بىر قانۇن ۋە ئوچۇق يول بەلگىلىدۇق . »
3- بۇ كاتتا نىئېمەت ئۈچۈن ئاللاھقا تەشەككۈر ئېيتىش مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىش .
4- قۇرئاننى ئوقۇش ، ئۇنى مۇلاھىزە قىلىش ، مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل
قىلىش بىلەن قۇرئانغا كۆڭۈل بىرىشنىڭ ئەھمىيتى .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
[ « ئەئېلام سۇننەتۇل مەنشۇرە» 90-93 ، پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىيننىڭ «ئۈچ ئاساسنىڭ
شەرھى» 91،92 ب گە قاراڭ . ]
