مىنىڭ سۇئالىم پاك ھالەتتە پايپاقلارغا مەسىھ قىلىش ھەققىدىكى ھەدىيس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئىبنۇ خۇزەيمە سەفۋان بىن ئەسسالدىن نەقىل قىلىنغان ھەدىيسكە ئاساسەن مۇنداق دىگەن : » پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بىزنى كەشىمىزنى پاك ھالەتتە كەيگەن بولساق ، مۇساپىرنىڭ ئۈچ كۈن ، مۇقىم كىشىنىڭ بىر كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىشقا بۇيرىدى . »
مىنىڭ سۇئالىم بولسا : ھەدىيستىكى بىر كېچە-كۈندۈزنى 24 سائەت دەپ پەرەز قىلىشقا بولامدۇ ؟ ئىككىنچىسى ، قانداق بىر ۋاقىتتا بولسۇن پاك ھالەتتە پايپاقلىرىمنى كىيىپ ، ئاندىن 24 سائەت مۇددەتكىچە تاھارەت ئالغىنىمدا ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىمەنمۇ ؟ مەسىلەن ، مەلۇم بىر كۇنى كەچ سائەت 11دە پايپاقلىرىمىنى كىيىپ ، ئاندىن ئىككىنچى كۈنى كەچ سائەت 11گىچە تاھارەت ئالغاندا ئۇنىڭغا مەسىيھ قىلسام بولامدۇ ؟
شۇنىڭدەك ، پايپاقنىڭ قايسى قىسمىغا مەسىيھ قىلىنىدىغانلىقىنى دەپ بەرسەڭلار ؟
بىلىمەنكى ، پايپاقنىڭ ئاستىغا مەسىھ قىلىشقا بولمايدۇ . لىكىن پايپاقنىڭ ئىككى يىنى ، كەينى ۋە ئۈستىگە مەسىيھ قىلىشىمىز ۋاجىپمۇ ؟ جاۋاپقا ئېرىشىشنى ئۈمۈد قىلىمەن ، چۈنكى بۇ تۇرمۇشۇمنى تولىمۇ ئاسان قىلاتتى . شۇنىڭدەك تېرەمدە زىيادە سەزگۈرلۈك بار . بۇ ئىشقا سەل قارىسام ، مىنى كۆپ ۋەسۋەسىگە ۋە رازى بولماسلىققا ئىلىپ بارىدۇ .
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
كەشكە ياكى پايپاققا مەسىھ قىلىش ۋاقتىنىڭ باشلىنىشىغا كەلسەك ، ئۇ كەشنى بىرىنچى
قىتىم كەيگەندىن باشلانماستىن ، بەلكى تاھارەتسىزلىكتىن كىيىن مەسىھ قىلىنغان
بىرىنچى قىتىمدىن باشلىنىدۇ . 9640- سۇئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ .
مەسىھنىڭ قانداق بولۇشىغا كەلسەك :» سۇ بىلەن ھۆللەنگەن ئىككى قولنىڭ بارماقلىرى
ئىككى پۇت بارماقلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ ئاندىن پاچاققىچە سۈرۈپ ماڭدۇرلىدۇ ، ئوڭ
پۇت ئوڭ قول بىلەن ، سول پۇت سول قول بىلەن مەسىھ قىلىنىدۇ . مەسىھ قىلغاندا
بارماقلار ئىچىلىدۇ ، مەسىھ قىلىش تەكرارلانمايدۇ .»
[ الملخص الفقهي للفوزان 1/43 ] كە قاراڭ .
پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن : » يەنى ، مەسىھ قىلىنىدىغان ئورۇن بولسا
كەشنىڭ ئۈستى قىسمى بولۇپ ، قول پۇت بارماقلىرىدىن پاچاققىچىلا ماڭدۇرلىدۇ . ھەمدە
مەسىھ قىلىش ھەر ئىككى قول بىلەن ھەر ئىككى پۇتقا بىرلىكتە قىلىنىدۇ ، يەنى ئوڭ قول
ئوڭ پۇتنى سۈرتىدۇ ، ھەمدە بىر ۋاقىتتا سول قول سول پۇتنى سۈرتىدۇ ، خۇددى ئىككى
قۇلاقنى سۈرىتكەندەك . چۈنكى بۇ بولسا سۈننەتنىڭ ئاشكارا مەنىسى . يەنى مۇغىيرە بىن
شۇئېبەنىڭ سۆزى : « ئىككىلىسىگە مەسىھ قىلدى » بولغاچقا ، ھەمدە ئۇ ئوڭ پۇت بىلەن
باشلىدى دىمىدى ، بەلكى : ئىككىلىسىگە مەسىھ قىلدى ، دىدى . سۈننەتنىڭ ئاشكارا
مەنىسى مانا مۇشۇ . شۇنداق ، ناۋادا بىر كىشىنىڭ بىر قولى ئىشلىمەيدۇ دەپ پەرەز
قىلىنسا ، ئۇنداقتا ئۇ سولدىن بۇرۇن ئوڭنى باشلايدۇ . نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەر
ئىككى قولى بىلەن ئوڭ پۇتنى ، ۋە ھەر ئىككى قولى بىلەن سول پۇتنى سۈرتىدۇ ،مىنىڭ
بىلىشىمچە بۇنىڭ ئاساسى يوق . . . ھەمدە كەشنىڭ ئۈستى قانداق شەكىلدە سۈرتۈلسە ، ئۇ
يىتەرلىك . بىراق بىزنىڭ بۇ دىگىنىمىز بولسا ئەۋزىلى . »
[ انظر فتاوى المرأة المسلمة ج/1 ص/250 ] كە قاراڭ .
كەشنىڭ ئىككى يىنىغا ۋە كەينىگە مەسىھ قىلىنمايدۇ ، چۈنكى ئۇنى سۈرتۈش ھەققىدە ھىچ
نەرسە كەلمىگەن .
پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن : » بەزىلەر : كەشنىڭ ياكى پايپاقنىڭ ئاستى
سۈرتىلىشى كىرەك ، چۈنكى ئۇ ئاسان كىر ۋە مەينەت بولىدۇ ، دىيىش مۇمكىن . بىراق بىز
ئۇ ھەقتە ئويلانساق ، پايپاق ئۈستىنىڭ سۈرتىلىشى بەكرەك ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقىنى
بايقايمىز ، چۈنكى بۇ سۈرتۈشنىڭ مەقسىتى تازلاش ئەمەس ، بەلكى ئۇ بىر ئىبادەت .
ئەگەر بىز پايپاقنىڭ ئاستىنى سۈرتىدىغان بولساق ، ئۇنى تىخىمۇ مەينەت قىلىۋىتىدۇ .»
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
[ الشرح الممتع لابن عثيمين ج/1 ص/213. ] كە قاراڭ .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد
