بىر غەيرى ئىسلام دۆلىتىدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئۇ يەردىكى سايلاملارغا قاتنىشىشقا ھەمدە غەيرى مۇسۇلمان سىياسى گۇرۇھ ۋە پارتىيەلەرگە بىلەت تاشلاشقا بولامدۇ دەپ سوراۋاتىدۇ . ئۇلار ئەگەر مەلۇم بىر پارتىيە بۇ سايلاملاردا غەلبە قىلسا مۇسۇلمانلار جامائىتىگە خىزمەت قىلغان بولاتتى دىيشىدۇ ؟
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
بۇ – ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ۋە جايلاردا ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن ھۆكمى
ھەرخىل بولىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ ھەرقانداق رىئال ۋە گۇمانى ئەھۋاللارغا ماس
كىلىدىغان ئومۇمى ھۆكۈم يوق .
بەزى ئەھۋاللاردا بىلەت تاشلاش خاتا، مەسىلەن ، بۇ ئىش مۇسۇلمانلارغا ھىچ قانداق
تەسىرى بولمىسا ، ياكى مۇسۇلمانلار بىلەت تاشلاش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمىسە .بۇ
ئەھۋالدا بىلەت تاشلاش ياكى تاشلىماسلىق ئوخشاشتۇر. ئوخشاشلا بارلىق كاندىداتلار
ئوخشاش ئەسكى ياكى ھەممىسىنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان پوزىتسىيسى ئوخشاش بولغان
ئەھۋاللاردىمۇ ھەم …
ئىسلامنىڭ مەنپەئەتى مۇسۇلمانلاردىن بىلەت تاشلاش ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ
ئەسكىلىكلەردىن ساقلىنىشنى ھەمدە زىيانلىق تەسىرلەرنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلسا ،
مەسىلەن ، ئىككى غەيرى مۇسۇلمان كاندىدات بار ، بىراق بىرى يەنە بىرىگە قارىغاندا
مۇسۇلمانلارغا ئازراق دۈشمەنلىك قىلىدۇ ، ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ سايلام بىلەتلىرى
سايلامنىڭ نەتىجىسىگە تەسىرى بار . بۇنداق ئەھۋاللاردا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز بىلىتىنى
ئەسكىلىكى ئازراق بولغان كاندىداتقا تاشلىسا چاتاق يوق .
قانداقلا بولمىسۇن ،بۇ، پايدا- زىياننى ئۆلچەش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىدىغان
ئىجتىھاد مەسىلىسى .شۇ ڭا بۇنى بۇ پرىنسىپنى چۈشىنىدىغان بىلىملىك كىشىلەرگە
مۇراجىئەت قىلىشىمىز لازىم. ھەمدە بىز سۇئالنى ئۇلارغا ، مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان
دۆلەتتىكى ئەھۋاللار ۋە قانۇنلارنى ، كاندىداتلارنىڭ ئەھۋالىنى ، بىلەتنىڭ
مۇھىملىقىنى ، بولغۇسى پايدىلىرى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن ھالدا
قويىشىمىز لازىم .
ھىچكىم بىلەت تاشلاشقا بولىدۇ دىگۈچى كىشىنى كاپىرلىقنى قوللىغۇچى ياكى ئۇنى
يۆلىگۈچى دەپ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ . ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىنغان ،
ھەرگىزمۇ كاپىرلىقنى ياكى ئۇنىڭ ئەھلىنى سۆيگەنلىكتىن بولمىغان . ئۆز ۋاقتىدا
مۇسۇلمانلار رىملىقلار پارىسلارنى مەغلۇپ قىلغاندا خۇشال بولغان ، شۇنىڭدەك
ھەبەشىستاندىكى(ئىفىئوپىيە)مۇسۇلمانلار نەجاشى ئۆزىنىڭ پادىشالىقىنى تالاشقۇچىلارنى
مەغلۇپ قىلغاندا خۇشال بولغان . بۇ تارىختا مەلۇم. كىمكى بىخەتەر تەرەپتە بولۇشنى
ھەمدە بىلەت تاشلاشتىن ۋاز كېچىشنى خالىسا بۇمۇ رۇخسەت . بۇ جاۋاپ پەقەت تەسىرى بار
ئورۇنلاردىكى شەخىسلەرنى سايلاشقا ماس كىلىدۇ . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلگۈچى .
