ھەج قىلغۇچى ھەج ئىبادىتىنى قىلىش ئۈچۈن بارغاندا قۇربانلىق قىلىش زۆرۈرمۇ؟، قۇربانلىق يۇرتىدىمۇ قىلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  

جاۋاپ:

  

بارلىق
گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى
بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى
ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت
ۋە

سالاملىرى بولسۇن.

1-
ھەج: يالغۇز ھەج، تەمەتتۇ ھەج ۋە
قىران ھەجدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.

يالغۇز
ھەج

قىلغۇچى
پەقەت ھەجنىلا قىلىدۇ،
ھەج تەمەتتۇ قىلغۇچى دەسلەپتە ئۆمرە
قىلىپ
بولۇپ

ئېھرامدىن چىقىپ،

كىيىن

ھەج
قىلىدۇ، قىران
ھەج
قىلغۇچى بولسا بىر ئېھرام
بىلەن ھەج بىلەن ئۆمرىنى بىراقلا ئادا قىلىدۇ، ئۇنىڭ
ھەج-ئۆمرىسى ئۈچۈن بىر تاۋاپ ۋە بىر سەئيى
كۇپايە قىلىدۇ.

   

ئۇرۋە
ئىبنى زۇبەيردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئائىشە
رەزىيەللاھۇ

ئەنھا
مۇنداق دەيدۇ:

«بىز پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام
بىلەن زۇلھەججە
ئېيىنى
ئۇدۇللاپ
يولغا چىقتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ئۆمرە
قىلىشنى
ياخشى
كۆرگەنلەر
ئۆمرىنى نىيەت قىلسۇن، ھەج
قىلىشنى ياخشى كۆرگەنلەر
ھەجنى نىيەت قىلسۇن، مەن
قۇربانلىق ئېلىپ
كەلمىگەن بولسام ئۆمرىنى نىيەت قىلاتتىم
دېگەن، ساھابىلاردىن
بەزىسى ئۆمرىنى يەنە بەزىسى ھەجنى نىيەت
قىلدى.»

[بۇخارى
رىۋايىتى 1694-ھەدىس.

مۇسلىم
رىۋايىتى 1211-ھەدىس].

2-
يالغۇز ھەج دېگەن دەسلەپتە ئۆمرە
قىلماستىن پەقەت ھەجلا
قىلىش

بولۇپ،
يالغۇز ھەجنىلا قىلغۇچىغا
ھەج

ئۈچۈن
ھەدىيە

بوغۇزلاش
ۋاجىپ ئەمەس،

ئەمما بوغۇزلىسا ياخشى.

3-
تەمەتتۇ ۋە قىران

ھەج

قىلغۇچىلارغا مال بوغۇزلاش زۆرۈر بولۇپ،
ھەج قىلغۇچى پەرۋەردىگارىنىڭ
ئۆزىگە
بۇ ئىبادەتنى

بەلگىلىگەنلىكىگە
شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن قىلىدىغان
ھەجنىڭ
ھەدىيەسىدۇر. تەمەتتۇ ھەجنى

قىلغۇچى ھەج بىلەن ئۆمرىنى

ئادا قىلىدۇ،
ئىككى ئىبادەتنىڭ ئارىسىدا ئېھرامدىن چىقىپ،
كىيىملىرىنى كىيىپ، خۇشبۇي
نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، ئاياللىرىغا يىقىنچىلىق قىلسا
بولىدۇ.

   

سالىم
ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە،
ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە ئۆمرى بىلەن ھەجنى
بىللە
قىلدى،
زۇلھۇلەيفە
دېگەن
جايدىن ئۆزى بىلەن بىرگە قۇربانلىق ھەدىيە ئېلىپ
كەلدى، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام
ئاۋۋال ئۆمرىنى،
كىيىن ھەجنى
نىيەت قىلدى، كىشىلەرمۇ پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە
ئۆمرە
ۋە

ھەج
قىلدى، كىشىلەرنىڭ
بەزىسى قۇربانلىق ئۈچۈن چارۋا ئېلىپ ماڭدى، بەزىسى چارۋا ئېلىپ ماڭمىدى،
پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام
مەككىگە كەلگەن ۋاقىتتا كىشىلەرگە:
سىلەردىن چارۋا ئېلىپ كەلگەنلەر ھەج
پائالىيىتىنى تۈگەتكەنگە قەدەر
ئېھرامدا
چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلسا بولمايدۇ، قۇربانلىق
مال ئېلىپ كەلمىگەن بولسا كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋىدە
يۈگۈرۈپ،
ئاندىن
چېچىنى قىسقارتىپ، ئېھرامدىن چىقسۇن، ھەجگە
كىيىن
ئېھرام كىيسۇن، قۇربانلىق مال تاپالمىغانلار ھەج
كۈنلىرىدە ئۈچ كۈن، ئائىلىسىگە قايتقاندا يەتتە
كۈن روزا تۇتسۇن»

دېگەن.

[بۇخارى
رىۋايىتى 1606-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1227-ھەدىس].

4-
ھەدىيە: ھەج قىلغۇچىنىڭ قوي، كالا، تۆگە
قاتارلىق چارۋىلاردىن ئېھرامغا كېرىشتىن ئىلگىرى،

ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىدىن ئاللاھنىڭ بەيتىگە
ئېلىپ كىلىدىغان چارۋىلاردۇر.

تەمەتتۇ

ھەج
بىلەن قىران
ھەجنىڭ ئارىسىدىكى پەرق: قىران

ھەجنى
قىلغۇچى ئۆمرە
قىلىپ بولۇپ
ئېھرامدىن چىقماي زۇلھەججىنىڭ سەككىزىنچى كۈنىگىچە
يەنى ھەج قىلىش نىيىتى بىلەن ئېھرامغا كېرىدىغان كۈنگىچە
ئېھراملىق ھالىتىدە قالىدۇ.

  

سۈننەت
بويىچە قۇربانلىق ھەدىيە زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى
كۈنى يەنى ھېيت كۈنى بوغۇزلىنىدۇ.

  

سالىم
ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە،
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھېجىدە ئۆمرە بىلەن ھەجنى
بىللە
قىلدى،
زۇلھۇلەيفە دېگەن جايدىن ئۆزى بىلەن
بىرگە قۇربانلىق ھەدىيە ئېلىپ كەلدى…….تاۋاپتىن
كېيىن ساپاغا كەلدى ۋە ساپا بىلەن مەرۋە
ئارىسىدا يەتتە قېتىم يۈردى، ئاندىن ئېھرامدىن چىقمىدى،
قۇربان ھېيت كۈنى قۇربانلىق ھەدىيەسىنى بوغۇزلاپ قايتىپ، كەبىنى تاۋاپ قىلغانغا قەدەر
ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلمىدى،
شۇنىڭدىن كېيىن
بارلىق
چەكلەنگەن
ئىشلاردىن
چىقتى….»

[بۇخارى
رىۋايىتى 1606-

ھەدىس.
مۇسلىم رىۋايىتى 1227-ھەدىس].

5-
قۇربانلىق

قىلىش
ھەج

پائالىيەتلىرىدىن
بولغانلىقى

ئۈچۈن
ھاجىلارغا
ئۆز يۇرتىدا
مال بوغۇزلاش لازىم ئەمەس، ئۇ پەقەت مەككىدىلا
بولىدۇ، ھەتتا ھاجىلار ئېھرامدا چەكلەنگەن بەزى
ئىشلارنى قىلىپ سالغانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش لازىم بولغاندىمۇ
بۇنى يۇرتىدا بوغۇزلىمايدۇ،

بەلكى مال بوغۇزلاش مەككىدە ياكى مىنادا
بولىدۇ.

 ئابدۇلئەزىم
ئابادى مۇنداق دەيدۇ:

«ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن بارلىق
قۇربانلىق ھەدىيىلەرنى ھەرەمدە بوغۇزلاشقا
بولىدۇ، لېكىن مىنا
ھەجنىڭ

قۇربانلىقلىرىنى

بوغۇزلاش ئۈچۈن، مەككە
بولۇپمۇ

مەرۋە
ئۆمرە
ئۈچۈن

بوغۇزلىنىدىغان
ھەدىيە
ئۈچۈن
ياخشىراق».

لېكىن
ھاجىلارنىڭ يۇرتىدا ئەھلى-ئەۋلادى بولسا،

ئۇلار ئۈچۈن قۇربان ھېيت كۈنىدە
قۇربانلىق سېتىۋىلىشقا يېتەرلىك ئىقتىساد قويۇپ
كەلگىنى ياخشى. 

ئاللاھ
تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.