بىزگە مەبلىغ ياردەم قىلىپ، خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىڭ. ئاللاھ سىزنى مۇكاپاتلانسۇن.
ھەج قىلىشقا قادىر بولۇشتىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟
الحمد للہ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
ھەج قىلىشقا قادىر بولۇشتىن: سالامەتلىكىنىڭ
ياخشى بولىشى، ھەرەمگە بېرىپ – كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەر تۈرلۈك قاتناش
ۋاسىتىلىرىنىڭ كىراسى، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي قاتارلىقلارغا يەتكۈدەك
ئىقتىسادنىڭ بولىشى ۋە ئائىلىسىدە قالغان كىشىلەرنىڭمۇ قىينىلىپ قالماسلىقى مەقسەت
قىلىنىدۇ.
ئەگەر ئايال كىشى بولسا ئىرى ياكى باشقا
مەھرەملىرى بىلەن بىرگە چىقىشى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
