ئايال كىشى ھەج كۈنلىرىنىڭ ئەۋۋىلىدە مەككىگە كېرىشتىن بۇرۇن ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا قانداق قىلىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

   جاۋاپ:

   بارلىق
گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى
بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى
ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   ھەجنى
مەقسەت قىلغان ھەيىزدار ئايال
ئېھرام كىيىدىغان جايدىن ئۆتمەكچى بولسا ئىھرام كېيىدۇ،
مەككىگە كەلگەندە 
كەبىنى تاۋاپ قىلىش بىلەن ساپا-مەرۋە ئارىسىدا
سەئيى قىلىشتىن باشقا ھاجىلار قىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى
قىلىدۇ، بۇ ئىككىسىنى ھەيىزدىن پاك بولغانغا قەدەر كېچىكتۈرىدۇ،
ئېھرام كېيىپ بولغاندىن كېيىن، كەبىنى تاۋاپ
قىلىشتىن ئىلگىرى ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى
مۇشۇنداق قىلىدۇ.

    ئەمما
كەبىنى تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئادەت كۆرۈپ
قالغان ئايال بولسا، گەرچە
ھەيىزدار بولسىمۇ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلسا
بولىدۇ.

   دائىمىي
كومىتېتى
ئۆلىمالىرىدىن: ئادەت كۆرۈپ قالغان
ئايالنىڭ ھەججى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ
بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئادەت كۆرۈپ قىلىش
ھەج قىلىشتىن چەكلىمەيدۇ، ھەيزدار ھالەتتە
ئېھرام كېيگەن
ئايال كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىن باشقا ھەج پائالىيەتلەرنىڭ
ھەممىسىنى قىلىدۇ، تاۋاپنى ھەيىزدىن پاك بولغاندىن كېيىن
يۇيۇنۇپ قىلىدۇ، نىپاسدار ئاياللارمۇ
شۇنداق قىلىدۇ، ھەجنىڭ پەرىزلىرىنى تولۇق ئادا
قىلغان بولسا قىلغان ھەججى توغرا بولىدۇ». [دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى»
11-توم 172-173-بەتلەر].

شەيخ
مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىين
رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمرىنى
مەقسەت قىلغان ئايالنىڭ گەرچە ئادەت كۆرۈپ
قالغان بولسىمۇ مىيقاتتىن ئېھرامسىز كىرىشى توغرا ئەمەس، ھەيىزدار
ھالەتتە ئېھرام كىيسىمۇ ئېھرامى توغرا بولىدۇ،
بۇنىڭ دەلىلى: «ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى ئەسما بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلىپ زۇلھۇلەيفىگە
چۈشكەندە تۇغدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا: مەن قانداق قىلىمەن؟ دەپ سورىغىلى ئادەم
ئەۋەتكەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: يۇيۇنۇپ، رەختدەك
بىر نەرسە قويۇۋېتىپ ئېھرامغا كىرسۇن» دېگەن.

    ھەيزنىڭ
قېنى نىپاسنىڭ قېنىغا ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن
ھەيز كۆرۈپ قالغان ئايال ھەج-ئۆمرىنى مەقسەت
قىلىپ مىيقاتتىن ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا: «يۇيۇنۇپ،
رەختدەك بىر نەرسە قويۇۋېلىپ، ئېھرام
كىيىڭ» دەيمىز،
لېكىن ئۇ ئايال ئېھرام كېيىپ مەككىگە كەلگەندە،
پاك بولمىغۇچە بەيتۇللاغا كىرمەيدۇ، كەبىنى
تاۋاپ قىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆمرىگە ئېھرام
كېيىپ كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئادەت كۆرۈپ
قالغاندا: «كەبىنى تاۋاپ قىلىش بىلەن ساپا-مەرۋە
ئارىسىدا سەئيى قىلىشتىن باشقا ھاجىلار قىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ
ھەممىسىنى قىلىڭ، تاۋاپنى ھەيىزدىن پاك بولغانغا قەدەر قىلماڭ» دېگەن. [بۇ
ھەدىسنى بۇخارى بىلەن مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].

   بۇخارىنىڭ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان يەنە
بىر رىۋايىتىدە: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پاك بولغاندىن كېيىن كەبىنى تاۋاپ قىلىپ،
ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئى قىلغان» دەپ بايان
قىلىنغان. بۇ ھەدىس: ئايال كىشى ھەيىزدار ھالەتتە ھەج-ئۆمرىگە
ئېھرام كيىگەن بولسا ياكى كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئادەت
كۆرۈپ قالغان بولسا پاك بولۇپ يۇيۇنمىغۇچە
تاۋاپ-ساپا قىلمايدۇ، ئەمما تاۋاپنى پاكىز ھالەتتە
قىلىپ،
تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئادەت كۆرۈپ
قالغان بولسا داۋاملاشتۇرۇپ، ھەيىزدار ھالەتتىمۇ
ساپا-مەرۋە قىلىدۇ، چېچىنى قىسقارتىپ، ئۆمرە
پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ، چۈنكى ساپا-مەرۋە
ئارىسىدا سەئيى قىلىشتا تاھارەت
بولۇش شەرت ئەمەس. [«ھەيز
توغرىسىدىكى 60 سوئال» ناملىق ئەسەردىن 54-سوئال].

  ئاللاھ
تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.